2012-يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

ئەزىز تورداشلار ئوبدان تۇرۇپسىلەرمۇ؟ مەنمۇ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ھەلەكچىلىكىنى بولدى دېگۈچە تارتىپ ئۈرۈمچى دېگەن شەدە مىھمانخانىدا يېتىپ يىڭى يىلنى كۈتمەكتىمەن.

ئالدى بىلەن سۆيۈملۈك تورداشلارنىڭ يىڭى يىلىنى مۇبارەكلەيمەن. يىڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يىڭىچە خۇشاللىق، بەختكە ئىگە بولىشىغا تىلەكداشمەن.

كىچىك ۋاقتىمىزدا ھەرخىل تەبرىك ئاتكىرىتكىلارنى يوللاش ئارقىلىق ئۆزئارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشاتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە تەبرىكلەش ئادەتلىرىمىزمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۈگۈن بىر داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋىتىپ ھەرخىل كىيىنگەن كىچىك ساۋاقداشلارنىڭ توپلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئاندىن ئەتىنىڭ يىڭى يىلللىقىنى قايتىدىن ھىس قىلدىم. ئەمما قارىسام ھەممە نەرسە ئوخشاش. لىكىن ئەستە تۇتايلىكى ، ئەتە ھەممەيلەن يىڭى بىر ياشقا كىرىمىز.

خوش، يەنە كۆرۈشكىچە ئامال بولساق كىلەر يىلى يىڭى يازمىلاردىن ئۈمۈد كۈتكەيسىزلەر!

«2012-يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن»نىڭ 6 ئويلىغانلىرى بار

  1. سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  2. سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ئشلىرىڭىزنىڭ تىخمۇ ئۇتۇقلۇق ۋەخاتىرجەم بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن.بەخت ۋە خۇشاللىق سىزگە مەڭگۇ يار بولسۇن.

  3. ھاجىكا ئۈرۈمچىدە قىشلايدىغانغا دىيىشمىگەنيا بىز؟ ئالىمكام سىلىنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىپ :lol: ئۈرۈمچىگە بىر كېتىۋالسا مېنى ئۇنتۇدۇ دەپ يۈرىدۇ جۇما… كەچكىچە يۈرىۋەرمەي، ما بىز دىيىشكەن ئىشلارمۇ شۇ پېتى قىلىۋاتىدۇ، غاچچىدە تۇراغا قايتسىلا ئەمدى!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: