باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • يانفون ساھەسىدە بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر

    ۋاقىت:2011-02-27 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/107038022.html

    يانفون ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار

    1. بۇيرۇتۇلغان يانفون( 定制机 ) دېگەن نېمە؟

    بۇيرۇتۇلغان يانفون بولسا سىمسىز ئالاقە كارخانىلىرى خېرىدارلارنىڭ تەلىپى ياكى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارغا، سىرتقى كۆرۈنۈشى، ئىچىلىش-يىپىلىش كۆزنىكى، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كۇنۇپكىلىرى، تىزىملىكنىڭ كۆرسىتىلىشى ۋە باشقا جەھەتلەرگە ئۆلچەم بېكىتىپ، يانفون ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يانفوننىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئوخشاش بىر تىپتىكى بۇيرۇتۇلغان يانفون بىلەن بۇيرۇتۇلمىغان يانفوننىڭ قاتتىق دېتاللىرى ئوخشاش بولۇپ، ئادەتتە بۇيرۇتۇلىدىغىنى يانفون يۇمشاق دېتاللىرى بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدە مۇلازىمەتلىرى قوشۇۋېتىلىپ، ئىستېمالچىلارغا ئاددىي، قۇلاي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    2. كۆچمە خەۋەرلىشىش بۇيرۇتقان يانفۇنغا كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسىنىلا سىلىشقا بولىدۇ. بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بۇيرۇتقان يانفۇنغا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسىنىلا سىلىشقا بولىدۇ دەپ قاراش.

    بۇنداق قاراش پۈتۈنلەي خاتا. بۇيرۇتۇلغان يانفۇن بىلەن يانفۇننىڭ قانداق كارتا ئىشلىتىشى مۇناسىۋەتسىز. يانفۇننىڭ قانداق كارتا ئىشلىتىشى ئۇنىڭ زاۋۇتتىن چىققان چاغدا قانداق يانفۇن تور مۇھىتىنى قوللايدىغانلىقى ياكى خىزمەت چاستوتىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

    3. 3G تىخنىكىسى دىگەن نىمە گەپ؟

    3G ئىنگىلىزچىدىكى 3rd-generation دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى ئۈچىنچى ئەۋلات يەنى ئۈچىنچى ئەۋلات كۆچمە ئالاقە تىخنىكىسىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى.

    3G تېخنىكىسى بولسا، بىرلا ۋاقتتا ئاۋاز ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يوللىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ۋەكىللىك ئالاھىدىكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش. بىرىنچى ئەۋلات( 1G ) تەقلىدى سىگناللىق تور مۇھىتى  ۋە ئىككىنچى ئەۋلات ( 2G ) GSM CDMA سىفىرلىق تور مۇھىتى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئۈچىنچى ئەۋلات ( 3G ) بولسا سىمسىز ئالاقە بىلەن خەلقئارا ئىنتىرنىت تورى قاتارلىق كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن يىڭى بىر ئەۋلات كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسى. ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى ئالاھىدە تىز بولۇپ، تىزلىكى يۇقۇرىسى 3.6Mbit/s سۈرئەت، تۆۋىنى 384kbit /s سۈرئەتگە يەتكۈزۈلگەن.

    4. 3G يانفۇنى قانچە خىل بولىدۇ؟

    ھازىر جۇڭگۇدا ئۈچ خىل 3G يانفۇن مۇھىتى بار. بۇلار بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ WCDMA تورى، كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ TD-CDMA تورى ۋە تىلگىرافنىڭ CDMA2000 تورىدىن ئىبارەت. ھازىرقى 3G يانفۇنلار يۇقارقى ئۈچ خىل 3G   تور مۇھىتىدىن پەقەت بىر خىلنىلا قوللايدۇ.ئاندىن قالسا G 2 تورى ياكى CDMA دىگەندەك يەنە بىر خىل تور مۇھىتىنى قوللايدۇ.

    5. ھازىرقى ھالەتتە بىز يىڭىدىن سىتىۋالغان يانفۇنغا قانداق كارتىلارنى سىلىپ ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن؟

    بۇنىڭدا سىز ئەڭ مۇھىمى سىز سىتىۋالغان يانفۇننىڭ قايسى تور مۇھىتىنى قوللايدىغانلىقى ياكى قايسى خىزمەت چاستوتىسدا خىزمەت قىلىدىغىنىغا   دىققەت قىلىڭ.

    مەسىلەن:

    GSM دىسە بۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ G 2 تورىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    CDMA بولسا جۇڭگۇ تىلىگىرافىنىڭ CDMA نومۇر بۆلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    GSM/WCDMA بولسا، بۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ G 2 تورىنى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G   تورىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    GSM/TD-CDMA بولسا، بۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ G 2 تورىنى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G   تورىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    CDMA/CDMA2000 بولسا، جۇڭگۇ تىلگىرافىنىڭ CDMA نومۇرلىرى ۋە جۇڭگۇ تىلگىرافىنىڭ 3G نومۇرلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    6. دائىم ئىشلىتىلىدىغان يانفۇن نومۇر بۆلەكلىرى قايسىلار؟

    GSM بۆلىكىدىكى نومۇرلار. ( 3G نى قوللىمايدۇ.)

    131 132 134 135 136 137 138 139 151 156 158 159 186 188

    CDMA بۆلىكىدىكى نومۇرلار( 3G نى قوللىمايدۇ.)

    133 153 189

    GSM/WCDMA بۆلىكىدىكى نومۇرلار. ( 3G نى قوللايدۇ.)

    131 132 134 135 136 137 138 139 151 156 158 159 186 188

    GSM/TD-CMDA بۆلىكىدىكى نومۇرلار. ( 3G نى قوللايدۇ.)

    131 132 134 135 136 137 138 139 151 156 158 159 186 188

    CDMA/CDMA2000 بۆلىكىدىكى نومۇرلار. ( 3G نى قوللايدۇ.)

    133 153 189

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !