گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 0

‹‹ نىكاھ دىگەن نىمە ›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
9
تېما
5
قىزغىنلىق
71
تىللا
82
تۆھپە
60
توردا
0 سائەت

تىرىشچان ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-24 04:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    ‹‹ نىكاھ دىگەن نىمە ››
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تۇرمۇشىڭلارغا بەخىت ئائىلەڭلارغا بەرىكەت - مىھرى مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە بۇلىشىغا تىلەكداشمەن ؟
شۇنداق ھەممىمىز بىلىمىز نىكاھ نىڭ رولىنى بىراق مىنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەن يېرى شۇكى ھازىرقى ئازساندىكى ياشلىرىمىز نىكاھ دىن ئىبارەت ئۇلۇغ بولغان مەسسۇلىيەتنى ھېس قىلالماي  ۋاتامدۇ ياكى چوڭلارنىڭ ئالدىدا  ۋەزىپە ئۈتەۋاتامدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن توي قىلدىغانلاردىن ئاجرىشىدىغانلار كۆپ ؟
ھەي تۇرمۇش دىگەن ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن بۇلدىغۇ چېقىلمايدىغان قاچا يوق گەپ تالاشمايدىغان ئەرخۇتۇنلارمۇ يوق ئەمەسقۇ ؟
مەن سىلەرگە مۇنداق بىر ۋەقەنى سۈزلەپ بەگۈم كىلىۋاتىدۇ دوسلۇرۇم ؟
مىنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى ئۈزى مۇلايىم چىرايىمۇ يامان ئەمەس قىزلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەدەپ - ئەخلاقلىق
ۋىجدانلىق- غورورلۇق ئىنساپ ئىمانلىق قىز ئىدى ئاددىيسى مەنمۇ ئۇنىڭغا  شۇنچىلىك قائىل ئىدىم ھەم ھۇرمەت قىلاتتىم ھەتتا مەھەللىدىكىلەرمۇ شۇنچىلىك كۈيەتتى ئۇ دوستۇمغا  بىراق ئۇنىڭ نىكاھ  تىن ئىبارەت
توي ئىشى ئۇنى قىينايتى چۈنكى ئۇزى ئارزۇ قىلغان بەخىىت ئەمەس بەلكى چوڭلارنىڭ ئارزۇ قىلغان بەختى
ئىدى .
شۇنداق بىز ئۇيغور لاردا بۇرۇندىن تارتىپ چوڭلار  باللارنىڭ  نىكاھ  ئىشىنى  ئۇرۇنلاشتۇرۇپ  كەلگەن  باللارمۇ
ئاتا - ئانىلارنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ كەگەن ، بەزەن ئاتا - ئانىلار قىز- يىگىتنىڭ بىر - بىرىنى كۇرۇپ توي قىلىشىغا
كۇشۇلغان بەزەن ئاتا - ئانىلار بولسا كۇشۇلمىغان پەقەت توي كۇنىدىن باشلاپ بىر- بىرىگە تۇنۇش بۇلۇپ نىكاھ
دىن  ئىبارەت مىھرى ئىسسىق ئۇلۇغلىقى بىلەن  بىر ئائىلىنى قۇرغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى  ؟
مىنىڭ دوستۇمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر دەل مۇشۇ ئىشلار ئىدى دوستۇمىڭ  ياخشى كۇردىغان ئادىمىمۇ  يوق
ئىدى ئۈزىمۇ بۇنداق مۇھەببەت لىشىپ توي قىلىش قارشى بىزلەردەك ياشتىكى قىزلارنىڭ قارشىغا ئوخشىمايتى
چۈنكى مۇھەببەت دىگەن بىر ئازاپ دېڭىزى  ئىرىشكىنىمىزدىن تۈلىگەن بەدىلىمىز كۆپ بۇپكىتىدۇ دەپ بىرەر
سى بىلەنمۇ يۇرگىلى ئۇنىمىغان ئىدى بىزمۇ ئانچە زولاپ كەتمەتتۇق ،
ئاردىن مەن توي قىلىپ ئاخسۇغا كەتتىم ئۇ دوستۇمدىمۇ  ئايرىلدىم  ئاردىن بىر يىل ئۆتۇپ يۇتقا باغىنىمدا بوسا
بۇرۇنقى دوستۇم ئەمەس ئىدى ؟
ئۇمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە توي كىپتۇ  بىراق دوستۇم ئىرىنىڭ چىرايىنى توي كۇنىلا كۇرۇپتۇ  
ئۇ بالىمۇ يامان ئەمەس كىلىشكەن يىگىت ئىكەن تويدىن كىيىن ئىككى ئۈچ ئاي شۇنداق ياخشى ئۈتۈپتۇ  بىراق
بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا باماپتۇ ھەي بىچارە دوستۇمنىڭ ساددىلىقمۇ ياكى تەغدىرىنىڭ كاجلىقىمۇ ياكى ئىرى ئۇنى
كۈرەلمىگىنىمۇ  ياكى ھازىرقى جەميىتىمىزنىڭ ئىھتىياجى شۇنداقمۇ  ياكى دوستۇم بەزەن ئىشلارنى ئۈزىگە
سىغدۇرالمىدىمۇ ئەر خۇتۇن ئارسىدا كۈڭۈلسىزلىكلەر يۈزبىرىكە باشلىغان ئىكەن دوستۇمنىڭ ماڭا سۈزلەپ
بىرىشچە  ئىرىنىڭ جەميەتتىكى باللار بىلەن بىرگە ئويناپ ئارلىشىپ يۈردىكەن توي قىلىپ بىرە ئايغىچە
دوستۇمغا بىلدۈرمىگەن بىرئايدىن ئاشقاندا  ئۈيگە ئەل ئاغىنىلىرىنى تاماققا چاقىرتىپتۇ دوستۇممۇ ئىرىنىڭ
دوسلىرىغا قۇلىدىن كەگەن تاماقلارنى ئىتىپ ياخشى كۈتىۋاپتۇ  دوسلىرى كىتىش ئالدىدا ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ
قىپتۇ مەلۇم بىر رىستۇرانغا ، ئىككى كۈندىن كىيىن دوسلىرى چاقىرىپ قويغان ۋاقىتمۇ يىتىپ كەپتۇ ئىككىسى
دوسلىرى دىيشىپ قويغان رىستۇرانغا كەپتۇ دوسلىرىمۇ ئۇلانى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن ئۇلامۇ ئۇستەلگە كىلىپ
ئولتۇرۇپ بىرە قۇر سالام ساھەت قىلىشىپ بوغاندىن كىيىن تاماق بۇيرۇتۇپ بۇلۇپ دوستۇمنڭ ئىرى دوسلىرىغا
دوستۇمنى تۇنۇشتۇرۇپ چىقىپتۇ دوسلىرىمۇ دوستۇمغا ئۈزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپتۇ  ئانغىچە تاماقلامۇ چىقىشقا
ئەگىشىپ ئاردىن بىردوستى بۈگۈن نىمە ئچىمىز قىزلاچۇ نىمە ئىچىسىلە دەپ سوراپتۇ ئەرلەر بوسا ئاق ئىچىمىز
دەپتۇ ئاردىن بىرقىز ئاللا بىزمۇ بوش كەمەيمىز بىزمۇ شۇ سىلەرگە  ئەگەشمەيمىزمۇ دەپ زاڭ ئارلاش كۈلۈشۈپتۇ
پاراقدىن - پاراڭ چىقىپ بىر قىز دوستۇمغا  سىز قەيەردىن دەپ سوراپتۇ دوستۇم مەن خۇتەندىن شۇندامۇ خاخا
مەن ئاڭلىسام خۇتەندە خۇتۇن ئەزەنكەن سىزنى قانچىگە ئالدى دەپ سوراپتۇ يەنە يەنە بىر ئاۋاز ھەي ئاخماق
قىزدىن ئەمەس ئوغۇلدىن سومامسە چۇنكى پۇلنى ئوغۇل تەرەپ چىقىردۇ ئەمەسمۇ دەپتۇ دوستۇمنىڭ ئىرى
مۇ ياندۇرۇپلا  ياقاي ئۇنچىلا قىممەتكە توختىمىدى زادى بۇ خۇتۇن ئەگەر يۇتتىن ئاغان بوسام  ئوتتۇز -قىرىق
مىڭغا باراتتى بىراق ما خۇتۇن يىگىرمە مىڭغا توختىدى جۇما  دەپ قاقاقلاپ كۇلۇپ قۇلنى دوستۇمنىڭ مۇرىسىگە
قۇيۇپتۇ دوسلىرىمۇ ۋا نىمدىگەن ئەرزان خۇتۇن  بىزلامۇ ئويلىشىپ باقايلى جۇما خۇتەندىن خۇتۇن ئېلىشنى دەپ
دوستۇمدىن بىزلەگىمۇ ئۈزىڭىزگە ئوخشاش دوسلىرىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇڭ جۇما خې خې دەپ سايىپخان
ما بىر جۇپلاغا بىر قەدەھ قۇيمامسىلە دەپتۇ سايىپخانمۇ ھايال ئۇتمەي قۇلىنى دوستۇمغا ئۇزتۇپتۇ بىراق دوستۇم
جوزىغا كىلىپ ئولتاغاندىن باشلاپ بوغان گەپسۈزلەرنىڭ تەسىرمۇ ھاراق تۇتقان دوستىغا  قۇلىنى ئۇزاتماپتۇ
ئنىڭ سەزگىنى ئىرىنىڭ ۋاي ئالمامسە نىۋاخ ساڭا دوستۇم قول ئۇزاتقىلى ھەي سارالىق دىگەننىڭغۇ زادى
سورۇندا چىلىقى ياكى ئىرىنىڭ يۇزىنى ئاياشنىمۇ بىلمىگەن مۇشۇنداق دەپلا دوستىنىڭ قۇلىدىن رومكىنى
ئېلىپ ئالا مانى ئىچىۋەت يۈزۈمنى تۇكمەي تۇلا دەپ دوستۇمنىڭ قىلىغا تۇتقۇزۇپتۇ ،
ھەي بۇ نادان دوستۇم بۇرۇن بىز سىتلاغا ئوينىغىلى چىقساقمۇ مىنرال سۇدىن باشقا ھېچنىمە ئىچكىلى ئۇنىماتتى
قانداقمۇ ھاراقنى ئىچەلىسۇن ئىرى بوغان ئادەممۇ دوسلىرىغا چۈشەندۇرۇپ ھاراقنى تۇتقۇزماسلىقى كىرەك ئىدىغۇ
بىراق دوستۇمنىڭ ئىرى ئۇنداق قىلىش يوق ئەكسىچە دوسلىرىدىن كەچۈرۈم سوراپ دوستۇمنى ھاراققا زورلىشى
دوستۇمنىڭ كۈڭلىدىكى ئەرلىك غورورى ۋە ۋىجدانى يوق بىر ئادەمنىڭ ئۈزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايى بۇلۇپ
قاغىنىغا ئۆكۈنسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئۇلار تەرپىدىن كەمسىتىلگەنلىكىنى ئىتراپ قىلالمىغان ئىدى ،
دوستۇم ئورنىدىن تۇرۇپ كەچۈرۈڭلار مەن سىلەرگە ھەمرا بۇلالمايدىغان بولدۇم  بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى
مەن قاتقاچ تۇراي سىز ئالدىرماي باراسىز ئۈيگە دەپ ئارقىغا مېڭىشىغا ئىرى چاتاق يوق سەن ئىچەلمىگەننى
باشقىلار خوش دەپ ئىچىدۇ بىرلا تېلفۇن قىلسام  دەپ كىمگىدۇ تېلىفۇن قىلىپ بوپ كەشتە ئۈيگە قاتمايمەن
سەن چوڭ ئۈيگە كەت ئۇنداقتا دەپتۇ دوستۇم بىر دەسسەپ ئككى دەسسەپ چوڭ ئۈيگە ئەمەس بەلكى ئۈزىنىڭ
ئۈيىگە قايتىپ كەپتۇ بىچارە دوستۇم ئۈيدىكىلىرىگە دىيەلىسۇنمۇ ئىرىىنىڭ دوسلىرى ئالدىدا يۇز بەگەن ئىشلارنى
ئۈيىگە چۈشۈپ ئاتا - ئانىسىغا ئارلىپ كىتىشىنى دىگەن بىراق ئاتا - ئانىسى زولاپ تۇرۋاغان نىمىش بوغانلىقىنى
بىراق دوستۇم گەپ قىلماي ئۆكسۇپ يىغلاپلا تۇرغان ئاتا - ئانىسىمۇ زولىمدپتۇ كىيئوغۇل  دىن سورامىز دەپ
بىراق ئۇ نامەت ئىرى بوسا كىلىش يوق تېلىفۇن قىلىپ دوستۇمنىڭ ئاپىسىغا بوغان ئىشلارنى دەپ يەنە سىلەر
قىزىڭلارنى قانداق چوڭ قىلدىقلار دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۈكۈپ بولدى ھاراق ئىچكەنگە ئۈلۇپ قالامىدى
قىزلىرى ماڭا ئۇنداق خۇراپى قىزلار ئەمەس بەلكى مەن بىلەن تەڭ يۈرەلەيدىغان دوسلۇرۇمنىڭ ئاياللىرىدەك
ئىچىشنىمۇ ئويناشنىمۇ بىلىدىغان قىز لازىم  ئەزەن گوشنىڭ شورپىسى يوق دىگەن شۇدە  قىزلىرىنى قوللىرىغا
ئالسىلا مەن ئەمدى ئۈيتۇتالمايمەن دەپ تېلىفۇننى ئۈزۋېتىپتۇ ئانا بولغان بىچارە ئانىمۇ ئۈزىنى قۇيدىغان يەر
تاپالماي دوستۇمنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ ئاللادىن دوستۇمنىڭ بەختىنى تىلەشتىن باشقا چارە قىلالماپتۇ ،
تېخى جاڭزىنى ئارىماپتۇ بىراق قىزنىڭ ھازىرقى جەميىتىمىزنىڭ بۇنچىلىڭ دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ ئەر-ئاياللار - ئوتتۇرسىدىكى شەرمى ھايا مىھرى مۇھەببەتنىڭ سۇسلۇشۇپ كىتىشىگە زادى نىمە سەۋەپلىك  
ئاياللىرىمىز بوسا ئەرلىرىگە يىتىشىش ئۈچۈن ئاياللىق بۇرچىمىزنى ۋە ئۈزىمىزگە قەتتى ماسلاشمايدىغان
يوللار ئارقىلىق يىتىشىپ ئەرلىرىمىزنىڭ كۈڭلىنى ئامىساقمۇ باشقا يوللار ئارقىلى كۈڭلىنى ئاغىلى بومۇغۇدەك
دەررىجىدە بۇزلۇپ كەتتىمۇ ئەرلىرىمىز دەپ باقە ئاداش دەپ بوينۇمغا ئېسىلغىنىدا مەنمۇ سەل گاڭگىردىم چۈنكى
ھازىرقى جەميەتتە قاپاق پۇل ئەمەس باراڭ پۇل بۇلاۋاتىدۇ ،
ئوغۇللار دەيدۇ قىزلاردا ۋاپا قالمىدى دەپ قىزلىرىمىز دەيدۇ ئۇغۇللاردا ۋاپا قامىدى دەپ زادى قايسى توغرا ؟
مەن ئويلايمەن ئۇغۇللارنىڭ جاۋاپكارلىقى ئېغىر چۈنكى بىرقىز كۈزىگە چىرايلىق كۇرۇنسە يۈرگەب قىزنى تاشلاپ
بىر ئاماللار بىلەن شۇ قىزنى قولغا كەلتۈردۇ  شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى قىزدوستى بوسا بۇلانى قۇبۇل قىلامماي ئۈزىنى ناتوغرا يوللار بىلەن ئالداشقا باشلايدۇ،
قىزلىرىمىزمۇ پوش ئەمەس ھازىر ئۈزىنى ياخشى كۈگەن بالىنىڭ سۈيگۈسگە ئەمەس چىرايى بىلەن مالدۇنياسىنى
تاللايدۇ ئاخىردا شۇ تاللىغان مالدۇنيا بېشىغا چىقىپ يىنىك بوغانلىرى ئاجراشقان ئېغىر بوغانلىرى بوسا بىر گۇنا
پەرزەتلىرىنى ئائىلە مىھرىدىنمۇ ئاتا-ئانا مىھرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىپ قىلغان ئشلىرىنىڭ گۇناھىغا شۇ بىچارە
باللىرى جاۋاپ بېردۇ ؟
مەن ئويلاپ قالدىم ھازىر بىزنىڭ ئەڭ قەدىرلەيدىغان نىكاھ دىن ئىبارەت ئۇلۇغ رىشتىنىڭ ئورنىنى مال دۇنيا بىلەن تويماي ھەۋەسلەر ئاپتۇ مۇشۇ دەقىدە ماڭساق ياشلىرىمىزنىڭ كەلگۇسى قانداق بۇلا  ئەۋلاتلار نىڭ كەلگۇسىچۇ نىم بۇلا  قاچانغىچە مۇشۇنداق غەپلەپ ئۇيقىسىدا ئۇخلاپ ياتىمىز ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار ياشللىرىمىز
ھېسياتقا ئەمەس ئەمىلىيەتكە كەگۇسىدىكى بەختىڭلارغا نەزەر سېلىڭلار ؟
نىكاھ  بولمىسا بەخىتمۇ كەلگۇسىڭلارمۇ بوممايدۇ ، نىكاھ قىلغان ئىكەن سىلەر نىكاھقا شەك كەلتۇرمەڭلار
ئارلىقتىكى نىكاھ قانچە ئاجىزلاش قانسىرى شۇنچە مىھرى مۇھەببەتمۇ شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ ،

ئاخىردا ھەممە دوسلۇرۇمنىڭ كۈڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن ياراتقان ئاللادىن ،
                                                                                                   
                                                                                                      2011  -9  -24  -  ئېچىنىش




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 01:34 , Processed in 0.095257 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش