باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-7 04:17 | ئاپتور: سەلتەنەت | مەنبە: ئىجادى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

«ئوتلۇق زىمىن»دىن ئوخچىغان ھېسلار

«ئوتلۇق زىمىن»دىن ئوخچىغان ھېسلار

 

سەلتەنەت

 

ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىنسانلار مەڭگۈ ئوقۇپ تۈگىتەلمەيدىغان كاتتا بۈيۈك قامۇس بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھىكايىلەرنى ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئېيتىپ ئىپادىلەپمۇ يەنىلا تۈگىتەلمەيدۇ. تۈگىمەس ھىكايە ، ھايات ھەقىقەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ھەممىگە تولغان رەڭدار تۇرمۇش ئىنسانلارغا ئىنتايىن يېقىنلىقى بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا باي ئىجادچانلىرىمىز تەرىپىدىن ئوخشىمىغان شەكىل، مەزمۇندا قېزىلىدۇ.
تۇرمۇشتا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بەزى ئىپتىخارلىق چىن ئىنسانى پەزىلەت، بەزى كۆڭۈلسىز، ئەخلاققا يات ، ناچار، رەزىللىك، ناھەقچىلىق خاھىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇنى سەمىمىي، ئەستايىدىل كۆزىتىپ ئوبېكتىپ تۇرمۇشنى ئەدەبىي ئەسەر تۇرمۇش يۈكسەكلىدە مەسئۇلىيەتچانلىق، سەنئەتلىك، ئىدىتلىق ئەكىس ئەتتۈرۈشتە يازغۇچىلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلى، ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، جۈملىدىن  ئەدەبىي دىتى ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن تەسىرلىنىش دائىرىسى، مەزمۇن قاتلىمى پەرقلىق بولۇپ، بەزى ئەسەرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ، ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ئىچىگە غەۋۋاستەك شۇڭغۇپ ئىنتىلسەكمۇ، گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچى سەزگۈر قەلبىمىز قىلچىلىكمۇ ئوتلۇق ئىستەك، گۈزەل ئارزۇ–ئارمان، شۇنداقلا كۈچلۈك ئىسيانكار، يالقۇنلۇق غەزەپ - نەپرەت، ئاچچىق پىغان، يىرگىنىش ھېسلىرىدا ھاياجانلانمايدۇ. بىراق «ئوتلۇق زىمىن» دەك تىلى ئاددى، چۈشىنىشلىك، ئوبراز يارىتىشتىكى تەسۋىرلىرى يارقىن، كونكېرىت، ۋەقەلىكى رىئال تۇرمۇشقا ئەڭ يىقىن ، ئىددىيىۋى نىشاننىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك ئەسەرلەر كىتاپخانلارنى بەدىئىيلىك ھەم ئىددىيىۋىلىك جەھەتتىن مۇئەييەن قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ.
ئىنسان تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ بىرى. ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەبىئىي مۇھىت مەنزىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، شۇ مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگۈچى شەيئىلەر بىلەن مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە بولۇشتىن سىرت، ئۇلاردا مەلۇم بەلگىلىك كۆز قاراش، باغلانما تەسەۋۋۇرلار پەيدا بولىدۇ.
«ئوتلۇق زىمىن» دا، ئاپتور ئىپىك ئەسەرلەردىكى تەسۋىرلەش ئۇسۇلىنىڭ يەنى تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرىنى كونكىرىت ،جانلىق سۈرەتلەپ، ئەسەرنىڭ ئىددىيىۋى مەزمۇنى بىلەن زىچ ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە قىلغان.
«ئوتلۇق زىمىن»دىكى 4-بەتتىكى تۆۋەندىكى تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى بىرىلگەن پارچىغا قاراپ باقايلى:
«شىمالدا، خېلى يىراقتا، قۇت تېغىنىڭ ھاياتلىق بۇلاقلىرى بۇژغۇنلاپ تۇرغان جىرالىرىدىن باشلىنىپ ، جەنۇپقا سوزۇلغان بوستانلىقلارنىڭ بىرى ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ تاكى جەنۇپتىكى چۆلتاغنىڭ شورلۇق باغرىغىچە سوزۇلىدۇ. ئاشۇ تار، ئۇزۇن كەتكەن ئۈزۈك-ئۈزۈك بوستانلىقنىڭ  چۆلتاغقا يانداشقان ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر بۆلىكى قۇمكارىز  دەپ ئاتىلىدۇ. قۇمكارىزنىڭ ئەتراپى  شورلۇق، قۇرغاق تۇپراق بۇلۇپ ، شالاڭ ئۆسكەن چاتقاللار قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇيەر بۇ يەردىكى چوڭ–كىچىك، ئېگىز-پەس قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ شىمالغا قارىغاندا، شىمالدىكى مەھەللىلەر خېلىلا يىراقتا گىرىمسەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ تۈۋىگىلا، ئېتىز بېشىغىلا  كېلىپ قالغان قۇم بارخانلىرى، ئانچە يىراق بولمىغان يەردىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك تىك ھەم ئېگىز قۇم چوققىلار خۇددى ھېلىلا بۇ يۇرتنى يۇتۈۋېتىدىغاندەك سۈرلۈك كۆرۈنىدۇ. مانا مۇشۇنداق قۇرغاقچىلىق، چۆل-باياۋان، شور - دەشتى قۇم ھازىرلا يۇتۈۋېتىدىغاندەك تەھدىت سېلىپ تۇرغان بۇ كىچىككىنە بوستانلىق خۇددى تىلسىمدەك ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.»
  "ئوتلۇق زىمىن "دىكى  تەبىئى مۇھىت تەسۋىرلىرى يەنە پېرسۇناژلار خاراكتىرىنى يارتىشتىمۇ بەلگىلىك مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىرگە، ئەسەرنى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان.
«بۇ ئۆيلەر گەرچە كونا پاسوندا سېلىنغان بولسىمۇ ، ئەمما نېمىشقىدۇر تۈڭلۈك قويۇلمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوران  ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ئۆيلەرنىڭ دىرىزە ۋە ئىشىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئارىلىق ئۆيگە قارىتىپ ئېچىلغاچقا، ئۆيلەر قاراڭغۇ بولغاننىڭ ئۈستىگە زەي پۇراپ تۇراتتى. بۇ ئۆيلەرگە كېيىنچە يەنە قارلىغاچنىڭ كىرىپ ئۇۋىلىشى ئۈچۈن بىر تۈڭلۈك ئىچىلغان بولسىمۇ، تۈڭلۈكلەر قايسى بىر قىشتا سۇلياۋ ۋە كونا پاختىلىق كېيىملەر بىلەن ئېتىپ تاشلانغانچە قايتا ئېچىلمىغانىدى. تۇرسۇن ئىشىك ئالدىغا نە دەرەخ، نە ئۈزۈم تىكمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەريەم ھەر كۈنى ئىشىك ئالدىنى پاك-پاكىز تازلاپ قوياتتى. مەخسۇدىخان: "بالام، ئاتاڭ ھايات چىغىدا ھويلىمىزدا ئۈزۈم بارىڭى ۋە جۈجەم ئۆرۈك دىگەندەك مېۋىلىك دەرەخلەر بولىدىغان ، ھويلىمىز بۇنداق تاقىر تۇرىۋەرسە ئاتاڭنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن" دېسە، تۇرسۇن: "مانا، ئەتە" دەپ زادىلا قول سالمايتتى.»
مانا بىز يۇقىرىدىكى پارچىدىن   تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرىگە چىن گىرەلىشىپ كەتكەن مىللى ئالاھىدىلىكنىڭ تېتىملىق تەملىرىنى تېتىش بىلەن بىرگە، پېرسۇناژلار تەبىئىتىگە سېڭىشكەن مەخسۇدىخان ئانىنىڭ مەسئولىيەتچان، ھەممىگە جان كۆيدۈرىدىغان ئىنسانپەرۋەر روھىنىڭ تەبىئەتكە يېقىن ئىپادىسى،  يىشىللىقنى سۆيىدىغان، باغ، ئورمانغا ھېرىس، مەريەمنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئىشچان، پاكىز، چىۋەر، تۇرسۇننىڭ ئېزىلەڭگۈ، سەل ھورۇن خاراكتىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.
ئەدەبىيات- تىل سەنئىتى. ئۇ تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش خۇسۇسيىتى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ باشقا ئاڭ فورماتسىيىسىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. تىلنى تاۋلاش، تىل ئۈگۈنىشنى كۈچەيتىپ ئەدەبىي تىلنى جانلىق، توغرا، ئېنىق قوللىنىپ بېيىتىش تىل سەنئەتكارى _ يازغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاتاقلىق يازغۇچى گومورو: «تىل _زۆرۈر قورال. سەن ئومۇمەن تىلنى تاللاش، باشقۇرۇش، يارىتىشتا، خۇددى ھەيكەلتاراشنىڭ قولىدىكى بوياققا ئوخشاش، تىلنى ئەركىن ھالدا بىر تەرەپ قىلالىساڭ ، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسەن» دەيدۇ.
«ئوتلۇق زىمىن» دا، ئاپتور خەلق تىلىنىڭ ئەمەلىي، جانلىق، باي، رېئال تۇرمۇشنى ئىپادىلەيدىغان گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى،  شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەدەبىي تىلنىڭ تۈگىمەس-پۈتمەس بۇلىقى ئىكەنلىكىنى، تىلنى دەل جايىدا ئىشلىتىپ، ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇشتا تىلنىڭ مول غەزىنىسى بولغان ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىنى قوللىنىپ، ئەسەر مەزمۇن ۋەقەلىكىنى كىتاپخانلارغا قايىل قىلارلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.
«ئوتلۇق زىمىن» 15-بەتتىكى : _غەزەپ قىلمىسىلا روزاخۇن، «ئاچچىق ئەقىلنى كېسەر»، «ئەلچىگە ئۆلۈم يوق». مەن مەزلۇم مەخسۇدىخاننىڭ  تەلىپى بويىچە  بولغان ئىشنى يەتكۈزۈپ قويغىلى كەلدىم ھەم تۇرسۇناخۇننىڭ سىلىگە مۇختەر ئاخۇن ئورنىدا ئوغۇل بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئوغۇللۇق قەرزىنى ئادا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى دەپ قويغىلى كەلدىم. قالغىنىنى ئۆزلىرى بىلىپ بىر ئىش قىلالا.
"ئوتلۇق زىمىن» 16-بەت: _روزاخۇن، سەۋىر قىلسىلا، «تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس»، بالا ئاللاغا ياراپتۇ، سەۋىر قىلسىلا. بىز ئاجىز بەندىلەرمىز، ئاللاھقا سېغىنسىلا ، ئاللاھ رەھمەت قىلىدۇ، بالىنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولىدۇ.
_«تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ» دەيدىكەن، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى ئادىل، بىراق«سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ تۇرار» دېگەن گەپمۇ بار. سەۋەب قىلىپ باققۇلۇق، جانغا تاقىلىدىغان ئىش ئەمەسمۇ!
ئۇيغۇر خەلق ماقال_ تەمسىللىرى  ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم  ۋە باي تۈرى. بىر مىللەتنىڭ ماقال–تەمسىللىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق دەۋىرلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ئەمەليىتىدە شەكىللەنگەن كىشىلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ئۇسۇلى، پىسخىكىسى، ياشاش شارائىتى، دىننى ئېتىقادى، ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنى، ئىستىتىك كۆزقاراشلىرى، ئۆرۈپ-ئادىتى قاتارلىقلارنى ئەڭ ئېنىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. بۇ جەۋھەرلەر ئەدەبىي ئەسەر تىلىنى ھەسەن-ھۈسەندەك رەڭدارلىقتا جىلۋىلەندۈرىدۇ.
يۇقىرىدىكى «ئوتلۇق زېمىن»دىن  قىسقارتىپ ئېلىنغان  پارچىلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئاپتورنىڭ ماقال–تەمسىل ئارقىلىق ئەسەر تىلىنى، ئەسەردىكى ئوي-پىكىرنى ئىخچاملىققا، ئوبرازچانلىققا، جانلىقلىققا، چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىپ، پېرسۇناژلارنى كۈچلۈك مىللىي خاراكتىرگە ئىگە  قىلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
ئاپتور يەنە تۇراقلىق بىرىكمىلەردىن ئىدىيۇملاردىنمۇ ئۈنۈملىك پايدىلانغان. ئىدىيوملىرىمىزغا  خەلق ماددى ۋە مەنىۋى ھاياتىنىڭ بىر يۈرۈش مەزمۇنلىرى مۇجەسسەملەنگەن. دېمەك ، ئۇ خەلق ئاممىسى ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ تارىخى ۋە رىئال تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئەينەكتەك ئۇنى يورۇتۇپ بىرىدۇ. ھەرقانداق بىر تىلدىكى ئىدىئوم مىللىيلىككە ئىگە بولغان بۇلۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىخى جەريانلاردا خەلق تىلىدىن بىخلىنىپ كۆكلەيدىغان بولغاچقا، خەلقنىڭ ئىتنوگىرافىيىسى ۋە فولوكلورى قاتارلىقلارغا زىچ بىرلىشىپ، ئەدەبىي ئەسەر تىلىنى بەدىئىيلىك ھەم ئىدىيۋىلىك تەرەپلەردىنمۇ بېيىتىدۇ.
«ئوتلۇق زېمىن» 6-بەت: تۇرسۇن ئەنە شۇنداق باشقىلار بىلەن، جاھاننىڭ ئىشلىرى بىلەن پەرۋايى پەلەك ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرى.
«ئوتلۇق زېمىن» 9-بەت: قىز بالىنىڭ جېدىلى ئۇغۇللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن. بىردەم ئۇنى ئالمىسام بولمايدۇ، بىردەم ئۇنى كىيمىسەم بولمايدۇ، بىردەم بۇنى كىيمىسەم بولمايدۇ دەپ بېشىڭنى ئاغرىتىپ، ھالىڭنى قويمايدۇ. ھېرىپسەنمۇ، قورسىقىڭ ئېچىپتىمۇ، مىجەزىڭ يوقمۇ، يانچۇقىڭنىڭ ئەھۋالى قانداق، ئۇلارنىڭ بۇلار بىلەن نىمە ئىشى، پاتاڭغا مىنىمەنلا دەيدۇ.
«ئوتلۇق زېمىن» 11-بەت: _ھوي مۇختەر باي! سېنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىڭغا تېگىپ كەتتىغۇ بۇ چاقچاق، سېنىڭ خوتۇنىڭنىڭ پەيزىنى بىرەرى تېتىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
«ئوتلۇق زېمىن» 17-بەت.: بىرىنچى سوت ھۆكۈمى كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىقىپ، تۇرسۇن 10يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. بۇنىڭدا تۇرسۇن يوللۇق قوغدىنىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن دەپ قارالغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈم روزاخۇننىڭ قۇيقا چېچىنى تىك تۇرغۇزۇۋەتتى.
«ئوتلۇق زېمىن» 18-بەت: مەسۇدىخان ئانا ئۇنداق قىلالمايتتى. ئۇ بەكلا نازۇكلىشپ كەتكەن ئىدى. مەھەللىدىكىلەر بىلەن نەزىر ياكى توي دىگەندەك  يۇسۇنلارغا كىرمەكچى بولسا، قورۇنۇپ كىچىكلەپ كېتەتتى. ناۋادا بىرەرى كەينىدىن كۇسۇرلاپ قالغۇدەك بولسا ئۆيىگە كېلىپ، نومۇس ۋە ئازاپتىن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ كېتەتتى.
«ئوتلۇق زېمىن»دا، ئاپتورنىڭ ئەسەر ۋەقەلىكىنى بىر پۈتۈنلىككە ئىگە قىلىش ھەم پېرسۇناژلار خاراكتىرىنى تەبىئى يۇرۇتۇشتا دەل جايىدا ئىدىئوملارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
«ئوتلۇق زېمىن»دا ئاپتوريەنە ئەسەر سىيوژىتىنى قىسقا، ئىخچام مىللى ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەنگەن تۇرمۇشنى  ئاددى، چۈشىنىشلىك تىللار ئارقىلىق بىر پۈتۈن پوۋىستنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى بىلىشكە يېتەكلەش بىلەن بىرگە،دىننى رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنىدىغان «جىن» سۆزىنى تىلغا ئىلىپ، ئىككى ياقلىمىلىق پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەسەر ۋەقەلىكىگە تېخىمۇ ئىنچىكلىك بىلەن ئىچكىرىلەشكە زېمىن ياراتقان.
‎ئوتلۇق زېمىن»‎ 5-بەتتىكى بۇ قۇرلارغا قاراپ باقايلى:
«ئىلگىرى يەيدىغىنى ئۆكسۈپ قالمىسا، قىشتا ئىسسىق ئۆيى بولسا ئەر–ئايال، باي-نامرات دەپ ئايرىماي مەشرەپ قىلىپ، داپ-دۇتار چىلىپ، ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ كۆڭلىنى خوش ئېتىپ بەھوزۇر ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە بۈگۈنكى كۈندە ئاللىقانداق «جىن»لار كىرىپ، كېچىلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قىلىشتى.»
مانا بۇ يۇقىرىدىكى پارچە ئەسەردىكى مەركىزى مەسلىنىڭ كىتاپخانلارغا تاپشۇرۇلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز ئاپتورنىڭ «جىن» سۆزىنى ئىشلىتىشدىن يەنە مۇنداق يۇشۇرۇن مەنە قاتلىمىنىمۇ ھېس قىلالايمىز. يەنى ئەسەردىكى مۇختەر ھەم تۇرسۇننىڭ تىراگىدىيىسى لېنىيە قېلىنىپ راۋاجلانغان سەلبىي ھەم ئىجابىي پېرسۇناژلارنىڭ ھايات پائاليەتلىرىدىكى ھەربىرىنى نەپسىگۇيلۇققا سالغان كۈچ «جىن» تەرىقىسىدە تەسۋىرلەنگەن.
ئەسەردىن يەنە مۇنداق يۇشۇرۇن مەنا چىقىدۇ: ئىنسان ھاياتلىقىدا ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادىمىيلىك، ئەقىدە، ۋىجدان، ئار-نۇمۇس، مۇھەببەت-نەپرەت سىناقلىرىنىڭ تەخىرسىز تاللاشلىرىدا يەنىلا ئەقلى ئويغاقلىق ئىنسان كامالىتىنىڭ مەزمۇنىدا تاللاش يولىنى توغرا تاللىسا، ئۆزىنى ئۆزى مەڭگۈلۈك بەختنىڭ قوينىدا ياشنىتالايدۇ. ئەگەر كەم ئەقىللىقلىق بىلەن شەكلەن ئادىمىيلىك يولىنى تاللاپ ياشىسا، ئۇ قۇرقۇنۇچلۇق تىراگىدىيىنىڭ، قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدىغان ھالاكەتنىڭ چاڭگىلىدا ۋەيران بولىدۇ. ئېنىقراقى ئىنساننى ياخشىلىققا باشلايدىغان ھىممەتلىك كۈچمۇ، يامانلىققا باشلايدىغان رەزىل كۈچمۇ يەنىلا ئىنساننىڭ ئۆزىدە خالاس.
«ئوتلۇق زېمىن» 6-بەتتىكى تۆۋەندىكى پارچىغا سىڭدۈرۈلگەن مىللىي تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ ئىچىدىكى  ئۆزلۈك، مىللى ئەنئەنىنىڭ ھەسرەتلىك تىنىقلىرىنى، ئىنسانلاردىن يېراقلىشىۋاتقان ئەقىدە، ئېتقاد، ئىمان، ئۆرۈپ–ئادەتلەرنىڭ مۇڭسىراشلىرىنى ئادەتتىكىدەك تىل –ئىبارىلەر ھەم ئوبرازلىق تەسەۋۋۇر ئارقىلىق يورۇتقان.
«مەھەللىدە بىرەر كىشى قازاغا ئۇچرىسا ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە ھال سوراپ باراتتى –دە، قولىدىن كىلىشىچە ئاياپ ئولتۇرماي ياردەم قىلاتتى. كەچتە بولسا قازا يۈز بەرگەن ئۆيدىن يىراقراق بىر جايغا بېرىپلا داپ، دۇتار چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ئۇسۇل ئويناپ مەشرىپىنى قىلىۋىرەتتى. بۇنىڭدىن ھېچكىم ئاغرىنمايتتى. ھەممەيلەن بارلىق بالا-قازالارنىڭ تەقدىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. پاجىئەلەر ھەرقانچە ئېچىنىشلىق بولسىمۇ ، پاجىئەدىن كېيىن كىشىلەر بىر مەزگىل سۆز-چۆچەك قىلىشىپ، ئاندىن بارا-بارا بۇ ئىشنى تەلتۆكۈس ئۇنتۇپ كېتىشىدۇ.»
ئاپتور يەنە بۈگۈنكى دەۋىردىمۇ يەنىلا نادانلىق، خۇراپاتلىق، جاھالەتتىن يىراق بولالمىغان قىسمەن ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئەقلى كۆزى كور، تەقدىرچىلىق ئىددىيىسى كۈچلۈك كىشىلەردىكى بىچارە روھىي ھالەتكە ئېچىنىش تۇيغۇسىنىمۇ كىتاپخانلارنىڭ ئىددىيىسىگە ئىستىخىيلىك سىڭدۈرۋەتكەن.
ھەممىمىزگەمەلۇم، ئەدەبىياتنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبىيكتى ئادەم. تىل سەنئىتى بولغان ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرخىل خاراكتىردىكى، ھەرقايسى ساھە قاتلامدىكى كىشىلەرنى ئەدەبىي سەنئەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئۆزىگە خاس ئىستىتىك قىممەتكە، ئۆزىگە ماس ئىندىۋۇداللىققا ئىگە   بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق يارىتىپ، سوبىكتىپلىق بىلەن ئوبىيكتىپلىقنىڭ بىرلىكى ئارقىلىق مۇئەييەن قىممەتلىك پىكىر ھەم ئىددىيىنى ئالغا سۈرىدۇ.
«ئوتلۇق زېمىن» پوۋىستىدا، ئاپتور تۇرسۇننىڭ تاشقى قىياپەت تەسۋىرى ئارقىلىق پېرسۇناژلار خاراكتىردىكى  خاسلىق ھەم ئورتاقلىقنى، شۇنداقلا مىللىي ئالاھىدىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدۇرغان.  «مەسودىخان  ئۆمرىدە 7 بالا تۇغقان بولسىمۇ ، مۇشۇ بىر تاللا ئوغلى تۇرۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى تۇرسۇن دەپ قويۇپ قۇيۇشقانىدى. ئەمما كېيىن تۇغۇلغان يەنە بىر قىزغا تۇردىگۇل دەپ ئىسىم قويۇشقان بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا تۇرماي كېتىپ قالدى. تۇرسۇن ياپما قاپاق، قىسماق كۆز، پاكار بوي بولۇپ، يۈزلىرىدە بىلىنەر-بىلىنمەس چوقۇرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق يارالمىشىنى خۇدانىڭ بەرگىنى، بولمىسا يامان كۆزلەردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ دەپ ئۆز-ئۆزىدىن  پەخىرلىنەتتى. مەسۇدىخانمۇ ئوغلىنىڭ ئاشۇنداق ياپما قاپاق، قىسماق كۆز، چۇقۇر يۈز بولغانلىقى ئۈچۈنلا  ئامان قالغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇ سەۋەپتىن ئوغلىنىڭ ئاشۇ ياپما قاپاقلىرى، قىسماق كۆزلىرى، چوقۇر يۈزلىرى مەخسۇدىخانغا بەكمۇ سۆيۈملۈك كۆرۈنەتتى.»
يۇقىرىدىكى پارچىدىن بىز يەنە شۇنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، بەدىئىي ئوبرازنىڭ ئورتاقلىقى روشەن ۋە گەۋدىلىك ئىندىۋۇداللىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى شەرت. ئەگەر ئىپىك ئەسەرلەردە پېرسۇناژلارنىڭ ئىندىۋۇداللىقى روشەن ئىپادىلەنمەيدىكەن، ئورتاقلىقنىمۇ گەۋدىلەندۈرگىلى بولمايدۇ.
ئاتاقلىق يازغۇچى ماۋدۈن يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ھەم روشەن ئورتاقلىققا ھەم روشەن ئىندىۋۇداللىققا ئىگە بولغان مۇنەۋۋەر بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تىپىك پېرسۇناژنى بىزنىڭ تۇنۇشىمىزمىكىن دىسەك تونۇشىمىز ئەمەس. لېكىن قىياپىتى تونۇشتەكلا تۇرىدۇ، تونۇشلىرىمىز ئىچىدە ئۇنىڭ بەلگىلىرى بار. قارىماققا ھەممىسى ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغاندەكلا قىلىدۇ. ئۇلار بەزى بىر جەھەتلەردە  ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ –يۇ، لېكىن پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدۇ. ئۇنى ھەممىلا يەردە ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئەپسۇسكى، ئۇنى پالانچى، پوكۇنچى دەپ كېسىپ ئېيتىش قىيىن». يۇقىرىدىكى پارچىدىكى تۇرسۇننىڭ ياپما قاپاق، قىسماق كۆزلۈكلىگى، يۈزىدىكى چوقۇرى ھەم «ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق يارالمىشىنى خۇدانىڭ بەرگىنى، بولمىسا يامان كۆزلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ دەپ ئۆز-ئۆزىدىن پەخرلىنىشى»، «مەسۇدىخان ئانىنىڭمۇ ئوغلىنىڭ ئاشۇنداق ياپما قاپاق، قىسماق كۆز، چوقۇر يۈز بولغانلىقى ئۈچۈنلا  ئامان قالغانلىقىغا ئىشىنىشى، ئوغلىنىڭ ئاشۇنداق ياپما قاپاقلىرى، قىسماق كۆزلىرى، چوقۇر يۈزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك كۆرۈنۈشى» قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندىۋۇداللىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خىل ئىندىۋۇداللىقنى پەقەت تۇرسۇن، مەسۇدىخان ئانىنىڭ ئۆزىدىلا بار، باشقا ھىچقانداق ئادەمدە يوق دىگىلى بولمايدۇ.
«ئوتلۇق زېمىن»دا، ئاپتور تونۇش بولغان ناتونۇش ئادەم تۇرسۇن، مەسۇدىخان ئانا ئوبرازلىرى ئارقىلىق ئەسەرنى  ئىندىۋىداللىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە تويۇندۇرۇپ ئەسەر مەزمۇنىنى، بەدىئى ئوبرازلارنى، ئەسەر تېلىنى تۇرمۇشقا يېقىنلىقى، قۇيۇقلىقى بىلەنمۇ كىتاپخانلار كۆڭلىدە ياخشى تۇيغۇ قوزغىدى.
يىغىنچاقلىغاندا «ئوتلۇق زېمىن» دىكى تۇرسۇن ۋە مۇختەرلەر دىن ئىبارەت بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ئاتىلارنىڭ ھاراق سەۋەبلىك خاتا باسقان بىر قەدىمى ۋۇجۇدىدىن مىھرىبانلىق، شەپقەت، كۆيۈم، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئەقىدە، ئېتىقادنىڭ يوقاپ، شەخسىيەتچىلىك، ئىمانسىزلىق، قانخورلۇق، ئادىملىكنىڭ يوقۇلۇپ ھايۋان كەبى ياۋايىلىق بىلەن بىر –بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئاخىرى تۇرسۇننىڭ مۇختەرنى ئۆلتۈرۋىتىشى، ئىككى تۇل خوتۇننىڭ تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نىياز ھەم رۇسۇللارغا ياتلىق بولۇشى، نىيازدىن ئىبارەت ئادەم قىلىپىدىن چىققان، توغرىسى ھايۋان دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدىغان ئۆگەي ئاتىنىڭ نومۇسسىز چاڭگىلىدا ئىپارگۈلنىڭ ئىپپەت –نومۇسىدىن ئايرىلىپ ئۈلۈۋىلىشى، ئاتا تەربىيىسىدىن ئايرىلغان ئوغلى غۇلامنىڭ ئاق تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ ئىچكىرىدە ئۆلۈپ كېتىشى، قىزىنىڭ پاجىئەسى ئېغىر كىلىپ، خەلچىخاننىڭ يولدىشى نىيازغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى باسالماي ئۆچمەنلىك ئىلكىدە ئۆلتۈرۈپ قاتىل بۇلۇشى، بىر پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىغىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمىغان تۇرسۇننىڭ گۈلئايىم ئىسىملىك قىزىنىڭ كېسەل بولۇپ بىچارىلەرچە ئۆلۈپ كېتىشى، چوڭ قىزى خانئايىمنىڭ ياشلىق باھارىنىڭ سېخ مۇدىرىنىڭ رەھىمسىز، ئاچكۆز قولىدا ۋەيران بۇلۇشى، ئەڭ قورقۇنۇچلىقى كەينى-كەيندىن ھايات يولىدا خاتا يولغا كىرىپ، تەقدىر–قىسمىتى ئىبلىس ئەيدىز  كېسىلىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قىلىشى ... قاتارلىقلارنى ئاپتور تەسۋىرلەش ھەم بايان قىلىش، ئىپادىلەشتە ئېدىتلىق يىزىپ، كىتاپخانلارنى شۇ بىر قاتار تىراگىدىيەلەردىن دولقۇنسىمان ھېسسىياتقا كەلتۈرگەن.
«ئوتلۇق زېمىن» مۇئەللىپى ئىلھام سەيدۇللا ئەپەندىنىڭ   ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى شۇكى، ئاپتور دولقۇنسىمان ھېسسىيات ئۆزگىرىشى ياساشتا، قوشۇمچە پېرسۇناژلارنى ئوبىيكتىپ تۇرمۇش چىنلىقى نۇقتىسدا  يارىتىشى ھەم ئادەتتىكىدەك ۋەقە، تەپسىلاتلار بىلەن يەنى، مەھەللىسىدىكى مىۋىسىز دەرەخ دەپ ئاتالغان رۇسۇل ئاخۇن ھەم تۇرمۇشتىكى  ساددىلىقى ئېلىپ  كەلگەن ئوڭۇشسىز لىق سەۋەبلىك قەددىنى رۇسلىيالماي بارغانسېرى پالاكەتكە يەم بولغان خانئايىمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىدۇر.
بۇ ماقالە ئارقىلىق مىنىڭ ھەم تۇرپان ژۇرنىلىنى سۆيۈپ ئوقۇغۇچى ھەربىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈتىدىغىنى، ئىلھام سەيدۇللا ئەپەندىنىڭ  بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت يولىدا «ئوتلۇق زېمىن»دەك نادىر پوۋىستلارنى كۆپلەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنى ، ئۆمرىنىڭ، قەلىمىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىنى تىلەشتۇر خالاس.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك ئەدەبىيات 2-قىسىم «ئازاد مىر قاسىم» تۈزگەن.
2. ئابلەت ئۆمەر تۈزگەن «ئەدەبىيات ۋە تۇرمۇش» 1985-يىل 1-ئاي نەشىرى.
  
 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئىزلىنىشڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم سەلتەنەتخان.تىرىشىڭ !ئۆچۈرۈش2011-6-7 10:45[3 نۇمۇر]مەرپو
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY