كالىندار

ھۆججەت ئامبىرى

مەن كىم

ھەدىيە بلوگى

地址:新疆和田墨玉英也尔中学
联系方式:
手机:18997655707
qq:1207562232
邮: 848100




بىز ھەردائىم ئۈلۈم خەۋپى ئاستىدا تۇرۋاتساقمۇ بىز بۇنوقتىنى دائىم ئۇنتۇپ قالىمىز؛ بىز ئاخىرەتنى ئنكار قىلغان ۋەئۇنى ئۇنتۇپ دۇنيامەنپەتىگە ئالدانغان كىشلەر تۇپى ئارسىغا كىرىپ قالدۇق !ئى ئاللاھ !بىزگە غەلبىلىك ھايات،مۇۋاپىقىيەتلىك ئۈلۈمنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن!مۇسۇلمان پىتى جېنىمىزنى ئالغىن!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئى ئادەم ئەۋلادى! مىنىڭ ھۆكىمىرانلىقىمدىلا بولىدىكەن ھىچ قانداق ھۆكىمىراننىڭ ھۆكىمىدىن قورىقما! مىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم مەڭگۈ يوقالماستۇر! رىزىقىڭنىڭ ئاز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرمە!،مىنىڭ خەزىنەم مەڭگۈ تۇگىمەستۇر ! ئى ئادەمئەۋلادى!مەن سىنى ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم ئويۇن تاماششانى تاشلا ! رىزىقىڭنى تەخسىم قىلىپ بولدۇم ئاۋارە بولما! ئەگەر سەن تەخسىم بولغان رىزىققا رازى بولۇپ كۆڭلى-كۆكسۈڭنى كەڭ تۇتساڭ مىنىڭ ماختىشىمغا سازاۋەر بولىسەن . ئەگەر تەخسىماتقا رازى بولمىساڭ ، يۈكسەكلىگىم بىلەن قەسەمكى دۇنيانى ئۈستۇڭگە كەيگۈزۇپ قويىمەن شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاۋارىگەرچىلىگە قالىسەن ھەرقانچە كۈچىسەڭمۇ ئۆز نىسىۋەڭگىلا ئىرىشىسەن .لىكىن مىنىڭ لەنىتىمگە ئۇچىرايسەن مەندىن باشقىنى تەلەپ قىلما! مەن سەن ئۈچۈن تەييار ئەگەر مىنى تەلەپ قىلساڭ تاپالايسەن مىنى يوقىتىپ قويساڭ مەنمۇ سىنى يوقىتىپ قويىمەن ، مىنى يوقاتساڭ پۇتكۇل ياخشىلىقنى يوقاتقان بولىسەن . مەن يەتتە قات ئاسمان زىمىننى ھىچ قىنالماي ياراتتىم سەن يەيدىغان كىچىككىنە رىزىقنى بىرەلمەسمەنما؟! مەن سەندىن ئەتە كىلىدىغان ئىبادەتنى تەلەپقىلمىغاندىكىن ، سەنمۇ مەندىن ئەتە يەيدىغان رىزىقنى تەلەپ قىلما! مەن ماڭا ئاسىلىق قىلغان كىشىنى ئۇنتۇپ قالمىغان يەردە ماڭا ئىتائەت-ئىبادەت قىلغان كىشىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي؟ مەن بەكمۇ رەھىمدىل .مەن ھەر نەرسىگە قادىر !مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن
مىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىم ئۈچۈن سەنمۇ مىنى ياخشى كۆرىشىڭ كىرەك





















ئەپلاتون ياش ۋاقتىدىلا ناھايتى زور نەتىجە قازانغان، ئۇنىڭ بىر دوستى ئۇنى مۇبارەكلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ناھايتى نەپىس بىر ئۇرۇندۇق سوۋغا قىلىدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن بىر مۇنچە ئادەم ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمغانغا كېلىپ، ھېلىقى نەپىس ئۇرۇندۇققا كۆزى چۈشىدۇ. ئۇرۇندۇقنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئارىدىن بىر ئادەم ئۇرۇندۇققا چىقىپ، تەلۋىلەرچە دەسسەپ:«بۇ ئۇرۇندۇق ئەپلاتوننىڭ مەغرۇرلۇق ۋە شۆھرەتپەرەسلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى شۆھرەتپەرەسلىكنى چەيلىۋەتمەكچى!» دەيدۇ. كۆپچىلىك بىلەن ئەپلاتون بۇنىڭغا ھەيران قېلىشىدۇ. كېيىن ئەپلاتون ناھايتى سالماقلىق بىلەن ئىچكىركى ئۆيدىن بىر سۈرتكۈنى ئېلىپ چىقىپ، دەسسەپ مەينەت قىلىۋېتىلگەن ئۇرۇندۇقنى پاكىز سۈرتىۋېتىپ، ھېلىقى ھاياجىنىنى باسالماي ئۇرۇندۇققا دەسسىگەن مېھماننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە چوڭقۇر مەنىدە :« سىزنىڭ قەلبىمدىكى شۆھرەتپەرەسلىكىمنى دەسسىۋەتكىنىڭىزگە رەھمەت. ئەمدى مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ھەسەتخورلۇقنى سۈرتىۋەتتىم. سىز ئولتۇرۇپ خاتىرجەم ھالدا كۆپچىلىك بىلەن چاي ئىچىپ، مۇڭداشسىڭىز بولارمۇ؟ » دەيدۇ
تارماق بەت ئۈستى ئېلانى
  • ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17باھانىسى

    ۋاقىت:2010-09-02 | تۈرى:كومپىيوتىر بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74220881.html

    ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17باھانىسى 1-باھانە : دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى يەرلىكتىكى مەكتەپلەردە ئۇزاق مەزگىل ئىغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان . مەكتەپ رەھبەرلىرى ،يەرلىك ھۆكىمەت تەپ تارتماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق -مەنپەئەتىگە قول تەككۇزەلەيدۇ ،لىكىن كەڭ ئوقۇتقۇچىلار شۇنچە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ ئۈن چىقىرالمايدۇ . 2-باھانە : مائارىپ ئەسلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىدى ،بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت مەكتەپنىڭلا ئشى بولوپ قالغان ،ھەتتا نۇرغۇن كىشلەرنىڭ تونۇشىدا مائارىپ دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئوقۇتقۇچى دېگەن ئۇقۇم بىرگەپ . 3-باھانە : ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش دېگەپ گەپ تولا تەكرارلىنىپ سەپسەتە بولوپ قالدى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشىنى ئازراق ئۆسىدىغانلىقى ھەققدىكى خەۋەر دائىم تارقىلىدۇ بىراق رەھبەرلىك قاتلمىدىكىلەرنىڭ دائىم ئۇنتۇپ قالىدىغىمۇ مۇشۇ ئىش . 4-باھانە : مائارىپ ئاللاقاچان پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ «كۆڭۆل بۆلىدىغان نۇقتا» سى بولوپ قالدى ،گويا ھەرقانداق ئادەم ،ھەرقانداق ئورۇن ئۇنىڭغا خالىغانچە قول شىلتىپ ،پەشۋا ئاتسا بولىۋىرىدىغاندەك ؟ مائارىپ پەيدىن -پەي يەرلىك ھاكىمدارلارنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ، ئۆز ئاۋازىنى ئۆزىمۇ ئاڭلىماس بولوپ قالماقتا . 5-باھانە : ھەممەيلەن ئوقۇغۇچىلارغىلا كۆڭۆل بۆلىدۇ ،پەقەت ئازساندىكى بىرقىسم كىىشلەرلا ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۆل بۆلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار پەيدىن -پەي بىر ئاجىز توپقا ئايلانماقتا ،تۈرلۈك-تۈمەن سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا . 6- باھانە : ھەممە جىنىنىڭ بارىچە ماددى مەدەنىيەت قوغىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ دائىرىدە چۆلدەرىمەكتە . ماتېرىيال كۆرۇشتىن باشقا يەنە نېمە بار ؟ ئوقۇتقچۇى رېستۇراندا غىزالىنىپ قويسا چوڭ يەپ -چوڭ ئىچكەنلىك بولىدۇ ،بىرقانچىسى كۆڭۆل خۇشلۇقى ئۈچۈن قەرت ئوينىسا كۆللىكتىپ قېمار بولىدۇ ، ئوقۇتقۇچى ياخشىراق مۇنچىغا چۈشسە ئىستىلى بۇزۇق بولىدۇ ،ئوقۇتقۇچى مودا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قويسا ناچار ھەۋەس بولىدۇ . 7-باھانە : مائارىپنىڭ پاكىزە تۇپرىقى ئەمدى ئۇنداق بولماي قالدى . قالايمىقان ھەق يىغىش ،قالايمىقان سىلىق سىلىش بەك ئىغىر ،مەكتەپنىڭ مالىيىسى رەھبەر ۋە يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ كىچىك خەزىنىسى بولوپ قالدى . 8-باھانە : ھازىرقى ئەھۋالدا ئوقۇغۇچى مەڭگۈ بىرىنچى ، ئائىلە باشلىقى تەڭرى . ئوقۇتقۇچى بىلەن ئائىلە باشلىقى ياكى ئوقۇغۇچى ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلسا گۇناھنىڭ يېلتىزى ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىدا بولىدۇ . 9-باھانە : بىرياقتىن ساپا مائارىپى دەپ توۋلاپ ،يەنە بىرياقتىن ئىمتىھان مائارىپى دەپ ۋاقىراپ ،ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىككىسنىڭ قىسىلچىقىدا ئاران-ئاران نەپەس ئالماقتا . 10-باھانە : ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەشتە ئەسلى تەنقىدلەش توغرا كەلسە تەنقىدلەش ،قاتتىق تۇتۇش توغرا كەلسە قاتتىق تۇتۇش كېرەك ئىدى ،بىراق ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا خۇشامەت قىلىشقىلا بولىدۇ . 11-باھانە : ساپا مائارىپى شۇئارى ۋە ئىمتىھان مائارىپى بايرىقى ئاستىدا ئاخىرقى ھېسابدا بار بولىدىغىنى يەنىلا «ناچار ئوقۇغۇچى »،«ناچار سىنىپ » ۋە «ناچار ئوقۇتقۇچى» ۋاھاكازالاردۇر . 12-باھانە : ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى راستىنلا سەككىز سائەتلىك تۈۈزمدىمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى كۈندىلىك ئارام ۋاقتى ياكى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ۋاقلىرىدا بولسۇن غەيرى رەسمي خىزمەت قىلىدۇ ،بۇئىشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. 13-باھانە : مۇئاشنىڭ قەرزدىن ئاشقىنى ئاش -تۇزنىڭ ،داۋالىنشتىن قىسنىپ زۇكامنىمۇ ئىغىر كىسەلگە ئايلاندۇرۇۋىلىش ئاددى ئىش ،ئۆي ياردەم پۇلى دېگەن خام خىيال ،قىرىغاندا كۇتۇنۇش دېگەن ئاق قەغەز . 14-باھانە : «ناچار ئوقۇغۇچى يوق ،پەقەت ناچار ئوقۇتقۇچى بار » مانا مۇشۇنداق دانا گەپلەر باشقىلارنى ئاللاقان ئوقۇتقۇچىلار ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۇزىدۇ دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ بولدى . 15-باھانە : تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ، شىتات ئوشۇقلىقىدىن كېلىپ چىققان شاللاش تۈزىمى قاتارلىقلارنىڭ سەھنىگە چىقىشى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى يۇۋاشلىتىدىغان «ئەنگۈشتەر»ى بولوپ قالدى . 16-باھانە: كەسىپنىڭ مۇقەددەس تۇيغۇسى ئوبىكتىپ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئادەمدە بولىدىغان شادلىنش ۋە غەەزبلىنىشتەك نۇرمال كەيپىياتىنىمۇ نىقابلاپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن زور ئۈمىدلىرى قوشۇلۇپ ئۇلار نۇرمال ئادەملەرچە ياشاشتىن بارغانسىرى يىراقلاشماقتا . 17-باھانە : ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ خاسلىقى تۇپەيلىدىن ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن روللارنى ئوينىشى كېرەك ؛ بىلىم تارقاتقۇچى ، تۇرمۇشتىكى باشقۇرغۇچى ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋاكالەتچى خادىمى ، ئوقۇغۇچىلار پىسخىكىسىنىڭ ئەمچىسى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىچى دېگەندەك ... بىراق بۇنچە كۆپ رولنى ئىلىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئاسانلا زىددىيەت -توقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ ،ئۇلاردا تۈرلۈك پىسخىكلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا . راست گەپنى قىلغاندا مائارىپنى بوغۇش كۆپ ، مائارىپنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ . مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىچىدە مائارىپنى كۆپتۇرۇپ كۆرسەتكۈچىلەر كۆپ ، مائارىپنىڭ سىرتىدا مائارىپقا قىزىققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار كۆپ . مائارىپ شۇناس جۇ يوڭشىن ئەپەندى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن : « ئوقۇتقۇچىلىق -تەۋەككۇلچىلىكتۇر ، ھەتتا بۇ خىيىم -خەتەرگە تولغان بىر كەسىپ . ئۇلۇغ ئادەملەر بىلەن ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىنىڭ مەھسۇلىدۇر ». خەن تىلىدىكى «ساپامائارىپى» مۇنبىرىدىن تەرجىمە قىلىندى

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى