ئەرلەر قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەر
يانفوندا كۆرۈش
1. خوتۇنىڭىز ئۆزىنى تۈزەشتۇرۋاتقاندا ، سىزتاقەتسىزلىنىپ : ‹‹ بولدى ، بولدى ، بۇنچىۋالا ياسىنىپ كىمگە چىرايلىق كۆرۈنمەكچى ئىدىڭىز ؟ ›› دېمەڭ ، چۈنكى بۇ بىر جۈملە سۆز خوتۇنىڭىزنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ .
2. خوتىنىڭىز بالىنى ئەركىلىتىۋاتقان چاغدا سىز گەپتى گەپ چىقىرىپ : ‹‹ قاراڭ ، ئۇنى قانداق ئەركە قىلىپ قويدىڭىزكىن ›› دېمەڭ ، چۈنكى ئانا مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر بولىدۇ .
3. ماگىزىندا خوتىنىڭىز كىيىم تاللاۋېتىپ ، بەك تاللاپ كەتسە ، ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇغاق سۇ سېپىپ : ‹‹ ئۆزىڭىز تاللاپ بىر قۇر ئالسىڭىزلا بولمىدىمۇ ؟ بەرىبىر ئۇنى 10 يىل كىيەمتىڭىز ›› دېمەڭ . ئەگەر بۇنداق دىسىڭىز خوتۇنىڭىز خاپا بۇلۇپلا قالماي ، نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ ، سىز بىلەن شۇنىڭدىن كېيىن بازارغا بىللە چىقماسلىقنى قارار قىلىشى مۇمكىن .
4. خوتىنىڭىز دوستلىرى بىلەن تاسادىپى جەم بولۇپ قېلىپ ، ئۆيگە كەچرەك قايتىپ كەلگەندە : ‹‹ پۈتۈن بىر كۈن سىرتتا نېمە ئىش قىلدىڭىز ؟ يەنە كىم سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ؟ ›› دېمەڭ . چۈنكى بۇ بىر خىل گۇمان سۆزى بولۇپ ، ناھايىتى ئاسانلا خوتۇنىڭىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىنى قوزغاپ ، ئۇنى ھەتتا ‹‹ سىز باشقۇرالامتىڭىز ؟ بىڭسىڭىز بولسا سىزمۇ بىرەرسىنى تاماققا تەكلىپ قىلىڭ ! ›› دېيىشكە مەجبۇرلاپ قويىشىڭىز مۇمكىن .
5. خوتىنىڭىز بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندا : ‹‹ سىز نېمىنى بىلىسز ؟ سىزنىڭ ئۇنچىلىك مىلىمىڭىز كىچىك بالىغا دەرس ئۆتۈشكىمۇ يارىمايدۇ ›› دەپ زىتىغا تەگمەڭ . چۈنكى توغرا _ خاتا ھۆكۈم قىلىشتا ئاياللار تۇيغۇ جەھەتتە ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك سەزگۈر بولىدۇ .
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى