ھاياتلىق يانبىلوگى

ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
ئاۋات يازمىلار

ھاۋا تىنجىق كۈنلەردە ياشانغانلار سىرتقا ئاز چىققىنى ياخشى

ھاۋا تىنجىق كۈنلەردە ياشانغانلار سىرتقا ئاز چىققىنى ياخشى

ۋاقتى: 2014-05-15 ئاۋاتلىقى: 481 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياز كىرىشى بىلەنلا، ھاۋا تىنجىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپىنچە ياشانغانلار ئۆيدە ئولتۇرۇشنى خالىماي سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تىنجىق ھاۋا ياشانغانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشىغا ماس كەلمەيدىغان بۇلۇپ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ مۇۋاپىق دەم ئېلىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
ھاۋا تىنجىغاندا، ئاتموسفىرادىكى نەملىك ئېشىپ ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. بەدەن سۈپىتى ئاجىز ياشانغانلار ۋە يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە بۇ خىل ھاۋا ماس كەلمەيدىغان بۇلۇپ، ئەگەر ياشانغانلار بۇنداق ۋاقىتتا سىرتقا چىقسا، مەيدىسى چىڭقىلىش، نەپىسى تىزلىشىش، بېشى قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا ئادەم بەدىنىنى تەرلىتىپ، قاننى قويۇلدۇرىۋېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ بېرىلمىگەندە ئاسانلا قان ئويۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، ياشانغانلار ھاۋا تىنجىق مەزگىلىدە سىرتتىكى پائالىيەتلىرىنى ئازلىتىشى، كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك. شاھمات ئويناش، گۈل-گىياھلارغا قاراش، ياشانغان كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان تېلىۋىزىيە پرۇگىراممىلىرىنى كۆرۈش دېگەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆيدە ئارام ئېلىشى، شۇنىڭدەك ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈشتىكى ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشى، ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى يېنىكلىتىشى، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاجىزلىتىشى، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىشكە دىققەت قىلىشى، سۇ مىقدارىنىڭ ئاز، قېتىم سانىنىڭ كۆپ بۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. چۈنكى سۇ مىقدارى كۆپ بۇلۇپ كەتكەندە يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. يەنە ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. تۇرمۇشتا سۇيۇق-سەلەڭ غىزالىنىشنى ئاساس قىلىشى، سەي-كۆكتاتلارنى جىقراق يېيىشى، مۇۋاپىق مىقداردا ئۇرۇق گۆش، بېلىق تۈرلىرىدىن يەپ بېرىشى كېرەك. ئىمكانقەدەر ھەددىدىن زىيادە مايلىق ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. كىيىملەرنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشى، تەر سۈمۈرىشى ياخشى بولغىنىنى ئاساس قىلغان ھالدا كەڭ، ئازادە، راھەت ھەم قۇرغاق كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك. ئەگەر ماسلىشالماسلىق كۆرۈلسە، دوختۇرنىڭ يېتەكلىشىدە ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغان يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دورىلىرىغا نىسبەتەن مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
 «ھاياتلىق گېزىتى»

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ يېشىل ھايات سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق ئورگان يانبىلوگ. مەزكۇر يانبىلوگ ئارقىلىق شىركىتىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، خەۋەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.

باھالار

ئىسمىڭىز: