باش بەت / ساقلايمەن
ئۇقتۇرۇش مەزمۇنى

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇشدىل تورىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى  ، شۇنداقلا جاپاكەش ئاپتورلار ! ياخشىمۇسىلەر ؟
        ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭلارغا بەخت، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بېكىتىمىزدە زىيارەتتە بولغانلىقىڭلار، سەرخىل تېما – ئىنكاسلىرىڭلار بىلەن تور بەتنى ئاۋاتلاشتۇرىۋاتقىنىڭلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ كونا – يېڭى ئەزالارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئايىماي يوللاپ تۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
    مەقسەتكە كەلسەك :
        بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىمىز باشقۇرۇش قوشۇنىنى كۈچەيتىش ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ تور دۇنياسىدىن بېكىتىمىزگە باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ . بۇ بېكەت باشقا مۇنبەر ۋە ئۇنۋېرىسال بېكەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. باشقۇرۇش بېتى خەنزۇچە، مەشغۇلات جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ . شۇڭا بېكىتىمىز باشقۇرغۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تۆۋەندىكىچە :


    1. ئۇنۋېرسال ساپاسى بولۇشى ، يەنى بەلگىلىك يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بولۇشى ، خەنزۇ تىلى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىغا بىر قەدەر پىششىق بولۇشى ، جەمئىيەت ۋە ئەخلاق قارىشى ياخشى ، كوللىكتىپ قارىشى كۈچلۈك ، ئۇيغۇر تور تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ .
    2. ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلالايدىغان بولۇش . چۈنكى تورداشلار يوللىغان تېمىلارنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تەكشۈرۈپ ۋاقتىدا تەستىقلاپ چىقىرىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ .
    3. كۈندە بىر قېتىم تورغا چىقالايدىغان شارائىتقا ئىگە بولۇشى ،  توردا تۇرۇش ۋاقتى كەم دىگەندە 1 سائەتتىن كەم بولماسلىقى كىرەك .
    4. باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغانلار بېكەت تەشۋىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىشى، بېكىتىمىزگە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە يېتەكلەشكە ئاكتىپ كۈچ قوشىشى شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلىق رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، جەلپ قىلارلىق تېمىلىرى، قايىل قىلارلىق ئىنكاسلىرى بىلەن باشقا ئەزالارنى يېتەكلىشى كېرەك.
    5. بېكەت بەلگىلىمىسىگە مۇخالىپ كېلىدىغان تېما ۋە ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ، سەزگۈر مەزمۇندىكى يازمىلارنىڭ تەستىقلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك .
    6. باشقۇرغۇچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئېغىر – بېسىق ، تەمكىن ، ئەستايىدىل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.


        بېكىتىمىزنىڭ يۇقارقى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە توشسىڭىز ، بېكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ۋە تورداشلارنىڭ بىر ئىللىق ماكانى  خۇشدىل ئۈچۈن خىزمەت قىلاي دىسىڭىز ، بىۋاستە بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

     QQ : 810991977    286932983

    خۇشدىل تور گۇرۇپپىسى

    2011.06.15