5-ئەۋلاد iPhone كىلەر ئاينىڭ 4 ئېلان قىلىنىدۇ

خالاستان ئاگىنتلىقى خەۋىرى: بۈگۈن ئاخبارات خەۋەرلىرىدىن بىلدۇقكى، Appleنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد ئەقلىفونى iPhone4s كىلەر ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، تنىچ ئوكيان ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10دا apple يىڭى مەھسۇلات قىلىش يىغىنى ئاچىدىغانلىقى توغۇرلۇق تەكلىپنامە تارقىتىپتۇ. بۇ ۋاقىت بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر 1 گە توغرا كىلىدۇ.

10-ئاينىڭ 4-كۈنى appleنىڭ مەھسۇلات قىلىش يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى AllThingsD تىكىلەر ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان بولۇپ ئاخبارات ۋاستلىرى ھەر خىل ئىنكاسلارنى قىلغان. يۇقارقى تەكلىپ چىققاندىن كىيىن ھەممىنىڭ كۆزى بۇ يىغىندا ئېلان قىلىنىدىغان مەھسۇلات ئۇچۇرىغا قارىتىلدى.

تۆۋەندىكىسى كىيىنكى ئەۋلاد iPhoneنىڭ2 پەرەز رەسىمى:

خالاستان بىلوگگېىرىنىڭ پەرىزىچە،بۇ قىتىم ئېلان قىلىنىدىغان مەھسۇلات بەلكىم ئەرزان باھالىق iPhone+، ۋە بەلكىم تېخىمۇ نىپىز،يىنىك، ئىكرانى چوڭ، تىزلىكى بىر ھەسسە ئاشقان iPhone4s بولىشىمۇ مۇمكىن. ئالدىنقى قېتىملىق WWDC ئېلان قىلىنغان iOS5 ئالتە كۈندىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار قاتارىدا بولىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى خالاستان بىلوگىدىكى مەخسۇس بەتتىن كۆرگەيسىز.

«5-ئەۋلاد iPhone كىلەر ئاينىڭ 4 ئېلان قىلىنىدۇ»نىڭ 9 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مەن تىلفۇنۇمنى4.3كە چۈشۈرگەن ئىدىم تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلەتسەم ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن قاچىلاپ يۇرۇپ سۈرئىتى سەل ئېغىرشىپ قالدى.نەشىرنى كۆتۈرۋەتمەي 4.3كەيېڭىلىىغلى بولامۇ؟

    1. ئەگەر shsh زاپاسلانغان بولسا بولىۋىرىدۇ. ئەگەر بولمىسا پەقەت زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتۇرۇپ ھەممە نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  2. ۋاھ،ئالما شىركىتى بىر بىرىدىن ئىسىل مەھسۇلاتلىرىنى ئوتۇرغا چىقرىۋاتىدۇ دىسە،ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىچىشتۇرۇپ. بىزگە ئوخشاش ئالمىجاننى بالدۇر ئىلىۋالغانلار ،كىيىنكى ئەۋلادقا پۇل يوق ئاغزىمىزنى ئۇمچەيتىپ ئولتۇرۇپ قالدىكەنمىزدە. :cry:  

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: