ئالمىچىلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىلىم_SHSHنى زاپاسلاش

apple شىركىتى ئادەتتە ھەر ئايدا بىردىن كىچىك ياماق، ھەر پەسىلدە بىردىن چوڭ ياماق چىقىرىپ iPhone,ipad,iPod Touch,iTv,iPod Nano,iPod classic,iMac قاتارلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىدۇ، يىڭى ئىقتىدارلارنى قوشىدۇ.شۇ سەۋەبتىن نەشىر كۆتۈرۈش ئارقىلىق بۇرۇنقى نەشىردىكى بارلىق يۇمشاق دىتاللارنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن سىرت يەنە يۇقىرى نەشىرنىڭ تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چىققۇچە باشقا دىتال قاچىيالماي ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئىشىشىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن iphone ئىشلەتكۈچىلىرى تۆۋەنكى نەشىرگە چۈشىۋىلىشنى ئويلىسىمۇ چۈشەلمەيدۇ. تۆۋەندە يۇقىرى نەشىردىن تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈشتىكى ئەڭ مۇھىم بىلىمنى تورداشلارغا ئۈگىتىمەن.
iosمەشغۇلات سىستىمىلىرى ئادەتتە itunes ئارقىلىق نەشىر كۆتۈرۈش ياكى نەشىر چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىدۇ. itunesھەر بىر قىتىم سىستىما بولىقىنى قايتۇرغاندا appleنىڭ مۇلازىمتېرىغا مۇناىسۋەتلىك ئۈسكىنىنىڭ ECID(Exclusive Chip ID)نى يوللايدۇ. بۇ نومۇر ھەربىر ئالما ئۈسكنىسىدە پەقەت بىردىن بولۇپ ئۈسكىنىنىڭ سالاھىيەت نومۇرى ھىسابلىنىدۇ.itunes مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمتېردىن قايتۇرۇلغان نەشىر بولىقى بىلەن ئۈسكىنە سالاھىيىتى ماسلىق قايتۇرمىسىدىن كىيىن ئاندىن بولاق قايتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىدۇ. apple مۇلازىمتېرى ئادەتتە نۆۋەتتىكى ئەڭ يىڭى بولققىلا قايتۇرۇش مەشغۇلاتى تەمىنلەيدۇ. باشقىلىرىغا قارىتا shsh تەستىقى يوللاپ بەرمەيدۇ. شۇڭا بىز 3-تەرەپ مۇلازىمتېرى ئارقىلىق itunesقا تەستىق ئىنكاسى قايتۇرىمىز. تۆۋەندىكى دىتال ئارقىلىق shshنى زاپاسلىۋالساق ئاندىن ۋاقتى كىلىپ appleمۇلازىمتېرى shshتەستىق ئىنكاسىنى ئىتىۋەتسە بىز يەنىلا خالىغانچە نەشىر تۆۋەنلىتىش مەشغۇلاتى قىلالايمىز.

بۇ يەردە زاپاسلانغان ھۆججەت TinyUmbrella نىڭ مۇلازىمتېرىدا ۋە يەرلىك كومپيۇتېردا تەڭ ساقلىنىدىغان بولغاچ ھەر بىر i فامىلىلىك ئۈسكىنە ئىشلەتكۈچى بۇ قەدەم ئارقىلىق ئۈسكىنىنىڭ shsh ھۆججىتىنى زاپاسلاپ قويسا ‹جامائەتكە پايدىلىق› ئىش قىلغان بولىدۇ.
خوش، دىققەت تېمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدا بولغاي.
1.Java Runtime Environment-6.1.210.6 نى چۈشۈرىمىز. ئادىرسى http://dl.dbank.com/c099n2ocsb. ئاندىن قاچىلايمىز. javaتەقلىدى مۇھىتى قاچىلاپ بولغانلار بۇ قەدەمدىن ھالقىپ كەتسە بولىدۇ.
2.TinyUmbrella-4.21.02 نى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىمىز. http://dl.dbank.com/c0ps1xgv53
تۆۋەندىكى باسقۇچلار رەسىملىك چۈشەندۈرۈلدى.
TinyUmbrella نى دەسلەپتە قاچىلىغاندا ۋىروسخور ياكى 360 دىگەندەك قارانچۇقلار ئەسكەرتىشى مۇمكىن. چوقۇم مەشغۇلاتقا قوشۇلىمەن دىگەننى تاللاش كىرەك. بولمىسا DNS مۇلازىمتېرىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى HOSTS نى ئۆزگەرتىش مەغلۇب بولۇپ كېتىدۇ.
itunes نى ئالداپ cydia مۇلازىمتېردىن shsh تەستىق ئىنكاسى ئىلىشقا بولمايدۇ.
قوزغىتىلغاندىن كىيىن سول تەرەپتە بۇرۇن چېىتىلغان ئۈسكىنىلەر ۋە ھازىر چېتىغلىق ئۈسكىنىلەر كۆرۈنىدۇ. ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنگەنلىرى زاپاسلانغان ھۆججەتلەر.
  • بىز مۇناسىۋەتلىك ئۈسكىنىنى سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن تاللاپ بولۇپ Save SHSH نى باسساق زاپاسلاش باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر چوقۇم تورغا ئۇلانغان بولىشى شەرت. ئادەتتە پۈتكۈل جەريانغا 5 مىنۇتچە ۋاقىت كىتىدۇ.
  • ھەركەتلىنىۋاتىدۇ……
  • log نى بىسىپ زاپاسلىنىش تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلىشكە بولىدۇ. باشقا گەپلەر مۇھىم ئەمەس، پەقەت NOT دىگەن قىزىل خەت كۆرۈلگەن نەشىر ھۆججەتلىرى زاپاسلانمىغان بولىدۇ. يەنى بۇ ۋاقىتتا ئالما نەشىر ھۆججىتى تەمىنلەشنى توختاتقان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نەشىر تۆۋەنلىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. stave jobs نىڭ ياقىسىنى سىقساق قىلىپ بىرىدۇ.
  • Advanced ئىچىدىن ھۆججەت ساقلانغان مۇندەرىجىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
  • كۆرسىتىلگەن مۇندەرىجىگە كىرىپ زاپاسلانغان ھۆججەتنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
  • ھۆججەتنى ئايرىم زاپاسلاپ قويۇپ قويۇشقا ياكى تاشلىۋىتىشكە بولىدۇ. ناھايتى كىچىك ھۆججەت ، ساقلاپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.
  • «ئالمىچىلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىلىم_SHSHنى زاپاسلاش»نىڭ 22 ئويلىغانلىرى بار

    1. مىنىڭ تېلېفونىمنىڭ سىگىنالى يوقاپ كەتتى. تىلىفون قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. رىمۇنىتخانىغا ئاپارسام cydiA بىر يۇمشاق دىتالنى قاچىلاپ ئوڭشاپ قويدۇم . دەپ تۇتقۇزۇپ قويدى بۇگۇن يەنە قالايمىقان ئىتىشىپ (دىتال قاچىلايمەن دەپ) يەنە سىگىنالى يوقاپ كەتتى. بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن

    2. خەتلەر نېمانداق تەتۈر چىقىدىغاندۇ (خەتلەرنىڭ يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا ئەمەس بەلكى سولدىن ئوڭغا)، بۇنى بىلمەيتتىم، ئۆگىنىۋالاي دېسەم تېمىنى چۈشىنىشىمگە تەسىر يەتكۈزدى…
      زىيارەت قىلغۇچۇم: iE8.0

      1. مەن ئارقا سۇپىدا قارىسام نورمال، تور كۆرگۈچتە بىنورمال تۇرىدۇ.
        كىلەر ھەپتە بوشلۇق ئالماشتۇرىمەن، شۇ چاغدا ماۋۇ سۇپىنىڭ نەشىرنى تۆۋەنلىتەي، ئاندىن ئوڭشىلىدۇ.
        قولايسىزلىق كەلتۈرگىنىمدىن خىجىلمەن. :neutral:

    3. ئايفوندا كۆرسەم شۇنداق نورمال، سۈرەتلەرمۇ تولۇق كۆرۈنۈۋاتىدۇ… زىيارەت قىلغۇچتا بايا ئىنكاس قىلغىنىمدەك… قانداق ئىشتۇ بۇ؟ ھەل قىلىشقا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئايفوندا ئىنكاس يېزىپ قويدۇم.

    4. APPLE is NOT signing iPhone4 4.2.1 (8C148) SHSH requests anymore. All you can do now is select CYDIA and hope that CYDIA has your SHSH saved. If not, there is nothing you can do.

      پەقەتلا SHSHلىغىلى بولمىدى. SHSH بولۇپ ئىچىدىكى نەرسىنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈپ قايتىدىن قاچىلىماقچى ئىدىم.چ چ رىمنى يەنە ئۆچۈرۋېتىپ سىز..يەنە قېلىنلىق قىلىپ قاچىلىدىم …

    5. 04/19/2011 23:51:26.530 Loaded History… 04/19/2011 23:51:27.061 Caching shsh files… 04/19/2011 23:51:27.061 Found [0] shsh files to cache… 04/19/2011 23:51:27.077 Cached [0] shsh files 04/19/2011 23:51:27.577 Device connected: “Excellent”的 iPhone 04/19/2011 23:51:27.592 Loaded History… 04/19/2011 23:52:04.624 Started saving SHSHs for [“Excellent”的 iPhone] 04/19/2011 23:52:10.811 This device isn’t eligible for the requested build. 04/19/2011 23:52:10.827 APPLE is NOT signing iPhone4 4.2.1 (8C148) SHSH requests anymore. All you can do now is select CYDIA and hope that CYDIA has your SHSH saved. If not, there is nothing you can do. 04/19/2011 23:52:10.827 Finished saving SHSHs for [“Excellent”的 iPhone] 04/19/2011 23:52:10.874 Caching shsh files… 04/19/2011 23:52:10.874 Found [0] shsh files to cache… 04/19/2011 23:52:10.874 Cached [0] shsh files 04/19/2011 23:53:42.702 Started saving SHSHs for [“Excellent”的 iPhone]

      پەقەتلا SHSHلىغىلى بولمىدى.

      1. بۇنداق قىلىشقا بولماسلىقى apple دىكىلەرنىڭ بۇ خىل مۇلازىمەتنى تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇلازىمەت پەقەت بىر مەزگىللا ئېچىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۈسكىنىلەر نەشىر كۆتۈرۈپ بولسا بۇ خىل مۇلازىمەتمۇ تاقىلىدۇ.

        1. ئەمدى shsh لىغىلى بولماسمۇ ؟ ۋاقىتلىق تاقامدۇ ياكى مەڭگۈلۈكمۇ ؟،بولسا قانداق قىلىمىز. ئەگەرshsh لىغىلى بولمىسا چاتاق ئىش بوپتىغۇبۇ..يەنەبىرئىش تېلىفۇن ئۇخلاش ھالىتىدە بىركىچىدە 10% توك يەيدىغان بوپ قالدى.توك توشىماس بوپ قالدى زادى…بۇرۇن ئۇنداق ئەمەستى. .. نەزەرجان بىر ياردەم قىلسىلا ماۋۇ ئىشلارغا . ..

          1. ئادەتتە ئۇنىڭ تاقىلىشىنىڭ مۇقىم كۈن تەرتىپى بولمايدۇ. يەنى 4.3.2 چىققاندا مەلۇم مەزگىل(بەلكىم بىرەر ئاي) 4.3.1 نىڭ SHSH ئامبىرى ئوچۇق تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابونتلار 4.3.2 دىن رازى بولمىسا 4.3.1 گە چۈشىۋاللايدۇ(iTunesدىلا). مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن تاقالسا قانۇنلۇق يول بىلەن (iTunesدىلا) نەشىر چۈشۈرگىلى بولمايدۇ، پەقەت 3-تەرەپ تەمىنلىگەن SHSH ئارقىلىق نەشىر چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
            تېلىفونغا توك توشىماسلىقنىڭ سەۋەبى كۆپ.定位服务,推送服务,wifi,3G,دىگەنلەرنى تاقىۋىتىش، ۋە ئىشلەتمەيدىغان سىيستېملارنى تاقىۋىتىش، ئىكران يورۇقلۇقىنى تۆۋەن تەڭشەش، ۋە ئۇخلىغاندا 飞行模式 غا تەڭشەپ قويۇش ئارقىلىق توك تىجەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    6. مەن مەزكۇر تېمىدا كۆرسىتىلگەن دېتالدىن پايدىلىنىپ SHSH نى زاپاسلىدىم. بۇنىڭغا قانماي TinyUmbrella دىن پايدىلىنىپمۇ كومپيۇتېردا زاپاسلاپ چىقتىم. مېنىڭ زاپاسلىغىنىم iOS 4.3.2 نەشرى. زاپاسلاش نەتىجىسىگە قارىسام 4.1، 4.3.1، 4.3.2 ھەممىسى تۇرىدۇ. بىلمەكچى بولغىنىم. مەن 4.3.2 نى زاپاسلىسام ئالدىنقى نەشرلىرىمۇ زاپاسلىنامدۇ؟ مەسىلەن مەن 4.1 گىمۇ قايتالايمەنمۇ؟
      ئاخشام سىناپ باقاي دەپ مەغلۇپ بولدۇم.
      مەشغۇلات جەريانىم: ئالدى بىلەن ئايفوننىڭ نۆۋەتتىكى سىستېما نەشرى (4.3.2) SHSH زاپاسلىدىم. tinyumbrella-4.30.03 دىن ئۈستى تەرەپتىكى Enter Recovery نى بېسىپ يانفۇننى DFU ھالىتگە ئۆتكۈزدۈم. ئارقىدىن Start TSS Server نى باستىم. ئاخىرىدا ئايتۇنېسنى قوزغىتىپ Shift بىلەن زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇشنى بېسىپ كومپيۇتېرىمدىكى ماس بولاقنى كۆرسەتتىم… ماس بولاق ئىچكى ساقلىغۇچقا ئۇزىتىلىپ بولۇپ 6014 (باشلىقىلىرى ئېسىمدە قالماپتۇ) خاتالىقى چىقتى. قاراپ باقسام مۇلازىمتېرغا ئۇلىنالمىدى دېگەندەك ئۇچۇركەن. مېنىڭ قەدەم باسقۇچۇم خاتا بولغانمۇ ياكى…

      1. سىلىنىڭ تەرتىپلىرى ئاساسەن توغرىكەن.
        لىكىن مىنىڭ Enter Recovery باسقان ئىسىمدە يوق. مەن ھازىر جىددىي سىناۋاتىمەن. سىناقتىن ئۆتسىلا مۇشۇنىڭ دەرسلىكىنى يوللايمەن.

    7. مەن شاشنى زاپاسلاي دىسەم زاپاسلىيالمىدىم . ئۈسكۈنەمنىڭ تىزىملاتقان ئىسمىم بار يەر ساقلا بىر كىچە چۆگىلەپ چىقتى ھېچ زاپاسلاپ بولدۇم دىمىدى . يا مەن ساقلايدىغان دىتالىنى كۆرمۈدۈم ھەم تۈرمىدىنمۇ قاچۇرالمىدىم .
      نەشىر يېڭىلاپ باقتىم ھەر ئىككىلىسىنىڭ نەشىرى يېڭىكەن .ئۇستازلار قانداق قىلسام بولىدۇ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار

      خىلى جاپامۇ تارتىپ باقتىم ھېچ قاچاي دىمەيدۇ .
      شاشنى زاپاسلاش ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىتالىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى چۈشۈرەلمىدىممۇ بىلمىدىم . قاچىلانغان نۇسخىسىغا قاراپ باقسامغۇ ھەر ئىككىلىسى ئۈستىدە كۆرسىتىلگەن رەسىمدىكىسىگە ئوپمۇ ئوخشاش تۇرىدۇ . نىمىشقا شاش زاپاسلانمايدۇ . نىمىشقا تۈرمىدىنمۇ قاچمايدۇ .
      ياكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن شاشنىڭ زاپاسلىنىشى شەرتمۇ ؟ شاشنى زاپاسلىمىساممۇ تۈرمىدىن قاچامدۇ ياكى قاچمامدۇ ؟

    جاۋاب يېزىش

    ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

    تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: