گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 0

تەخسىنىڭ تەنتەنىسى(فىليەتۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
70
تېما
13
قىزغىنلىق
316
تىللا
1668
تۆھپە
161
توردا
267 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 23:57:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                        تەخسىنىڭ تەنتەنىسى(فىليەتۇن)   

      ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا تونۇشلۇق بولغان كەمىنە تەخسە بېگىڭلاردىن سىلەرگە <ئالى ئېھتىرام>!
ئەسلىدە مەن ئەمەس بەلكى سىلەر ماڭا ئېھتىرام بىلدۈرسەڭلار توغرا بولاتتى،نىمىشقا دەمسىلەر؟چۈنكى مەن بولغاچقا .......ھەي بولدىلا،بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلمەيدىغانلار بار ئىكەن دىسە،ھە بولدى، دىمىسىمۇ بىلمەيدىغانلار بار ئوخشايدۇ،ئۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشتىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.........  
     ئەسلىدە مەن بىر ئاددى تەخسە ئىدىم،دەسلەپتە قۇلۇم-خوشنىلار ئارا،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-يار،بۇرادەرلەر ئارا قولدىن-قولغا ئۆتۈشۈپ خىزمەت قىلاتتىم،ئۇلار بىر-بىرىگە تاماق سۇنۇشۇپ،ئۆتنە-يېرىم قىلىشىپ ئىچىمنى پۇشۇراتتى،تېخى ئۆزىچە بۇنى دوستلۇقنى،ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋالغىنى،ئادەمگەرچىلىك،مېھىر-مۇھەببەت دەۋالغىنىچۇ قوۋۇرغامنى ئېگىپ،يەنە بۇ ئىشلىرى يەتمىگەندەك دوختۇرخانىلارغا،ھەتتا ئېتىز-ئېرىقتەك تۇپا باسقان مەينەت يەرلەرگىمۇ ئاپىرىپ ئۆز قورساقلىرىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن مىنىڭ خالاش-خالىماسلىقىم بىلەن كارى يوق پەريادىمغىمۇ قۇلاق سالماستىن ئۆز ئىشلىرىغا سېلىۋىرەتتى،كىچىك ماڭقىلىرىنى دىمەيسىز تېخى،ئاچچىقىم كەلسىمۇ كارى بولماستىن چېقىپ ئويناپ نۇرغۇن تۇققانلىرىمدىن ئايرىۋىتەتتى،ئىشقىلىپ بۇكۈنلىرىم ناھايىتى خانىۋەيرانچىلىق،بىچارىچىلىك،ئۈمىدسىزلىك ۋە زىرىكىش ئىچىدە ئۆتكەن ئىدى.
    مەن بۇ كۈنلەردىن قۇتۇلۇشقا بەل باغلاپ قاتتىق تىرىشىشقا باشلىدىم،تىرىشىش جەريانىدىمۇ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا،جاپالارغا دۇچ كەلدىم،شۇنداقتىمۇ چىشىمنى چىشلەپ بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كىلىشىنى كۈتتۈم.....مانا بۈگۈنكىدەك پۇل- بايلىق،شان-شۆھرەت،ھوقۇق-ئىمتىياز ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق بەختىيار زاماندا ئەجرىمنىڭ مىۋىسىنى كۆردۈم،يەنى تىرىشچانلىقىم بەدىلىگە مىنى ھېلىقىدەك مەينەت يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ <پاكىز>يەرلەرگە ئاپىرىپ <ھارماي-تالماي>كۆتۈردىغان <كەش>ئىسىملىك ھەمراھلىرىم ئۈزلىكسىز كۆپەيگىلى تۇردى،كىشىلەرمۇ بىزنىڭ يارىتىۋاتقان <تۆھپە>لىرىمىزگە قاراپ ھەمراھلىرىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپلا <تەخسىكەش>دىگەن چىرايلىق توندىن ھەدىيە قىلدى،بىز بۇنىڭدىن تېخىمۇ <ئىلھام>لىنىپ تېخىمۇ ئالدىراش ئىشلەپ كەتتۇق،بۇنىڭ بىلەن مىنىڭ <ئىناۋەت>ىممۇ ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى،بۇرۇن ئاددى كىشىلەر ئارىسىدا تۇرغان بولسام،ھازىر <ئېسىل>كىشىلەر ئارىسىدا،بۇرۇن مەينەت يەرلەردە يۈرگەن بولسام،ھازىر <پاكىز>يەرلەردە خالىغانچە <سەيلى-ساياھەت>قىلىپ يۈرىۋېرىمەن،قانداق كىم،كىمگە ئېھتىرام بىلدۈرىدىكەن،ئەمدى بىلگەنسىلەر،دىمەك ،مىنىڭ ھازىر تازا تەنتەنە قىلىدىغان ۋاقتىم،مەن تەنتەنە قىلماي كىم تەنتەنە قىلسۇن،قايسى بىرسىڭلار قايىل بولمىساڭلار ھېلىقى توندىن پايدىلىنىپ <مۆھتىرەم>لىرىمىزگە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويايلى ئۆزۈڭلارنى قانداق ئەھۋالدا كۆرىسىلەركىن قېنى، قانداق تەنتەنە قىلىشىم توغرىمىكەن،ھاھ.....ھاھ....ھاھ....ھاھ...نىمە، كۈلىۋاتىسىزغۇ دەيسىلەرغۇ،مەن كۈلمەي كىم كۈلسۇن،ئەگەر قايسىڭلارنىڭ ھاجىتى چۈشسە مىنى ئىزلەڭلار،ئەمەل تۇتماقچى بولساڭلارمۇ مېنى ئىزلەڭلار،مەن يەنە شۇ <تەخسىكەش>لىك تونىدىن پايدىلىنىپ سىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرەلەيمەن،قانداق مەن <قالتىس>مىكەنمەن،ھاھ...ھاھ...ھاھ....ھاھ...يەنە تېخى ئايىقىمنى <چاققان>قىلىپ بارغان نى-نى <ئېسىل> سورۇنلىرىمغا سىلەر بارالامسىلەر،ياققققققق،مىنىڭ تەنتەنە قىلىشىم ھەقمىكەن؟مەن تەنتەنە قىلىمەن،قاتتىق تەنتەنە قىلىمەن،زامان مۇشۇنداقلا ماڭسا مەن داۋاملىق تەنتەنە قىلىمەن....ھاھ....ھاھ....ھاھ....ھاھ...... ھاھ......ھاھ........

                                             
                                            مەنبە:ئىجادىيەت  



كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن