گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 154|ئىنكاس: 2

ھەقىقىي ئەركەك قارشى چىقىشنى بىلىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
44
تېما
137
قىزغىنلىق
702
تىللا
999
تۆھپە
330
توردا
102 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 22:50:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي ئەركەك قارشى چىقىشنى بىلىدۇ، بىراق ئورۇنسىز قۇربان بېرىدىغان ئىشنىمۇ قىلمايدۇ چەت ئەلدىكى بىر شەھەردە شەھەر باشلىقى ياردەمچىلىكىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئادەم تەكلىپ قىلىپتۇ.شەرتى : تەكلىپ قىلىنغۇچى چوقۇم ئەر بولۇشى كېرەككەن. بۇ يەردىكى ‹‹ئەر كىشى›› دېگەن گەپنىڭ نوقۇل فىزىئولوگىيىلىك پەرقنى ئەمەس، بەلكى مەنىۋى پەرقنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بەش قولدەك           ئايانىكەن .مەدەنىيەت ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا جەھەتتىكى قاتمۇ قات تاللاشتىن كېيىن ئۈچ ئادەم ئاخىرقى قېتىملىق ئالاھىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپتۇ. بۇ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەل ئىكەن. بۇ ئۈچ ئادەم نۆۋەت بويىچە كىرىپ ئىمتىھان بېرىپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىمتىھاننى شەھەر باشلىقى ئۆزى ئاپتۇ؛تۇنجى بولۇپ بىر ئەر كىشى كىرىپتۇ. ئۇ، سېرىق چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، پېشانىسى كەڭرى، بەسىتلىكك كىشى ئىكەن   .       شەھەر باشلىقى ئالاھىدە بېزەلگەن بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كەپتۇ. پول پۈتۈنلەي ئۇششاق ئەينەك سۇنۇقلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، قارىسا، ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدىكەن.شەھەر باشلىقى سۈرلۈك تەلەپپۇزدا دەپتۇ ــ ئۈستەلدە بىر ۋاراق جەدۋەل بار، يالاڭ ئاياغ كىرىپ ئاشۇ جەدۋەلنى تولدۇرغاندىن كېيىن ماڭا تاپشۇرۇڭ ھېلىقى ئەر ئىككىلەنمەستىن ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، ئۆتكۈر ئەينەك سۇنۇقلىرىغا دەسسىگىنىچە جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىپ تولدۇرۇپ شەھەر باشلىقىغا بېرىپتۇـ دە، جاندىن ئۆتىدىغان ئاغرىققا چىداپ، خاتىرجەم قىياپەتتە شەھەر باشلىقىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغا بىر چوڭ زالنى كۆرسىتىپ دەپتۇ ــ ئاۋۇ زالدا ساقلاپ تۇرۇڭ ھېلىقى كىشى بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپتۇ. شەھەر باشلىقى ئىككىنچى بولۇپ كىرگەن كىشىنى ئالاھىدە ياسىلىپ ، ئىشىكى ھىم ئېتىلگەن يەنە بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كەپتۇ ۋە سوغۇق تەلەپپۇزدا  ــ ئۆيدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىر ۋاراق جەدۋەل بار، ئاشۇ جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىپ تولدۇرۇپ ماڭا بېرىڭ!ــ دەپتۇ ھېلىقى كىشى ئىشىكنى ئىتتىرگەنىكەن، ئېچىلماپتۇ ــ بېشىڭىز بىلەن ئىتتىرىپ ئېچىڭ!ــ دەپتۇ شەھەر باشلىقى بۇيرۇق قىلىپ ھېلىقى كىشى ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشىككە ھەدەپ ئۈسۈشكە باشلاپتۇ. ئۈسە-ئۈسە… ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۇنىڭ بېشى يېرىلىپ، يۈز-كۆزى قانغا بويىلىپتۇ، ئىشىك ئاخىرى ئېچىلىپتۇ ۋە جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىپ ئەستايىدىل تولدۇرۇپ شەھەر باشلىقىغا بېرىپتۇ. شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغىمۇــ ئاۋۇ زالدا ساقلاپ تۇرۇڭ،ــ دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى ئىچىدە خۇشھال بوپكېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ساغلام ۋە كۈچلۈك ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپتۇ. ئەمما، شەھەر باشلىقىنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق رازىمەنلىك ئالامىتى يوقمىش شەھەر باشلىقى ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر ئەر كىشىنى بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كېلىپ ئۆيدىكى ھەم ئورۇق، ھەم ئاجىز بىر بوۋاينى كۆرستىپ تۇرۇپ دەپتۇ،ئۇنىڭ قولىدا بىر ۋاراق جەدۋەل بار، ئاشۇ جەدۋەلنى ئېلىپ تولدۇرغاندىن كېيىن ماڭا بېرىڭ! ئەمما ئۇنى ئۇرۇپ يىقىتمىسىڭىز جەدۋەلنى سىزگە بەرمەيدۇ! ئۇنى نېمىشقا ئۇرغۇدەكمەن، سەۋەبىنى دەپ بېرىڭ!ــ دەپتۇ ھېلىقى كىشى شەھەر باشلىقىغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ ــ بۇ دېگەن بۇيرۇق!ــ قىپقىزىل ساراڭكەنسىز! نېمىدەپ ئۇ .ئاجىز بوۋاينى ئۇرغۇدەكمەن؟شەھەر باشلىقى ئۇنى ئالدىنقى ئىككى كىشىگە ئوخشاش پولغا ئەينەك سۇنۇقلىرى چېچىلغان ئۆي بىلەن ئىشىكى ھىم ئېتىلگەن ئۆيگە كىرىشكە بۇيرۇپتۇ، ئەمما ھېلىقى كىشى بۇنىمۇ رەت قىپتۇ. شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپتۇ.، بۇنى كۆرۈپ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كىشى ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ مېڭىپتۇ. ئەمما شەھەر باشلىقى ئۇنى چاقىرىپتۇ،شەھەر باشلىقى بۇ ئۈچەيلەننى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارغا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى كىشىنىڭلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپتۇ. باش-كۆزى ۋە پۇتلىرى قاناپ كەتكەن ھېلىقى ئىككى كىشى بۇ ئۈچىنچى كىشىگە سىنچىلاپ قاراپتۇ چە ئۇنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق زەخمىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ، شەھەر باشلىقىنىڭ بۇ قارارىغا قايىل بولماي تەڭلا سوراپتۇ ــ بۇ قانداق گەپ؟ــ ھېچقايسىڭلار ھەقىقىي ئەركەك ئەمەسكەنسىلەر،ــ دەپتۇ شەھەر باشلىقىــ نېمە؟!ــ ھېلىقى ئىككىسى يەنە چۇرقىرىشىپتۇ   شەھەر باشلىقى سەمىمىيلىك بىلەن چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ شۇنداق دەپتۇ ــ ھەقىقىي ئەركەك قارشى چىقىشنى بىلىدۇ، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئىتائەتمەنلىك قىلىپ، ئورۇنسىز قۇربان بەرمەيدۇ,ھاسىلكالام: ھەقىقىي ئەركەك توخۇ يۈرەك بولماسلىقى، گېزى ەلگەندە كۆكرەك كېرىپ چىقىشنى بىلىشى، ھەممىگىلا قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىۋەرمەي ئۆزىنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم. دۇرۇس، دۇنيادا ئەر كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما يۇقىرىقى ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ھەقىقىي ئەركەكلەر ئىنتايىن ئاز.

مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2009-يىللىق 5-سانى



  





Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
13
قىزغىنلىق
315
تىللا
1658
تۆھپە
161
توردا
267 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا گەپلەركەن بۇ،دىمىسىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەقىقەتنى ياقلىيالايدىغان بولۇشى،لىكىن ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئىتائەتچان بولىۋەرمەي ئېنىق مەيدانى بولۇشى كىرەك.


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 3Rank: 3

تېما
56
قىزغىنلىق
763
تىللا
1502
تۆھپە
105
توردا
138 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 09:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغۇلارچە ئىتائەت قىلىش كومپاسسىز كىمىگە ئوخشايدۇ .كومپاسسىز كىمىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بۇلار ؟؟؟؟؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-22 01:08 , Processed in 0.115311 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش