گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 275 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 117|ئىنكاس: 0

ناتسېستلار دۇنياغا قالدۇرۇپ كەتكەن 10 چوڭ ئىجادىيەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
52
تېما
30
قىزغىنلىق
369
تىللا
1328
تۆھپە
196
توردا
107 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 00:47:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىتلېر ۋە ناتسېستلار 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىنسانىيەتكە قارشى چوڭ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن. بۇ ماقالىدە ناتسېستلارنىڭ بۇ جىنايىتىنى ئاقلاش مەقسەت قىلىنمىغان. قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئۇلار يەنىلا جەمىيەتكە پايدىلىق يېڭىلىقلارنىمۇ ياراتقانلىقتىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بۈگۈنگە قەدەر بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا. تۆۋەندە  ناتسېستلارنىڭ بۇ جەھەتتكى ئىجادىيەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
                1. تىرىك تەننى ئاناتومىيە قىلىشنى چەكلىگەن.   
  ناتسېستلارنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارى گراخامىست( گۆشسىز تاماق يېيىشنى تەشبۇس قىلىدىغانلاردىن) بولۇپ،ناتسېستلارنىڭ تىرىك تەننى ئاناتومىيە قىلىشنى چەكلەش قانۇنىدا ھايۋانالار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەجىربىنىڭ زۈرۈش شەرتى بەلگىلەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىت، مۈشۈك، ئات ۋە پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئاناتومىيە قىلىش چەكلەنگەن.
         2. ھايۋانالارنى قوغدىغان. گىتلېر 1933-يىلى ھايۋانالارنى خورلاشنى چەكلىگەن. بۇ، گېرمانىيەدە ھايۋانالارنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ناتسېستلار ھۆكۈمىتى ئوۋ ئوۋلاشنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلاپ، مۇھىت قانۇنىنى تۈزگەن ھەم ئاپتوموبىل ۋە پويىزلاردا ھايۋاناتلارنى قانداق تۇشۇش قانۇنىنى قېلىپلاشتۇرغان.
3. تاماكا چېكىش چەكلىگەن.
          ناتسېستلار تاماكىنى زەھەرلىك دورا دەپ قارىغان. گىتلېر ھۆكۈمىتى دۇنيادا تۇنچى قېتىم تاماكىغا خۇمار بولۇشنى تەتقىق قىلغان، ھەم تاماكا چىكىشنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
  ناتسېستلار: 18ياشتىن تۆۋەلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى؛ئەسكەرلەرنىڭمۇ تاماكا چېكىشىنى چەكلىگەن. ناتسېستلار ھۆكۈمىتى يەنە شەھەر، خىزمەت رايونى، ئاممىۋىي سورۇن، دوختۇرخانا، ئاشخانا ۋە تۇرالغۇ ئۆيلەر دائىرىسىدە تاماكا يۆتكەشنى چەكلىگەن.
                4.  ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پىلانىنى يولغا قويغان
     گىتلېر ھۆكۈمىتى داۋالاش پىلانىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار ئىجتىمائىي پىلانلارنى يولغا قويغاچقا، خەلق تۇرمۇشى خېلىلا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.
                       5.ئاممىباپ ئاپتوموبىل
  ناسېستلار دەۋرىدە، گېرمانىيەدە «KDF-WAGEN »ناملىق ئاپتوموبىل ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ، ئاددىي پۇقرالار ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەرزان باھالىق ئاپتوموبىل ئىدى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالاھىدىلىكى- موتور ماشىنىنىڭ كەينىگە ئورنىتىلغان، چاقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. دەسلەپتە، بۇ ماشىنىغا قۇرامىغا يەتكەن ئىككى ئادەم ۋە ئۈچ كىچىك بالا  پاتقان ھەم سائەتلىك سۈرئىتىنى 97كىلومېتىرغا يەتكەن.
6. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول.  گىتلېر ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ناتسېتلار ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى ھەق ئېلىش سىستېمىسى ئورناتمىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى قۇرۇپ چىققان. بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى 10مىڭ ئادەمنىڭ خىزمىتى  ھەل بولغان.
         7. راكېتا. راكېتانى ئىجاد قىلغۇچى ۋېرنېن ۋون برۇن ناتسېتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ،20- ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، ئۇ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە راكېتا ياساپ بەرگەن. گىتلېر ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە «V-2»تىپلىق راكىتانى قويۇپ بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا « NASA»بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاۋىئاتسىيەدە راكېتا ئىشلەتكەن، ھەم 1969-يىلى ئىنسانلارنى ئايغا ئېلىپ چىققان.
     8 .كىنودا يېڭىلىق ياراتقان. يوسېف گېبلېس گىتلېر تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ.      2-دۇنيا ئۇرۇشدا ئۇ گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن نۇرغۇن كىنولارنى ئىشلىگەن. گېرمانىيەنىڭ كىنوچىلىق ۋە ئوپىراتورچىلىق تېخنىكىسى تەرەققىي قىلىپ، رەڭلىك كىنو لېنتىسى ئىشلىتىشكە باشلىغان. سىن ئېلىش جەريانىدا كىران  ۋە رېلىستلىق ئاپتوموبىلنىمۇ   ناتسېستلار گېرمانىيەسى تۇنجى بولۇپ  ئىشلەتكەن. بۇ تېخنىكىلار ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
       9. مودا. ناتسېستلارنىڭ ئۆتىكى، ئىشتىنى ۋە دۇبۇلغىسى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەڭ  مودا بولۇپ قالغان.
        10. مېدىتسىنانىڭ تەرەققىياتى. ناتسېستلارنىڭ ئالىملىرى ئەسىرلەر لاگىرىدا مەھبۇسلار ئۈستىدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز تەجرىبىكەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ، قوشكېزەكلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجىربە، جىنايەتچىلەرنى توڭلىتىپ قويۇش، زەھەرلىك گاز تەجىربىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن، بۇ جىنايەتلەرگە سوت ئېچىلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىغان ھەم مېدىتسىنا  ئەخلاقىغا ئالاقىدار  قانۇنلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. لېكىن ئامېرىكىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرىدە سارىيى تور بېكىتىدە ئېيتىلغاندەك: ناتسېستلارنىڭ بۇ «ئەزرائىل دوختۇرلىرى»نىڭ تەجىربىسى ئېمونېتىت ۋاكسىنىسى، زەھەر قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
مەنبە:نۇر تورى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-21 14:04 , Processed in 0.114094 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش