گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 116|ئىنكاس: 1

كومپيۇتېرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
22
تېما
9
قىزغىنلىق
97
تىللا
380
تۆھپە
28
توردا
41 سائەت

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 13:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 1. مۇۋاپىق خىزمەت مۇھىتى يارىتىش. ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، بەك يورۇق ياكى بەك گۇڭگا بولماسلىقى كېرەك. ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قۇياش نۇرىنىڭ ئېكرانغا بىۋاسىتە چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئېكران بەك يورۇق بولماسلىق، يېشىل رەڭنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيلەردە چوقۇم ھاۋانى دېزىنفېكسىيەلەش، پات – پات ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.

  2. توغرا ئولتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئامال بار ئېگىزلەتكىلى – پەسەيتكىلى بولىدىغان ئورۇندۇق ئىشلىتىش ھەم ئەركىن – ئازادە ئولتۇرۇپ ئىشلەش، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ مەركىزى بىلەن مەشغۇلات ئىلىپ بارغۇچىنىڭ كۆكرەك قىسمى بىر تۇز سىزىقتا بولۇشى، كۆز بىلەن ئېكران ئارىلىقى تەخمىنەن 40 – 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. مەشغۇلات جەريانىدا چوقۇم پات – پات كۆزنى يۇمۇپ، كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  3. كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۈچەپ باسماسلىق، مۇسكۇللارنى ئەركىن قويۇۋېتىش. بېغىشىدا كېسەل ياكى بارماق ياللۇغى بارلار چوقۇم بېغىش بىلەن بارماق بوغۇملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، بېغىشنى ئامالنىڭ بارىچە ئۈستەلنىڭ قىرىغا تىرىۋالماسلىقى لازىم.

  4. كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك لازىم. كومپيۇتېردا ئۇدا بىر نەچچە سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن چوقۇم 10 – 15 مىنۇت ئارام ئېلىش، ئارام ئالغاندا چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، پۇت – قوللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.

  5.دائىم يۈز – قولنى يۇيۇپ تۇرۇش. كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن ئېلېكتىرون بولۇپ، ئاسانلا چاڭ – توزاننى ئۆزىگە يېپىشتۈرۈۋالىدۇ، مەشغۇلات جەريانىدا مەشغۇلاتچىنىڭ يۈز – قولى قاتارلىقلار ئاسانلا بۇ بۇلغانمىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يۈزنى يۇيۇپ تۇرمىغاندا بۇنىڭ تەسىرىدە يۈزدە داغ – سەپكۈنلەر پەيدا بولۇپ قېلىشى، ئېغىر بولغاندا تېرە پىگمېنتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  6. تەركىبىدە ۋىتامىن A مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن: سەۋزە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، چىلان، ھايۋان جىگىرى قاتارلىقلار. يېشىل چاينى كۆپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، يېشىل چاي تەركىبىدە فىنولىن كۆپ بولۇپ، ئۇ كومپيۇتېر پەيدا قىلىدىغان بەزى زىيانلىق ماددىلارغا قارشى تۇرالايدۇ.

مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-21 13:51  



دىل ئازا،خۇدا بىزا

Rank: 3Rank: 3

تېما
13
قىزغىنلىق
325
تىللا
1350
تۆھپە
185
توردا
106 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 14:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىكەن . كۆپ رەخمەت سىزگە


سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 05:09 , Processed in 0.099051 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش