گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 6

ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
132
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2027
تۆھپە : 238
توردا: 232
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى شەرەپلىك ئەز رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 22:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدۇ ؟ - [ئوقۇتقۇچىلار ساداسى]
خىزمەت بىسىمى ئىغىر، تەمىنات تۆۋەن بولۇش تۈپەيلى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى
سىنىپ مۇدىرى بولۇش شەرەپلىك ئىش بولۇپ، سىنىپ مۇدىرلىرى مەكتەپتىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىمۋولى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇتقۇچىلارغا سىنىپ مۇدىرى بولۇش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەش بىر قېسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ
باش قىتىقچىلىقى بولماقتا. يېقىندا، ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر مەكتەپ مۇدىرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يىل ئاخىرىدا ئىش ئورنىنى بېكىتكەندە، بەزى ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمايدۇ، مەكتەپ مۇدىرى قايتا – قايتا خىزمەت ئىشلىسىمۇ كار قىلمايدۇ.
ۋېي شۇشېڭ: «مەن سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالايدىغان ئوقۇتقۇچىغا تەۋە. مىنىڭچە، ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، سىنىپ مۇدىرى بولمىسا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويۇپ، چوڭ زىيان تارتىدۇ» دېگەنىدى. ھازىر نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ياش سىنىپ مۇدىرلىرى تور بىكىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %43 كىشى سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمىتى جاپالىق، تەمىناتىمۇ تۆۋەن، سىڭدۈرگەن ئەمەگىكىگە ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىسا %24
كىشى مەكتەپنىڭ
سىنىپ مۇدىرىغا چۈشۈرگەن بىسىمى ئىغىر ، دەپ قارىغان.
جياڭئەن رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پېڭ جيەنشىې مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىماسلىقى ئايرىم ئەھۋال ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، كەسپىي بىزارلىق قوشۇلۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىۋاتقان ئۈچ مەسىلە بولۇپ قالدى.
رايون دەرىجىلىك بىر مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى مۇنداق دېدى: ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ مائارىپقا قويغان تەلىپى كۈنسىرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ، يالغۇز پەرزەنتلىرىنى باشقۇرۇشمۇ بارغانسىرى تەسلىشىۋاتىدۇ، ھازىر ياخشى سىنىپ مۇدىرى بولۇش ئاسان ئەمەس. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيىتى ئىغىر، ئوقۇغۇچىلار مەيلى مەكتەپ ئىچى ياكى سىرتىدا بىرەر ئىش چىقىرىپ قويسا، سىنىپ مۇدىرى بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ، چۈنكى سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى بىرىنچى جاۋابكارى؛ ئىككىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىلىپ ئوقۇتۇش بىسىمى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن
ئېغىر بولۇپ، ئەگەر سىنىپنىڭ سىنىپ ئىستىلى، نەتىجىسى ياخشى بولمىسا، ئاتا – ئانىلار ۋە مەكتەپ تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن سىنىپ مۇدىرىغا قارىتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرى نۇرغۇن
جاپا تارتقان بولسىمۇ، ياردەم پۇلى ئايدا ئاران 100 يۈەنلا. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى: «سىنىپ مۇدىرى بولغاندىن كۆرە، كۆپرەك دەرس ئۆتكۈنۈم ياخشى، خىلىلا يېنىكلەپ قالىمەن» دېيىشتى.
ۋۇخەن شەھەرلىك 6-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسىي تەربىيە مۇدىرى چىڭ زجۈن مۇنداق دېدى: گەرچە ئەھۋال ھازىرقىدەك بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مۇدىرى بولۇشنى خالىمىسا ئۇندقاتا بۇ مەكتەپتە مەسىلە كۆرۈلگەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى قوزغىتىلمىغان بولىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپ بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈپلا قاماي، ئۇنۋان باھالاش، ئوقۇتۇش مۇنەۋۋەرلىرىنى باھالاش قاتارلىق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى سىنىپ مۇدىرلىرىغا مايىللاشتۇرغان.

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى (سەيشەنبە) سانىدىن ئىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-18 22:40  



http:www.sayram.biz/ تورىغا مەرھەمەت

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 260
تۆھپە : 59
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-21

 ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 02:41:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە ، نىمىشقا ھەممە ئۇقۇتقۇچىلار سىنىپ مەسئۇللۇقتىن قاچىدىغاندۇ دىسەم.


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1115
تۆھپە : 376
توردا: 109
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-25

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 04:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يولاپسىز.....ئەپەندىم..نۇرغۇن تورداشلىرىمىزچوقۇم بىلۋالدىغۇدەيمەن....رەھمەت قەلىمىڭىز ھارمىسۇن....


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  76
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2191
تۆھپە : 197
توردا: 134
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 23:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچى بولمايمەن پەقەت، بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا مۇششەققەت دەپ بىر  دېكلىماتسىيەمۇ ئىشقىلىپ بۇرۇن ئېكراندا چىقاتتى  ھە .شۇ نى بىر تېما قىلىپ يوللاپ قويغان بولسا ......
سىنىپ مۇدىرى بۇلۇشنى تالشامدىكىن دىسەم تېخى ما گەپنى كۈرۈڭ .


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى،يۇمشاق كىرپىسى

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1026
تۆھپە : 35
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-16

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 00:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىسى جاپاسى بەك جىق، مەسئۇلىيەت ئېغىر، گەرچە شەرەپلىك بولسىمۇ ، ئادەم ئەمەسمۇ ، جاپانى ئازراق تارتسام دەيدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە  يىغىدىغان ھەر خىل ھەقلەرچۇ تېخى ، گازىر پۇرچاق پۇلى يىغىپ ، قەرزدار بولۇپ قېلىۋاتقان مەكتەپ مالىيە ئىشخانىسىغا.


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  680
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 26
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 18:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاش يوللىغان ۋاقتى  2011-9-19 23:47
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچى بولمايمەن پەقەت، بولدۇممۇ تارتىم ...

ئوقۇتقۇچى بولماق ھەقىقەتەن   جاپالىق ھەم شەرەپلىك  خىزمەت                          


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1170
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 33
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتىنچە سىنىپ مۇدىرى بولسىمۇ بولۇپ تۇرغۇلۇق.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 15:43 , Processed in 0.204246 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش