ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!

2009-يىلى 9-ئايدا ب د ت «نورۇز» بايرىمىنى ئىناسانىيەتنىڭ غەيرى-ماددى مەدىنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزدى.

2010-يىلى خەلقئارالىق بايرام سۈپىتدە تۇرغۇزۇلدى. بۇ يىلمۇ بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتالىق چوڭ شەھەرلەردە ھەرخىل كۆلەملىك تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى

تۆۋەندە بايانىمىز نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى چۈشەنچىدە بولسۇن

نورۇز بايرىمى بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۇنى ئۆتكۇزىلىدىغان مىللى ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى. قومۇلدا بۇ بايرام "سەھراخەتمە" دەپ ئاتىلىپ ھەر يىلى "نورۇز بايرىمى" ئۆتكۇزۇلىدىغان كۇنگە توغۇرلىنىپ دىنىي تۈس ئالغان ھالدا ئۆتكۇزىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا، يېقىنقى دەۋرلەرگىچە "نورۇز بايرىمى"، "نورۇز مەشرەپلىرى" ساقلانغان. كېيىن شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى غەرەزلىك ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرغان، نۇرغۇن تارىخى پاكىتلار ئۇيغۇر "ئون ئىككى مۇقامى" تەركىبىدە "نورۇز مۇقامى" دەپ ئاتالغان بىر مۇقامنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇ "نورۇز مۇقامى" تۈركى خەلقلەردە ھەر خىل شەكىلدە گەۋدىلەنگەن ۋە ئۈستۇنلىكنى ئالغان ياكى تەسىر كۆرسەتكەن ، رايۇنلارغا كەڭ تارقالغان،ھەمدە ئۇنىڭ "نورۇز بوزرۇك"، "نوئۇرز ھۆسەينى"،"نوئۇرز بۇ سېلىڭ"،"نورۇز راست"،"نورۇز سۇلتانى" قاتارلىق كۆپلىگەن ۋارىيانتلىرى بولغان. بىراق، بۇ قەدىمى مۇزىكا گۇرۇپىلىرىنىڭ روشەن نەمۇنىلىرى ساقلانمىغان، گەرچە قومۇل مۇقاملىرىدىمۇ "نوئۇرز مۇقامى" دەپ ئاتالغان تىپىك مۇقام گۇرۇپىسى ساقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق ئىچىدە نورۇز بايرىمىدا ئېيتىلىدىغان قوشاقنىڭ ئاز بىر قىسىم ئۈلگىلىرى ساقلانغان. ئەپسۇسكى،يوقۇرىدا ئېيتىلغان نورۇز قوشىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاھاڭى يوقىلىپ كەتكەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ نورۇز قوشىقىنى ئەينى دەۋىرلەردىكى "نورۇز مۇقامى" نىڭ بىر بۆلىكى بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزدىن يەنىلا ۋاز كېچەلمەيمىز. بۇ نۇقتا يېقىن كەلگۇسىدە ئەلۋەتتە ئىسپاتلانغۇسى. 80-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بۇ قەدىمكى بايرىمىنى قايتىدىن ھەر يىلى تەبرىكلەپ كەلمەكتە

كەڭ ساي مۇنبىرىدىن  نورۇز ھەققىدە رىسالە
نورۇز-يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش بايرىمى.
نورۇز-مېھىر-شەپقەت بايرىمى.
نورۇز-ئادەمگەررچىلىك،ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى.
نورۇز-ياش ئەۋلادلارغا ئۆتكەن تارىخلارنى سۆزلەپ بېرىش بايرىمى.
نورۇز-ئەدەب-ئەخلاق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بايرىمى.
نورۇز-پاكىزلىق ۋە موھىت ئاسراش بايرىمى.
نورۇز-يېشىللىق، گۈزەللىك، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش بايرىمى.
نورۇز-ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىش بايرىمى.
نورۇز-ئەقىل-پاراسەتنى سىناش بايرىمى.
نورۇز-ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بايرىمى.
نورۇز-ئەدەبىيات-سەنئەت بايرىمى.
نورۇز-تەنتەربىيە بايرىمى.
نورۇز-شاد-خۇراملىق بايرىمى.
نورۇز-تەبىئەت دونياسىنىڭ ئۇلۇغ بايرىمى.
نورۇز-پۈتكۈل مىللەتنى يامان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەپ،ياخشى ئىشلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش بايرىمى.
نورۇز-ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەپ، مول ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈش بايرىمى.
نورۇز-گۈل-گىياھ، خۇشپۇراق، ھىد مەۋسۈمى بايرىمى.
نورۇز-چوكانتال بايرىمى.
نورۇز-دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى
ئەڭ ئاخىردا بلوگگېر نەزەرى ھەممەيلەننىڭ يىلدا بىر كىلىدىغان نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ!..

«ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!»نىڭ 12 ئويلىغانلىرى بار

  1. مەنمۇ كەلدىم!نەزەرباي باشلىق خالاستاندىكى ھەممەيلەننىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.
    شۇنداقلاماۇۋ ئېسىمل يازمىنى خاتىرەمەگە كۆچۈرۈپ ئەپكەتتىم.
    ھەممىمىز تەڭ يازمىساقمۇ ئېسىلدىن بىرنى ھەممىمىز تەڭ بەھرىلىنىلى بولدى.
    رەھمەت.

  2. نۇرۇز مۇبارەك، ھەممىمىڭلارنىڭ بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن، نەزەرباي ماۋۇ بلوگىڭىزنىڭ تەگلىك رەسىمى، بلوگنى بەك ئېغىر قىلىپ قويغاندەك تۇرىدۇ، بەك زۆرۈر بولمىسا ئېلۋەتسىڭىز بولامدىكىن دەيمەن.

    1. ماقۇل. بلوگىمنى شىنجاڭدا ئاچسا ئۇزۇن بىر ئادىرىسىتىن EOT چۈشۈرۈمەن دەپلا ئېچىلمايدىكەن. مەن رەسىم بىلەن شۇ ئىشنى بىر ئوڭشاي.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: