باش بەت / ساقلايمەن
ئۇقتۇرۇش مەزمۇنى

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، خۇشدىل تور بېكىتىنىڭ ئىخلاسمەن قوللىغۇچىلىرى :

    بېكىتىمىز قۇرۇلۇپ ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، سىلەرنىڭ قوللاپ - قۇۋەتلىشىڭلار ۋە نادىر تېما - ئىنكاسلىرىڭلار بىلەن مەزمۇن جەھەتتىن خېلىلا ئاۋاتلاشتى ۋە سەرخىل تېمىلار كۆپەيدى . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىزچىل  ياردىمىنى ئايىماي ، خۇشدىلنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان جاپاكەش ئاپتورلىرىمىزغا  كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز!

    مەقسەتكە كەلسەك ، تور بېتىمىز ئۇيغۇر تور بەتچىلىدىكى تۇنجى ھېكايە - پوۋېست بېتى بولغاچقا ، بەت سېستىمىسى باشقا بېكەتلەرگە ئوخشىمايدۇ . شۇڭا نۇرغۇن تورداشلىرىمىز تىزىملىتىش ، تېما يوللاش جەھەتلەردە ئاز بولمىغان  قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن  تور بەتكە تىزىملىتىپ كىرگەن ئەزالارنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ " تېما يوللاش يېتەكچىسى " نى تولۇق بىرقېتىم كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .

    كۆرۈش ئادرىسى : ad/qollanma.htm

    تور بەتتە ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك پوۋېست يوللاپ باققانلار يوق . ( باش بەتتىكى پوۋېستلارنىڭ ھەممىسى باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ، قايتا يوللىنىپ چىقىۋاتىدۇ ) شۇڭا ئاپتورلار پوۋېست يوللىغاندا ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلساڭلار :

    1. پوۋېست مەزمۇنىنى يوللاشقا ئالدىرماي ، ئاۋال شۇ پوۋېستىڭىزغا بىر توپلام قۇرىۋېلىڭ . توپلام قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز : شۇ پوۋېست بۆلەكلىرىنى بىر تېما ( مۇقاۋا ) ئاستىغا يىغىش . بۇنداق بولغاندا ، پوۋېست بۆلەكلىرىنىڭ قالايمىقان چېچىلىپ كېتىشىنىڭ ھەمدە ئوقۇرمەنلەر تېما بۆلەكلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇشتەك ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ .

    مەشغۇلات ئۇسۇلى : باش بەتتىن " ئەزالار مەركىزىگە كىرىش" نى بېسىپ ، ئەزالار مەركىزىگە كىرىڭ . ئاندىن " توپلام قۇرۇش " تىن " پوۋېست " نى تاللاپ ، يوللىماقچى بولغان پوۋېستىڭىزنى ماۋزۇسى ھەمدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى ( ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ياكى كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ دېگەندەك ئاپتورنىڭ شۇ تېما توغۇرلۇق دېمەكچى بولغانلىرى ) نى يېزىپ يوللاڭ .

    2. توپلام قۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن " ئەزالار مەركىزى " دىن " ئەسەر يوللاش  - بۆلەكلىك ئەسەر " نى بېسىپ ، پوۋېست مەزمۇنىنى يوللىسىڭىز بولىدۇ . بىر پوۋېستقا بىرلا توپلام قۇرىسىز . بۆلەك مەزمۇنىنى ۋاقىت چىقىرىپ ھەر قېتىم كىرگەندە " بۆلەكلىك ئەسەر " دىن  بىر بۆلەك ، بىر بۆلەكتىن يوللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ . بۆلەك مەزمۇنىنى يوللاپ بولۇپ  " ئەسەر باشقۇرۇش " تىن " ئەسەرلىرىم " نى بېسىپ ، يوللىغان پوۋېست بۆلىكىنىڭ كەينىدىكى " تەۋە توپلام" دىن يوللىغان پوۋېست بۆلىكىڭىزنى ئۆزى تەۋە توپلامغا ئەكىرىپ قويۇڭ .

    يۇقارقى نۇقتىلارغا دىققەت قىلساڭلارلا ، سىلەرنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك " پوۋېست " يوللىيالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز !

     

     

    خۇشدىل تور گۇرۇپپىسى

    2011.06.15