گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 250|ئىنكاس: 2

بالىلار تەربىيىسىگىمۇ مەبلەغ سېلىش كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
132
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2027
تۆھپە : 238
توردا: 232
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى شەرەپلىك ئەز رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-20 20:51:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       

بالىلار تەربىيىسىگىمۇ مەبلەغ سېلىش كېرەك


تۇرسۇنئاي قۇناخۇن
   يېقىندا ئىقتىسادىي ئەھۋالى خېلى ياخشى بىر دوستۇم بىلەن بالىلار تەربىيىسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى، لېكىن بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىلەن ھېلىقى دوستۇمنىڭ بالىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. مەن بالىدىن: ‹‹ئائىلەڭلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممە شارائىتىڭ تولۇق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمايسەن؟›› دەپ سورىدىم. بالا: ‹‹ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، دادام يۇرتمۇ يۇرت يۈرۈپ تىجارەت قىلىدۇ، بانكىدا خېلى پۇلىمىز بار، لېكىن دادام تەربىيىلىنىشىمگە پەقەت پۇل سەرپ قىلمايدۇ، ئاددىيسى، يىلبويى بىرەر كىتاب ئېلىپ بەرمەيدۇ، گېزىت – ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشقا ئۇنىمايدۇ، ھەتتا مەۋسۇمدە بىر قېتىم تاپشۇرىدىغان كىتاب پۇلىنىمۇ ۋاقتىدا بەرمەيدۇ، ئۆيدە قولىمىزغا كىتاب ئالغىنىمىزنى كۆرگەن ھامان ئاچچىقلاپ كېتىدۇ، دائىم مەن سەندەك ۋاقتىمدا ئۇنداق جاپا تارتقان، مۇنداق ئىشلىگەن، سەنلەر بولساڭ ياخشى ئوقۇشمىدىڭ، نەتىجەڭ تۆۋەن، مېنىڭ تىكلىگەن ئىگىلىكىم سەنلەرنىڭ قولىدا ۋەيران يولىدىغان بولدى، دەپ قاقشايدۇ، ئەمما ئۆزى بىزنىڭ تەربىيىلىنىشىمىزگە پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ... ›› دېدى. ئويلاپ باقسام، دوستۇمنىڭ قاقشىشىدىن بالىسىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ۋەزىنى ئېغىردەك قىلىدۇ. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار دائىم بالىلارغا بولغان تەربىيىنى  ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئاتا – ئانىلار بالىلارنى پۇلغا كۆندۈرۈپ قويمايلى دېگەنگە ئوخشاش تەشەببۇسلارنى قوللىنىدۇ – يۇ، لېكىن بالىلار تەربىيىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە مەبلەغ سېلىشنى ئويلاشمايدۇ، ھازىرقى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، بالىلارغا ئاغزاكى نەزەرىيە تەربىيىسى ئىشلەشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ھازىرقى بازار ئىگىلىكى، رىقابەت دەۋرىدە، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىش پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇۋاتىدۇ. بالىلارغا كىتاب، ماتېرىيال ئېلىپ بەرمىسەك، كىنو، تېلېۋىزور كۆرۈشكە يول قويمىساق، تەنتەربىيە، چېنىقىش مەيدانلىرىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلمىساق، كومپيۇتېرغا ئوخشاش ئىلغار تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرمىساق، ئۇ ھالدا بالىلاردا مەنىۋى جەھەتتە قۇرغاقلىشىش، ماددىي جەھەتتە يېتىمسىرەش، ئۈمىدسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە مەبلەغ سېلىش بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەندە بالىلارنىڭ ھەرخىل، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە مەلۇم ھۈنەر – سەنئەت ئۆگىنىشكە ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش لازىم. ھازىر پۇلى بار بىر قىسىم كىشىلەر كۆپ بەدەل تۆلەش ھېسابىغا بالىلارنى نۇقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇۋاتىدۇ. چەت ئەللەرگە چىقىرىپ تەربىيىلەۋاتىدۇ، بۇ ياخشى ئەھۋال. بۇنى قوللاش، تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىش كېرەك. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار پۇلى بولسىمۇ بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەبلەغ سالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بەزى ئاتا – ئانىلار بالا تەربىيىسىگە ئەقلىي كۈچ سەرپ قىلساقلا بولىدۇ، مەخسۇس ئىقتىساد ئاجرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ، بەزى ئاتا – ئانىلار بولسا بالىلارنى مۇستەقىل ھالدا ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلساق بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تۇرمۇشتا ئازراق جاپا تارتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا تۇرمۇشتا پىشىپ يېتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزى ئاتا – ئانىلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە پۇلنى بالىلارنىڭ قولىغىلا بېرىپ، بالىلىرىنى بەدخەج قىلىپ قويۇۋاتىدۇ، مېنىڭچە، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ ئېسىل كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرىغا، توي، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىغا، سەيلە – ساياھەتكە، ئويۇن – تاماشىغا سالغان ئىقتىسادىي مەبلەغنى بالىلار تەربىيىسىگە سالغىنى تۈزۈك.


http:www.sayram.biz/ تورىغا مەرھەمەت

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3433
تۆھپە : 89
توردا: 1281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 23:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس، بالىلار تەربىيسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1115
تۆھپە : 376
توردا: 109
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-25

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 00:49:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە بالىلارنىڭ بىرىنچى مەكتىپى،ئاتا-ئانا بولسا تۇنجى مۇئەللىمى شۇڭا بالا تەربىيەسىدە ئاتا-ئانا باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 16:27 , Processed in 0.169645 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش