نان مۇزات گۈلى
ئاپتۇرى مەريەم سۇلتان(مۇزات گۈلى)
شاھى پولو،لەڭمەنلەرگە تويساممۇ،
بېسلمايدۇ ئاشۇ ناننىڭ خۇمارى .
تىزىپ كەلسەڭ تەمى بىلەن قاتارغا ،
زاغرانانمۇ بىزئۇيغۇرنىڭ تۇمارى .
ئېرىشتۈردى ئۇ مىللەتنى ھاياتقا،
شۇڭا شەۋكەت تۆردىن ھىچ چۈشمەيدۇ.
ئۇيغۇر نېنى تەڭداش كىلەر ئوغۇزغا ،
ئاشۇ نانسىز ئۇيغۇر ئۆرە تۇرمايدۇ .
ئاپئاقچاچلىق ئانلارنىڭ قولى ھەم ،
ئاتەش كەبى تونۇرلاردا تاۋلىنىپ .
پىشىپ چىقتى ئېلىپ يۇرتنىڭ ھىدنى ،
ماڭغندا ئەجدادجەڭگە ئاتلىنىپ .
شۇنچە ئامراق ئىسىق نانغا شۇنىغاچقا ،
يېسەم-يېسەم كۆزۈم تۇيۇپ ئۆتمەيدۇ .
ئاشۇ نانسىز پەرەز قىلسام ھاياتنى ،
ھايات مىسلى جانسىز دەكلا ،كۈلمەيدۇ.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - گۈزەل باي تورى !