ھاياتلىق يانبىلوگى

ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
ئاۋات يازمىلار

سەۋزە تۈگرىسى

سەۋزە تۈگرىسى

ۋاقتى: 2014-05-10 ئاۋاتلىقى: 269 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 800 گرام، سېمىز قوي گۆشىدىن 300 گرام، قىزىل ـ سېرىق سەۋزىدىن 400 گرامدىن، قىزىلمۇچتىن بىر تال، پىيازدىن 50 گرام، ئەبجەش ياغدىن 100 گرام؛ تۇز،ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ، خېمىرنى يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 2. گۆششنى ئۇششاق توغراپ، ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قويىمىز. سەۋزىنى قىرغۇچ بىلەن قىرىپ، قايتا ئۇششاق چاناپ، ئۇششاق توغرالغان پىياز، قىزىلمۇچ، تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ، گۆشلەرنى قوشۇپ،ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.3. خېمىرغا ياخشى ئىشلەپ يېتەرلىكزوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتا ئېچىپ، قىيمىنى سېلىپ تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرساق بولىدۇ.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ يېشىل ھايات سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق ئورگان يانبىلوگ. مەزكۇر يانبىلوگ ئارقىلىق شىركىتىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، خەۋەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.

باھالار

ئىسمىڭىز: