كەڭ قىرىنداشلىرىمىزغا جىددى ئىلتىجا

ئوماق كىچىك پەرىشتە، ئۈمۈتۋار بولۇڭ، خەلقىمىز سىزنى يۆلەيدۇ!

2011 يىلى 2ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭدىكى دوستۇمنىڭ تاپىلىشى بىلەن،كەچ سائەت 9:20دە  شىيەنياڭ ئايرۇدىرومىغا شىنجاڭ  قاغىلىق ناھىيسىدىن كەلگەن دېھقان قېرىنداشلارنىڭ ئالدىغا چىقتىم،  ئۇلارنىڭ 5 ياشلىق ئوماق قىزى مەدىنە سول پۇتى كۆيۈپ ئېغىر يارلانغانلىقى ئۈچۈن ، يەرلىك دوختۇرخانىدا پۇتنى كېسىشتىن باشقا ئامال يوق دەپ كۆرسىتىگەن. شىنجاڭ ئازاتلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى ھەم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن شىئەنگە يۆتكەپ كېلىنگەن، ھازىر شىئەن ئازاتلىق ئارمىيە 4- دوختۇرخانىسىغا داۋالىنىشقا ئاپارماقچى بولىۋېتىپتۇ. تونۇشتۇرىلىشىچە، ئەر-ئايال ئىككەيلەن خەنزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، ھەمدە ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالى ناھايىتى ناچار بولغاچقا ھەتتا يول كىراسىنىمۇ ئۈرۈمچىدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياردەم قىلىپ ھەل قىلغانىكەن.

ئالدىغا چىققاندا ئاددى ساددا  ياش دېھقان  ئەر ئايال ھەم دادىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغان سول پۇتى قېلىن داكا بىلەن تېڭىلغان مەدىنەنى ئۇچراتتىم، مەدىنەنىڭ پۇتىدىن باشقا  جايلىرىدا ئازتولا كۆيۈك جاراھەتلىرى بار ئىدى. قىزچاق شۇنچىلىك قەيسەر ئىدى، قىزنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇم كىشىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇراتتى . ماشنىغا چىققاندا پۇتى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر يەرگە تىگىپ كەتسىمۇ ئاغرىققا چىدىماي يىغلاپلا توختاپ قالاتتى.(دىمىسىمۇ ھېلىغۇ 5ياشلىق كىچىك قىزكەن، ھەر -ھەر چوڭ ئادەملەرمۇ بۇ ئاغرىققا چىدىمايدۇ. كىچىك قىزنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن )

يولدا قىزنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا قىزنىڭ كۆيۈك جاراھىتىنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، لېكىن دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا ئالماشتۇرغاندا، دوختۇر داكىنى ئاچقاندا، دوختۇرچىلىق ئۆگىنىدىغان مەنمۇ كۆرۈپ تۇرۇشقا جۇرئەت قىلالمىدىم، پەقەت ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ بىچارە كىچىك قىزچاقنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك پارىنى ئىزىدىغان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.

قىزنىڭ پۇتى كۆيگىنىگە 20نەچچە كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ تېز سۈرئەتتە داۋالاشقا توغرا كېلەتتى، دوختۇر بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن دوختۇر بىزگە، قىزنىڭ پۇتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى لېكىن داۋالىنىش خېراجىتىنىڭ يوقىرى بولدىغانلىقىنى ، پۈتۈن جەرياندا 4- 3 قېتىم ئوپراتسىيە قىلىندىغانلىقى شۇنداقلا پۈتۈن جەريانغا 200 مىڭ يۈەن(20تۈمەن كوي)  كېتىدىغانلىقىنى، پۈتۈن جەريان بىر ئاي ئىچىدە ئاخىرلىشىدىغىننى، ۋاقىتنىڭ بەك قىس ئىكەنلىكىنى ، مەلۇم باسقۇچتا مەسىلە چىقسا(چىقىم يەتمەسلىك سەۋەبىدىن داۋالاش توختىتىلسا) ئالدىدىكى داۋالاشنىڭ بىكار بولدىغانلىقىنى ئېيتتى.

راس گەپ قىلسام مەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تونىمايمەن، لېكىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىمەن، خەۋەر،ئاخباراتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەشۋىق قىلىپ كىچىك قىزنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىمەن. جەمىيەتتىكى قانچە جىق كىشى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولسا  ياردەم قىلىدىغان ئادەم جىق چىقىدۇ، شۇڭا قىزنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن كىملىك نومۇرى ھەم بانكا ھېساۋات نومۇرىنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويدۇم، كۆپچىلىكنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن.

ئالاقىلاشقۇچى: نۇرمەمەت تۇرۇپ

تېلىفۇن نومۇرى: 15199482968

بانكا ھېساۋات نومۇرى:  22280410 25003 622848 (يېزا-ئىگىلىك بانكىسى)

بانكا ھېساۋات نومۇرى ئاچتۇرغان ئورۇن: كورلا

بۇ توردىكى بىر خەنزۇ قىزنىڭ يەتكۈزگەن ئىلتىجاسى   قىزنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىقكەن، باشقا قېرىنداش مىللەتلەر مۇشۇنچىلىك كۈچەۋاتسا، بىز قېرىنداشلىرى كۆرۈپ تۇرۇپ قاراپ تۇرساق بولماس، تاما -تاما كۆل بولار دىگەن گەپ بار، ئاز ياكى كۆپ دىمەي ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ بۇ كىچىك قىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى~!!!!!!!

ھەممىمىزنىڭ ئۇرۇق تۇغقان بالا چاقى قېرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلۇغ ئاللاھ بالا قازالادىن يىراق قىلسۇن~!!!!!!!!!!

ھەممىمىز ئازدۇر كۆپتۇر بۇ ئائىلىگە ئىللىق قولىمىزنى سۇنايلى~!!

***************************************************************************************************************************

«بەيدۇ چاپلانما»دىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ، بۇ قىزچاقنىڭ ئەھۋالى 24-فېۋرال شىئەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىئەن مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىپ ،شۇ كۈنى ، شىئەن تېلىۋىزىيىسى 1-قانالدا سائەت 18دە ، شىئەن تېلىۋىزىيىسى 2-قانالدا سائەت 22دە ، شىئەن مائارىپ تېلېۋىزىيىسى قانىلىدا سائەت 21:15 دە تونۇشتۇرۇلغان.

ئەڭ يېڭى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، بۇ قىزچاقنىڭ داۋالىنىش چىقىمىدا ئۆزگىرىش بولۇپ ،ھازىر 560،000 (بەشيۈز ئاتمىش مىڭ ) يۇەن ئەتراپىدا مۆلچەرلەنگەن.

بەلكىم سىزنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ياردىمىڭىز ، ئاشۇ سەبىينىڭ ھاياتلىقى ۋە بەختىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن !!!
كۆڭلىگە ياخشىلىق پۇككەنلەرگە بىر ساۋاپ ، ياخشىلىقنى قىلغانلارغا ئون ھەسسە ساۋاپ يېزىلىدۇ. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ھەممەيلەنگە ئامانلىق ، سالامەتلىك ۋە دۆلەت-سائادەت ئاتا قىلسۇن !

********************************************************

بۇ قىزچاققا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلار:
قىزچاق ھازىر شىئەن شىجىڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ ،سۆڭەك بۆلۈمى ياكى كۆيۈك بۆلۈمى(مۇشۇ ئىككى بۆلۈمنىڭ بىرى)نىڭ 36-كارىۋىتىدا.
دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفونى:029-84771201

قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بايىغولىن ئوبلاستىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ، بانكا كارتىسى  بايىغولىن ئوبلاستى خۇشۇت ناھىيىسىدە بېجىرىلگەن.

姓名:努尔麦麦提·吐鲁甫

中国农业银行卡号:622 848 2500 3222 80410

开户银行:中国农业银行和硕县支行营业部

خالاستان بلوگى بۇ تېمىنى تەشۋىق كۆچۈرۈپ يوللىدى.ھەمدە ھازىرغىچە google adsense ئىلانىدىن قىلىنغان بارلىق كىرىمنى تېزلا بۇ قىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزىدۇ. خۇدا ھەممىمىزنىڭ تېنىنى ئامان قىلسۇن.

قىنى قىرىندىشىم سىزمۇ ئىللىق قولىڭىزنى سۇنۇڭ . سەبىينىڭ دىلىدا مەڭگۈلۈك داغ قالمىسۇن! بالا-قازانىڭ كۈشەندىسى ھەممىمىزدىن يىراق تۇرسۇن.

«كەڭ قىرىنداشلىرىمىزغا جىددى ئىلتىجا»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: