باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • مەلۇم كاتەكچىنى كۈزىتىپ تۇرۇش

    ۋاقىت:2008-06-17 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23066940.html

    ئادەتتە Excel دىكى كاتەكچىلەرگە سان كىرگۈزگەندە ئەگەر بۇ كاتەكچىلەردە فورمىلا بولسا، بىر كاتەكچىدىكى ئۆزگۈرۈش يەنە بىر كاتەكچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: ئەگەر بىز 10A كاتەكچىگە بىر سان كىرگۈزسەك بۇ سان 50A دىكى كاتەكچىگە تەسىر كۆرسەتسە، بىز بۇ چاغدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرماقچى بولساق قانداق قىلىمىز؟ بەلكىم سېرىش تالچىسىنى سېرىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ كۆرىمەن دىيىشىڭىز مۈمكىن، بىراق بۇنداق قىلىش بەكلا ئاۋارىچىلىق بولۇپمۇ قۇر ياكى رەت سانى كۆپ بولغان جەدىۋەللەردە تىخىمۇ شۇنداق. بۇنى ئاددى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:   يەنى 50A –نومۇرلۇق كاتەكچىگە كۈزىتىش نۇقتىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت.ئالدى بىلەن 50A نومۇرلۇق كاتەكچىنى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىمىز، ئىچىلغان تىزىملىكتىن (添加监视点)كۈزىتىش نۇقتىسى قوشۇش دىگەن بۇيرۇقنى تاللىساق، كۈزىتىش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ ھەمدە 50A كاتەكچە ئۈچۈن بىر كۈزىتىش نۇقتىسى قۇرىدۇ. بىز بۇ كۈزىتىش كۆزنىكى ئارقىلىق 50A – نومۇرلۇق كاتەكچىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرالايمىز. مەسىلەن: بىز 10A – نومۇرلۇق كاتەكچىگە بىر سان يازساق، 50A – نومۇرلۇق كاتەكچىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى كۆزنەكتە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.ئەگەر بىز 10A – نومۇرلۇق كاتەكچىگە قايتماقچى بولساق، كۈزىتىش كۆزنىكىدىكى 10A- نومۇرلۇق كاتەكنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىنى ئىككى چەكسەك دەرھاللا 10A- نومۇرلۇق كاتەكچىگە قايتالايمىز. بىز بۇ كۈزىتىش كۆزنىكى ئارقىلىق بىر  قانچە كاتەكچىلەرگە كۈزىتىش نۇقتىسى قۇرساق بولىدۇ.ئەگەر كۈزىتىش نۇقتىسى كۆپ بولۇپ كېتىپ پەرق ئېتىش تەس بولۇپ قالسا، كاتەكچىگە نام قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەرقلەندۈرسەك تىخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.



    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !