توخۇ گۆشى چۆچۈرىسى
ۋاقتى: 2014-05-12
ئاۋاتلىقى: 369 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلىرى:ئاق ئۇندىن 500گرام،توخۇنىڭ تۆش گۆشىدىن 300 گرام،توخۇنىڭ ئۇستىخىنىدىن 300 گرام،يۇمغاقسۈتتىن ئىككى تۈپ،پىيازدىن 100 گرام،ئاقمۇچ،تېتىتقۇ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:.1.خېمىرنى چىڭ يۇغۇرىمىز2.توخۇنىڭ تۆش گۆشىنى ئۇششاق توغرايمىز،پىيازنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ توغراپ ،تۇز،تېتىتقۇ،ئاقمۇچ سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.3.توخۇنىڭ ئۇستىخىنىنى قازانغا سېلىپ شورپا قاينىتىپ قويىمىز.4خېمىرغا قايتا ئشلەپ،نېپىز يېيىپ،جىلتا كېسىپ،جىلتىغا توخۇ گۆشى قىيمىسىنى سېلىپ قائىدە بويىچە تۈگۈپ شورپىغا سېلىپ پىشۇرۇپ،تۇز،ئاقمۇچ،تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ،قاچىلارغا ئۇسۇپ ئۈستىگە يۇمغاقسۈت سېلىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
Tags: