• پىرىنىتلاش ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلى - [كومپىيوتىر بىلىملىرى]

    分类:كومپىيوتىر بىلىملىرى | 2010-08-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/hadiye-logs/73100110.html

    بەزىدە پىرىنتىرغا پىرىنىتلاش ۋەزىپىسىنى بېرىپ ئاسانلىقچە ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولمايدۇ،كومپىيوتېر قېتىۋېلىپ،ئىنكاس بولمايدۇ.تۆۋەندە رەتلەپ چىققان بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم:

    1.      نورمال بولغان پىرىنىتلاش ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى:ئۈستەل يۈزىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى پىرىنتىر سىنبەلگىسىنى قوش چېكىپ چىققان كۆزنەكتىن مۇناسىۋەتلىك بولغان پىرىنىتلاش ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز.

    2.      دائىم ئۈزلۈكسىز پىرىنىتلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندە،كۆزنەكتىكى پىرىنىتلاش ۋەزىپىسى ئورۇندالمايدۇ.يۇقىرىدىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولمايدۇ،ھەمىشە پىرىنتىرنى قايتا قوزغىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز.

    3.      ئەڭ چاتاق بولغىنى پىرىنتىرنى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن،پىرىنىتىلاش ۋەزىپىسىنى يەنىلا ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولمايدۇ،بۇ ۋاقىتتا پەقەت كومپىيوتېرنى قايتا قوزغاتماي ئامال يوق.

    يۇقىرىدىكى 3كە قارىتا ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا:

    1.      ئالدى بىلەن نورمال ئۇسۇل بىلەن پىرىنىتلاش ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز،ئەمەلدىن قالدۇرالمىساق بىرىكمە كونۇپكا “ctrl+alt+del”نى باسىمىز،چىققان ۋەزىپە باشقۇرغۇچى كۆزنەكتىن “进程”نى چېكىپ،بۇنىڭ ئىچىدىن spoolsv.exeدىگەن ھۆججەتنىڭ جەريانىنى توختىتىۋېتىمىز.

    2.      مائۇسنى مېنىڭ كومپىيوتېرىمغا توغرىلاپ “服务”- “计算机管理”-“管理”نىڭ ئىچىدىن print spoolerنى تېپىپ ئوڭ كونۇپكىنى چېكىپ قايتا قوزغىتىشنى تاللايمىز.

    3.      يۇقىرىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق كومپىيوتېرنى قايتا قوزغاتماي پىرىنىتلاش ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ.

     


     


     بۇ ماقالە كۆلتېكىن بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://www.blogbus.com/hadiye-logs/71451069.html

    分享到:

    Tag:
    引用地址: