گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 275 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 133|ئىنكاس: 2

سەن كىم (سىتودېنتلار ئاغزىدىن .....) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
20
تېما
4
قىزغىنلىق
60
تىللا
232
تۆھپە
18
توردا
20 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 22:18:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       سەن كىم (سىتودېنتلار ئاغزىدىن .....)

- ئەسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاداش, بارمۇ سەن قانداق ئەھۋالىڭ ؟
-ياخشى ،ئۈزۈڭچۇ؟ ياخشى تۇرغانسەن؟ سىنى قانداق شامال بۇياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەلدى ؟
-قانداق شامال بۇللاتتى ؟ سىنى بۇۋۇم بۇپتۇ دەپ ئاڭلاپ كۈزۈم بىلەن كۈرەي دەپ كەلدىم .ھاھا...!!
-چاقچىقڭنى قويساڭچۇ.
-ھە، ئۇزۇن بولدى كۈرۈنمەيسەن نىمە ئىش بىلەن ئالدىراش يۇرۇيسەن ؟
-باشقا ئىشمۇ يوق شۇ ئازراق ئىشلار بىلەن ئىچىم سىقلىپ ...
-ھە بىلدىم بىرەر قارا كۆز سايىپجامال ئىچىڭگە ئوت سېپتۇدە؟ ئېيتە قايسى گۈزەل ئۇ ؟
- قويغىنە ئاداش سايىپجاماللىرىڭنى ،ئۇ ئىش ئەمەس ......
-بولدى يۇشۇرما ،بۇ ياشتا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نىمە ئىش بۇلاتتى ؟ بىزدىن ئەنسىرەمسەن يە ،خاتىرجەم بول....
-بولدى قىلساڭچۇ چاقچاقلىرىڭنى ،ھە ئۇزۇڭچۇ نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىيسەن؟
-نىمە بۇلاتتى يەنە شۇ كونا سەنەم ،زىركسەك( ۋاڭباغا) چىقىپ كىنو كۈرۈپ، ناخشا تىڭشاپ ، ئۇيۇن ئويناپ دىگەندەك ، بولمىسا  قىزلانى چاقىرىپ (سەنبۇ) قىلمىز ،ئۇمۇ بولمسا دوست بۇرادەرلەردىن ئالتە بەشىمىز يىغلىپ ھاراق ئىچىپ، تاماكا  چىكىپ ھال-مۇڭ بۇلۇشقاچ ئىچ پۇشقىمىزنى چىقىرمىز ،ئىچمىز ،چىكمىز ،ئوينايمىز ،ياشايمىز  ياشلىقنى قولدىن بەرمەي ئويناپ كۇلۇپ ياشايمىز .ئاغىنلەر ئاخشام  دىيشىپ قويغان بۈگۈن كەچتە (دىباغا ) بېرىپ ئوينىماقچىدۇق ، سەنچۇ ھازىر نىمە ئىش قىلۋاتسەن ؟باشقا ئىشىڭ بولمىسا بىللە بېرىپ ئويناپ كەلمەمدۇق قىزلار يىتەرلىك ،سەنمۇ تۆت تامنىڭ ئىچدە سىقلىپ ئولتۇرۇپ ،جاھاننىڭ خوۋلىقنى كۆرمەي ئۈتۈپ كەتمە يەنە،  ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ قوي، بولمىسا كىيىنچە پۇشايمان قىلسەن ، بولە كىتاپ دەپتەرلىرڭنى يىغىشتۇر، ماڭدىغان ۋاقىت بۇلۇپ قالدى، ئۇلارمۇ ساقلاپ قالمىسۇن .
-رەخمەت ،سەن ئۈزەڭ بېرىۋەرگىن ئاداش،مەن بارالمايمەن  .
-نىمىشقا يېنىڭدا پۈل يوقمۇ يا؟ بولدى يۇرە سەندە بولمىسا مەندە بار.....
-كەچۈرگىن ،راستىنلا بارالمايمەن ،مىنىڭ يەنە قىلدىغان ئىشىم بار ،سىلەر بېرىۋىرىڭلار كىيىنچە بارامەن .
-بىز دوستلىرىڭدىن مۇھىم نىمە ئىش ئۇ ؟بىرەرسىدىن روخسەت ئالمىساڭ بولمامدۇ يا ؟!بولدى جاۋابنى ئۈزۈم بىرمەن  يۈرە ،دوستلار ساقلاپ كالدى ....
-مىنى زورلىما ئاداش مەن راستىنلا بارالمايمەن ، مەن  خەت يېزىشنى مەشىق قىلۋاتىمەن ...
-نىمە خەت ئۇ ؟خەنزۇچە خېتىڭ شۇنچە چىرايلىق تۇرسا يەنە نىمىنى مەشىق قىلسەن ؟!
-خەنزۇچە ئەمەس .
-ئەمسە نىمە ؟سەن ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنۋاتامسەن؟
-ياق ، ئۇيغۇرچە خەت مەشىق قىلۋاتمەن ،ئۇيغۇرچە خېتىم  ئانچە چىرايلىق  ئەمەس ئىملا خاتالىقمۇ بار ،شۇڭا ....
-ۋاي ۋاي .... ئاداش سەن قايسى دوۋىردە ياشاۋاتسەن تويدىن كىيىن ناغرا ، قېتىقتىن كىيىن زاغرا دىگەندەك ئەمدى ...
-بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟
-مەن ساڭا دىسەم بۇ دىگەن 21-ئەسىر ،ھەممە ئادەم دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلى بىلەن دۇنيا تىلى بولغان ئېنگىلىز تىلغا ھۇجۇم قىلۋاتسا سەن نىمە جەميەتتىن شاللانغان بىر نىمىلەرنى سۆرەپ يۈرۈيسەن ،بىلەمسەن ھازىر يەسلىدىكى باللارمۇ خەنزۇتىلى ئۈگنىۋاتدۇ ،ئۇيغۇرتىلنى ھىچكىم ئۈگەنمەيدۇ ، سەنمۇ بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇنياغا نەزەر سال .
-سىنىڭ دىگنىڭچە  ئۇيغۇرتىلنىڭ ۋاقتى كەتتىمۇ ؟ئۆگنىشنىڭ ئەھمىيتى يوق شۇنداقمۇ ؟
-ئەلۋەتتە
-ئۇنداقتا سەن كىم ؟
-مەن ئەسقەر
- مىللىتىڭ قايسى؟
-ئەلۋەتتە ئۇيغۇر
-ئانا تىلىڭچۇ ؟
-ئۇيغۇر تىلى ،ساڭا نىمە بولدى ؟نىمانداق سۇئاللارنى سورايسەن؟
-شۇنداق سەن ئۇيغۇر ،مەن ئۇيغۇر،ئۇ ئۇيغۇر ،ھەممىزنىڭ ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى .سىنىڭ دىگنىڭمۇ توغرا ،دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلى قاتتىق تەكىتلىنۋاتقان  بۈگۈنكى كۇندە خەنزۇچە بىلمىسەڭ قارا ساۋات (ساۋاتسىز ) سانىلسەن ،خەنزۇتىلنى چۇقۇم ئۆگنىش كىرەك ئەمما ئانا تىلمىزنى پۇختا ئۆگىنىپ ئاندىن ئۆگەنسەكمۇ بۇلىدىغۇ ؟
   ئانا تىلمىزنىڭ شانلىق سەھىپلىرنى ۋاراقلاپ كۆرسەك مىلاديە11-12ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن مەھمۇد قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپلار يازغان ، ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيا  خەلقىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرغان ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى ››،‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› ئەسەرلىرنى ئەنە شۇ ئانا تىلمىز بىلەن يازغان ، ئەنە شۇ ئانا تىلمىز بىلەن ساقلىنىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ،بىزنى دۇنياغا تۇنۇتقان ، مەھمۇد قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپلار شۇ ئەسەرلىرى بىلەن تا بۈگۈنگىچە قەلبىمىزدە ھايات ،يەنە شۇ ئەسەرلىرى بىلەن نەچچە ئەسىر كىشلەر قەلبىدە ياشايدۇ .يەنە 13-14ئەسىرلەرگە نەزەر سالساق ئۇيغۇر تىلنىڭ تازا گۈللەنگەن ۋاقتىغا توغرا كىلدۇ ،بۇ دەۋىردە ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسدە چاقنىغان يۇرۇق يۇلتۇزغا ئايلانغان ،ھەر قايسى ئەللەردە ئورتاق تىل سۈپتىدە خىزمەت قىلىپ  ،سودا-سېتىق،تىل-ئالاقە ،مائارىپ ،مەدەنيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.16-17ئەسىرلەرگە كەلگەندە قازاق ،قىرغىز قاتارلىق بىر قىسىم قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى بىزنىڭ ئانا تىلمىز ئاساسدا بارلىققا كەلگەن .يەنە بىزنىڭ شانلىق تارىخمىزنى بۈگۈنگىچە يەتكۈزۇۈپ بەرگەن .مانا بۇلارنىڭ ھەممسى بىزنىڭ ئانا تىلمىزنىڭ تۆھپىسى ئەمەسمۇ ؟! بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  تىل -قۇرال،تىل -كۆۋرۇك دىگەننى باھانە قىلىپ ،ئانا  تىلمىزنى ئۇنتۇپ كەتسەك ،ئۇنى ‹ئەسقاتماس ›قاتارغا ھەيدىسەك،  شانلىق تارىخنى يوققا چىقرۋەتسەك بۇ تۇلمۇ ئادالەتسىزلىك بولمامدۇ ؟ شۇنداق قىلساق ئانا تىلمىزغا يۈز كىلەلەمدۇق ؟!
-دىگنىڭغۇ ئۇرۇنلۇق ،لىكىن سەن بىلەن مەن بىر ئىككى ئادەم نىمە ئىشنى ھەل قىلغىلى بۇلدۇ دەيسەن ؟ بولدى ئىچىڭنى پۇشۇرمىغنە .
-سەنمۇ شۇنداق دەمسەن ؟ بۇنداق دىيىش ئانا تىلغا نىسبەتەن پەرۋاسىزلىق . راسىت سەن ،مەن بىر ئىككى ئادەم باش قاتۇرۇپ ھىچنىمگە ئېرشەلمەيمىز ، بىراق ئويلاپ كۆردۇڭمۇ؟  سىنىڭچە بۇ ئىشقا باش قاتۇرۋاتقان يالغۇز سەن بىلەن مەنلىمۇ ،بىلىپ قوي بۇ ئىشقا كۆڭۇل بۆلدىغانلار سەن ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ‹بىر ، ئىككى› لەر بار  ، لىكىن ئۇلار بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بۇلدىغاننى بىلمەمدۇ ياكى تاما -تاما كۆل بۇلۇر دىگەننى ئاڭلىمغانمۇ ئۆزلىرنىڭ ئۇيى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئۇرۇنمايۋاتدۇ .
    مەن ساڭا بىر ھىكايە سۆزلەپ بىرەي بەلكىم بىر نەرسىنى چۈشنىپ قالارسەن :‹بۇرۇن بىر يول ياقىسدا قىش -ياز توختىمايدىغان سۇلىرى سۇۈزۈك ھەم سوغوق بىر بۇلاق بولغانىكەن ،بۇلاقنىڭ سۈيدىن بىر يۈتۈم ئىچكەن ھەر بىر دىل باشقىچە ياشىرىپ كېتىدىكەن ،شۇڭا  بۇ يولدىن ئۆتكەن ھەر بىر يولوچى بۇ بۇلاقنىڭ سۈيدىن ئىچمەي ئۆتمەيدىكەن ، بۇ بۇلاق ئەنە شۇنداق چاڭقاق دىللارنى سۇغىرىش بىلەن تالاي يىللارنى ئۇزىتىپتۇ .يىللار ئۆتكەنسىرى بۇلاقتا لەش پەيدا بۇلۇشقا باشلاپتۇ ،دەسلەپ سۇ ئىچكەنلەر لەشنى سۈزۇپ ،ئەخلەت -چاۋالارنى تازلاپ كىتىشىپتۇ ،بارا-بارا بۇلاقنى تازلاشتىن ئېرىنىپ ئىچىدىغننى ئىچىپ يۇلغا راۋان بۇلشىپتۇ .يىللارنىڭ ئۈتشى بىلەن بۇلاقنى لەش قاپلاپ بېلىق ،پاقىلارغا ماكان بۇلۇپتۇ ،كىيىنچە سۇ ئىچىشكە كەلگەنلەر بۇلاققا قاراپ خىيالغا چۈكۈپ سۇ ئىچەلمەي تامىقنى چىكىلداتقانچە كىتىشدىغان بۇلۇپتۇ›.
    بۈگۈنكى كۇندە جەمىيەتتە ئومومىيۈز لۈك كۆرۈلىۋاتقان ھادىسە  ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالدىن قالدى ،كەلگۈسى ئىستىقبالى يوق دەپ قاراپ باللىرىنى كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ،ئانا تىلنى ئۆگنىش پۇرسىتدىن مەھرۇم قىلىپ ،ئانا تىلنى يازالمايدىغان ، ئوقۇپ چۈشنەلمەس قىلىپ تەربىيلەۋاتىدۇ ،ھەتتا بەزى ئاتا -ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسگە پۇختا ‹‹ئاساس››سېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئانا تىلدا سۆزلەشنى چەكلەپ ،سۆزلەش ،ئاڭلاپ چۈشنىش ھوقوقدىن مەھرۇم قىلماقتا. مانا ئۇلار ھازىر  ئۆز ئاتا -ئانىلىرنى  بىر ئېغىز ‹دادا،ئانا›دەپ ئېيتالمايدۇ ،‹سەن كىم ؟› دېسە ‹مەن ئۇيغۇر !› دېگەن بىر جۈملىنى راۋان ئېيتالمايدۇ .بۇ ئۇلار ئۈچۈن نە ئازاپ ،نە نۇمۇس ؟!
    ھازىر ئېنگىلىز تىلى بىلمىسە يېرىم ساۋاتسىز ،خەنزۇتىلى بىلمىسە قارا ساۋات سانىلدۇ ،ئەمما شۇلاردەك يات تىللارنىڭ نازۇك جايلىرغىچەبىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئانا تىلنى كۈرۈپ تۇرۇپ ئوقۇيالمايدىغان،ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشنەلمەيدىغان ،قۇلدا قەلەم تۇرۇپ  بىر  جۇملە يازالمايدىغان ، ھەتتا بىر جۇملە سۆزلىيەلمەيدىغان سەبىيلەرنى نېمە دىگۈلۈك ؟؟؟
     شۇڭا تىل ئۆگنىشمۇ مۇھىم ،لىكىن ئالدى بىلەن ئانا تىلمىزنى ياخشى ئىگەللەپ ئاندىن سېلشتۇرۇش ئاساسدا ئۆگەنسەك رولى تېخمۇ ياخشى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن ،ھىچ بولمىغاندا ئانا تىلمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ھاجىتدىن چىقالغۇدەك ئۆگنىپ ،ئاندىن ئۆگەنسەكمۇ كىچىكمەيمىز .مىنىڭ شۇ تاپتا پۈتۈن قېرنداشلارغا ئۈنلۈك ئاۋازدا ‹‹ئانا تىلمىزنى قەدىرلەيلى !ئانا تىلمىزنى ئاسرايلى !ئانا تىلمىز بۇلۇڭ -پۇچقاقلاردا بۇيۇن قىسىپ قالمىسۇن ،ئۈنسىز ياش تۆكمىسۇن ،بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ قىساسىغا قالمايلى !›› دەپ نىدا قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ ،ئەمما بۇ نىدالىرىمنى  قانچىسى ئاڭلايدۇ بۇنسى ماڭا قاراڭغۇ ،لىكىن مەن ھامان نىيتىمدىن يانمايمەن ،قېرىنداشلارغا داۋاملىق ئىلتىجا قىلمەن !!!!
  بولدى  ئاداش سىنىڭمۇ نۇرغۇن ۋاقتىڭنى ئېلىپ يۇلۇڭدىن قويدۇم  ،سىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاپ بەرگىنىڭگە رەخمەت ،سىنىڭمۇ ئويلىنىپ كۆرىشىڭنى تەۋسىيە قىلمەن،   دوستلىرىڭ ئۇزاق ساقلاپ كەتمىسۇن ،ئۇيۇنىڭغا بېرىۋەرگىن .
-شۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ بەرگىنىڭگە روخمەت ئاداش ،بۇ سۆزلىرىڭ مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى ،ئۇزۇندىن بېرى ئۇيۇن تاماشا دەپ يۈرۈپتكەنمەن  ،بۇ سۆزلىرىڭ مىنى سەگىتىپ قويدى ،بۈگۈنكى ئۇيۇنغا مەنمۇ بارمايمەن .......


  ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن، تەھرىرلەپ قويدۇم، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاسىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-27 23:05  



Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
563
تىللا
2150
تۆھپە
77
توردا
872 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 22:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن، ئەجىرىڭىزگە رەخمەت!


Rank: 3Rank: 3

تېما
37
قىزغىنلىق
612
تىللا
771
تۆھپە
380
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 23:49:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يولاپسىز ..ئانا تىلنى ھەممە يەردە ھۆرمەتلىشمىز كېرەك.....داۋاملىق ياخشى تېمىلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن.


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-21 13:13 , Processed in 0.107851 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش