گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 0

دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
44
تېما
137
قىزغىنلىق
702
تىللا
999
تۆھپە
330
توردا
102 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 21:44:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس

        مۇتەللىپ ياقۇپ

ئەجدادلاردىن قالغان تەۋەرۈك،
ئەسلى ئىدىڭ مىراسىم دوپپا،
مانا بۈگۈن خارلىنىپ نامىڭ،
بۇپ قالدىغۇ مۇراسىم دوپپا.

ئۇنى پەقەت ئەسكە ئالامدۇق،
نەزىر-چىراق،توي-تۆكۈنلەردە.
يوقالسا گەر بىر كۈن دوپپىمىز ،
قالمامدۇق بىز ئۆكۈنۈشلەردە.

خىجىللىقتا يۈرەمدۇق شۇنداق،
كوچىلاردا دوپپا كېيىشتىن.
ئۇيغۇر تۇرۇپ دوپپا تۈپەيلى،
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېيىشتىن.

دوپپا دېگەن ئۇيغۇرنىڭ پەخرى،
نەدە كەيسەك يارىشىدىغۇ.
دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرغا بارچە،
ھەۋەس بىلەن قارىشىدىغۇ.

دوپپا بىلەن ئۇيغۇر چىرايلىق،
كۆرۇنىدۇ كۆزلەرگە ئىسسىق.
قىرلاپ كىيىپ دوپپىنى دوستلار،
يارىتايلى ئۆزگىچە خاسلىق.

كىملىكىدۇر دوپپا ئۇيغۇرنىڭ ،
مەتۇلۇقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.
تارتىنىشنى قويايلى ئەمدى،
دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-22 03:47 , Processed in 0.116609 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش