گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 6

ئېكران بىلەن سۆھبەت(شوخزات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
13
تېما
1
قىزغىنلىق
135
تىللا
205
تۆھپە
95
توردا
19 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 16:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    راس گەپنى قىلسام يېقىندىن بۇيان ئېكران مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مۇھىم تەركىۋى   قىسىمى بوپقالغاندەك تۇرىدۇ. ئېكرانغا چىققىدەك بۈيۈك ئىشلارنى قىلالمىدىم،  گەرچە ئېكران بىلەن ئارلىقىم بىر مېتىرغا يەتمىسىمۇ بىرە قېتىم كاستۇم  بۇرۇلكامنى قىرلاپ كىيىپ، گالاستۇكۇمنى پوچى تاقاپ، تەمكىن سالاپەتلىك ھالدا  ئېغىزىمنى قىڭغىر مىدىرلىتىپ، دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى زىكىر قىلىپ،  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋەھشى تەتقىق قىلغان ئاساستىكى ھەيۋتلىك سالاپىتىمنى نامايان قىلىپ ئېكران ئىچىدە ئورۇن ئالماپتىمەن. لېكىن كېرەك يوق، مەن ھەر ھالدا ئېكرانغا ئەڭ يېقىن، مەيلى خىزمەت ياكى ئائىلىدە بولسۇن ئېكران مېنىڭ سايەمدەكلا ئەگىشىپ يۇرۇيدۇ، مېنى ئەتەي زاڭلىق قىلىپ ئۇنداق  قىلما سەنمۇ بىر خۇدانىڭ بەندىسى، ھەممە ئەزايىڭ تەل، بۈيۈك ئىشلارنى  قىلالمىساڭمۇ شۇلاردىن قېلىشقىڭ يوق، سەنمۇ مېنىڭ ئىچىمگە كىرىپ ئولتۇرۇپ  باققىن، ئۈزاق قالمايلا مەشھۇر قىلىۋىتىمەن، داڭقىڭنى چىقىرىۋىتىمەن دەپ كالچىيپ، تۆت چاسا كۆزلىرىنى پاقىرتىپ تۇرغىنى تۇرغان.
ئىچىمدە كۈلۈپ قۇيىمەن، ۋاي بولدىلا بۇ تۆت چاسا پالا كۆزنىڭ ئىچىگە كىرىپ  ئولتاغىچە، يەنىلا مېنىڭ ئولتۇرۇۋېرىپ ئوتتۇرىسى چۈكۈپ كەتكەن، بىرە قېتىممۇ ۋايساپ قويمايدىغان قەدىناس كونا بۇرادىرىم يۈلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق ئىبىنى سافا   ئىبىنى باۋچاڭ ئىبىنى بەنچاڭ ئىبىنى ياغاچتا ئولتۇرغىنىم تۈزۈك.

بۈگۈن ئاخشام يالغۇز قالغاچقا، لىرىك مۇزىكىلارنى ئېچىۋىتىپ يالغۇزلۇقنىڭ   راھىتىنى سۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەلۋەتتە سىرلىققا كىرگەندىن بۇيان ئەزەلدىن  يالغۇزسىراپ قالغىنىم يوق. يەنە شۇ ئېكران بىلەن ئىبىنى ياغاچ (بۇ بۇرادەرنىڭ  ئىسىمى بەك ئۇزۇن، ئۆزەممۇ ئۇزۇن ئىسىمغا ئۆچ بولغاچقا ئىسىمنىڭ ئوتتورسىنى قىسقارتىۋەتتىم)ماڭا ھەمرا. بىز ئۈچەيلەن، سىرلىق دۆلىتىگە بىردەمدىلا يىتىپ  كەلدۇق، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ھەر قايسى يۇرۇت، ھەر قايسى تائىپە، ھەر قايسى  مەزھەپلەردىن كەلگەن بولغاچقىمىكىن كۈندە دىگۈدەك يېڭىلىقلار، قىززىقارلىق ئىشلار، ئاجايىپ-غارايىباتلار كۆز ئالدىمدا نامايان بۇلىدۇ. ئەڭ قىززىقارلىقى
سىرلىق دۆلىتىنىڭ پادىشاھى جانابى سىرلىقⅠ دەك ئىشچان، جاپاكەش پادىشا بۇ  ئالەمدە يوق، سىرلىق دۆلىتىدە شۇنچە گۈزەل نازنىنلار تۇرسا بىرەسىگە كۆز  تاشلاپ، ھەرمخانىسىغا باشلاپ ئېرەمباغ سەيلىسىدە بۇ ئالەم مەئىشەتلىرىدىن بەھرىمان بولغىنى يوق(كىم بىلىدۇ تېخى، پادىشالار ئىش قىسا پۇقرالىرىغا دەپ
يۇرەمتى، لېكىن تارىختا پادىشالارنىڭ خۇپيانە ئىشلىرى زىرەك پۇقرالىرىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ئەمەس، ئالىلىرى ئەڭ ياخشىسى سەمىمىلىك بىلەن مەسىللىرىنى تاپشۇرغايلا!). قاچانلا قارىسا ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاشقى دۆلەت خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمدىن ساقلىنىش، مۇنبەر، كۇلۇپ، باش بەت قاتارلىق ئۇچ ئاپتۇنۇم رايۇندا  بوز يەر ئېچىش، بۇ يەردىكى ۋاقىتلىق تەيىنلەنگەن تەستىقچى ئەمەلدارلارنىڭ  خىزمەت نەتىجىسىنى تەپتىش قىلىش، خىزمەتتە بوشاڭلىق قىلغان ئەمەلدارلارنى دەرھال بىكار قىلىش، يېڭى ئەمەلدار تەيىنلەش، يېڭىدىن ئېچىلغان رايۇنلارغا  چەت مەملىكەتلەردىن پۇقرا قۇبۇل قىلىش، پۇقرالارنى تەربىيلەپ قىسقا ۋاقىت   ئىچىدە يازالايدىغان ۋە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان مەدىنىيەتلىك كىشىلەردىن قىلىپ تەربيلەش دىگەندەك چۇۋالچاق ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپلا يۈرگەن.....

      بۈگۈنمۇ ئىلگىرىكى يالغۇز قالغاندا بارىدىغان سىرلىق دۆلىتىدىكى ھېلىقى  ئىجارىگە ئالغان باغ-ۋارانلىق، سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان "خىيالى  تۈيغۇدىكى جەننەت" دىگەن داچامغا كىرىپ بىر قسىم كەلگەن خەت چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ، "تەنھا يىگىت بىلەن يالغۇز قىز" QQ مەركىزى ئېرەم بېغىغا  قاراپ يولغا چىقتىم.ئادەت بۇيچە ئېرەمباغنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىدىن بىرسىگە  ئورۇنلىشىۋېلىپ، ئۈستۈمدە يېنىپ تۇرغان چىراقنى ۋاسسىدە ئۈچۈرۇۋەتتم دە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى كۈزەتتىم، چىراقنى ئۈچۈرىۋەتسەم مېنى باشقىلار كۈرەلمەيتى، ئەمما مەن باشقىلارنى كۆرەلەيتىم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ يۈرەكلىرىمنى زىلزىلگە سالالايدىغان ئاشۇنداق بىر قىزنى كۈتكەچ، ئىبىنى  ياغاچقا ساڭايان بۇلۇپ بەدىنىمنى ئېغاڭلاتقاندا چىققان غىچىر-غىچىردىن قانداقتۇر خىيالى مەنزىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كېتىپتىمەن.
      بىر چاغدا ماڭا گەپ قىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئېكران پالا كۆز تۇساتتىن  ئېغىز ئېچىپ سالدى:
      _ ھەقىقى ئىسىمىڭ نىمە؟
     
      _ muzat
      _سەنچە ھەقىقى بەخىت زادى قانداق بۇلىدۇ؟

      _كۈندە خۇشال-خۇرام يۇرۇش

      _سەنچە مۇھاببەت مۇھىممۇ ياكى دوستلۇقمۇ؟

      توۋا ئېكران پالا كۆزگە نىمە بولغاندۇ بۈگۈن، غەلىتە سۇئاللارنى سوراپ،  قارىغاندا سەنمۇ زىرىكىپ قاپسەندە، دىمىسىمۇ راس، گەرچە كۆز ئالدىمدا سائەتلەپ ئولتارسىمۇ بىرە ئېغىز تىچ-ئامانلىق سوراپ باقماپتىمەن بۇ جانابى  قەدىناس، تۆت چاسا پالا كۆزدىن. بوپتۇ، قېىنى سوراپ باقمامسەن، مەنمۇ   ئەستايدىل جاۋاب بىرەي دەپ ئويلىدىمدە:

      _ئەلۋەتتە ئىككىلىسىلا مۇھىم، چۈنكى مەن ھەر ئىككىسىگە ئوخشاشلا مۇھتاج.

      _سەن مۇھاببەتنىڭ مەڭگۈلۈك بۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسەن ياكى دوستلۇقنىڭمۇ؟

      توۋا، بۇ پالا كۆز بارغانسىرى زىل سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدا، مەن كۆڭۈل بۈلىدىغان ئىشلارنى سورىساڭچۇ كاشكى، مۇئاش قاچان ئۆسكىدەك؟ مېنى قاچان  ئالماشتۇرىسەن؟ قاچان ماشنا سېتىۋالىسەن؟ ........ مانداق سۇئال سورىمامدۇ  ئەر كىشىدىن دىگەن!
بوپتۇ خەيرىيەت، چىشىمنى چىشلەي، ساڭا جاۋاپ بېرىۋىتەي!

      _تۇققاندارچىلىق مەڭگۈلۈك بۇلىدۇ. دوستلۇق ۋاقىت ئۇزارسا مۇھاببەتكە
      ئايلىنىدۇ، مۇھاببەت ۋاقىت ئۇزارسا تۇققاندارچىلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ،
      توققاندارچىلىق مەڭگۈ يەنە شۇ تۇققاندارچىلىق پېتى داۋاملىشىدۇ.

      _ھازىر سەن خۇشال ئۈتىۋاتامسەن muzat؟

      _مەن ناھايتى خۇشال، چۈنكى مەن ھەر كۈنى قۇياش نۇرىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتىمەن.

      _ئەگەر مەخپىيەتلىكىڭ بولسا، سەن راستىنلا سەمىمىلىك بىلەن قارىشى تەرپكە
      ئېيتىپ بېرەمسەن؟

      _بەزىنى ئېيتىمەن ، بەزىنى يۇشۇرىمەن. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز شەخسىيتى
      بۇلىدۇ.

      _سەن بالىلارنى ياخشى كۈرەمسەن؟

      _ياخشى كۆرمەسلىككە ئاساسىم يوق. ئۇلار بەك ئوماق.مېنىڭ كچىك ۋاقتىمغا  ئوخشايدۇ. بەڭۋاش، ئويۇنقېپى، كىيىمنى پاكىز كەيمەيدۇ. لېكىن مەن يەنىلا  ئامراق.

      _سەنچە دوستلۇق مەڭگۈلۈك بۇلامدۇ؟

      _بىر-بىرىگە سەمىمى سادىق بولسىلا مەڭگۈلۈك دىگەن بۇ سۆز دوستلۇققا باش
      ئىگىدۇ.

      _سەن قاچان ئۆيلەنمەكچى بۇلىۋاتىسەن؟

      ما پالا كۆزنىڭ دۆتلىكىنى، كۈندە يېنىمدا گۈزەل بىر خانىمنىڭ بارلىقىنى كۆرمىگەنمىكىنتاڭ؟

      _مەن ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان.

      _ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزەڭ خالىمىغان ئىشنى قىلالامسەن؟

      _ئەگەر قۇربىم يەتسە، خالايمەن.

      _سەنچە ئايال كىشى تۈز چاچ قويسا ياخشىمۇ ياكى بۇدىرە چاچ قويسىمۇ؟

      _ ئەگەر تەبىئى بولسىلا ھەر ئىككىلىسى ياخشى، تەبىئى بۇدىرە چاچ بولسا تېخىمۇ
      ياخشى.

      _نەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئەڭ ياختۇرىسەن؟

      _ سىرلىققا (چاخچاق)، ئۆمۇرۇمدە بىر قېتىم ئانتاركىتىدانىڭ پىنگىۋىنلىرىنى، شىمالى مۇز ئوكياننىڭ ئاق ئېيىقلىرىنى، ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر چۆللىرىنى،  ۋە سىھرى كۈچى ئۇرۇغۇپ تۇرىدىغان ئافرىقا دومباقلىرىنى، ياۋرۇپانىڭ  تەرەققىيات سېھرى كۈچىنى، پارىژ، لوندۇن، رىم، ۋېنىتسىيلەرنى، موسكىۋا ، توكيولارنى، ئامىركىنىڭ غەرىپچە ئەركىنلىك دىمۇكىراتىسيىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەم، ئاڭلىسام دەيمەن. مەخمۇد قەشقىرى ئىزلىرىنى بويلاپ ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئىلىنى، كىروران گۈزىلىنىڭ ئىزىنى بويلاپ قەدىمى تارىم ۋادىسى، يىپەك يوللىرىنى بىر كەزسەم، ئەسلىمنى ۋەسلىمنى ھەقىقى تاپسام بۇ مېنىڭ ئەڭ زور ئارزيۇم.

      _ئۆمۈرۈڭدە ئەڭ ئۇنتۇلمايدىغان ئىش نىمە؟

      _ئانامنىڭ سۈتى، يۇرتۇمغا مىللىتىمگە بولغان مۇھاببەت.

      _ بىر ئادەمنى سۆيسە چۇقۇم ئۇنى پۇتۇن كۈچى بىلەن قايتۇرۇپ كېلىش كېرەكمۇ؟

      _چۇقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك. چۈنكى مۇھاببەتتىن ئايرىلىپ قالسام، ھايات  يۇلۇمدىكى كۈچ قۇۋۋەتتىن ئايرىلىپ قالىمەن.

      _كۆككە قارىغىنىڭدا بىرىنجى بۇلۇپ ئېسىڭگە كىلىدىغان ئادەم كىم؟

      _كۆككە قارىغىنىمدا يىراقتىكى، يەرگە قارىغىنىمدا يېقىندىكى ئادەم.

      _سەن ئۇنى بىر ئۆمۈر سۈيەمسەن؟

      _شۇنداق.

      _سېنى سۈيىدىغان ئايال بىلەن سەن سۇيىدىغان ئايالنىڭ قايسىىسىنى تاللايسەن؟

      _ئۆزەم سۈيدىغان ئايالنى تاللايمەن. چۈنكى مەن مۇھاببىتم ئارقىلىق چۇقۇم ئۇنى تەسىرلەندۇرەلەيمەن.

      _سەن قايسى ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا بۇلغان مۇھاببىتىڭىنى نامايەن قىلىسەن؟

      _چىن سۆيگۈمنى بېغىشلاش ئارقىلىق.

      ئەگەر سەن ئەڭ سۈيدىغان ئايال سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بولسا،  سەن نىمە قىلىسەن؟

      ما پالا كۆز بارغانىسىرى رومانتىك سۇئاللارنى سوراۋاتتاتتى. بۇنداق پەقەت  ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىلا بۇلىدىغان زىل، پىنھان سۇئاللارنى بۇ نەدىن  ئۈگەنگەندۇ؟ توغرا ! يەنىلا شۇ بىزدىن بولمامدۇ. چۈنكى بۇنداق رومانتىك  سۇئاللار ئېكران ئىچىدە كۆپ سورىلىدىغان بوپ كىتىپ بارسا ھازىر. ھەممە ئىشلار شۇ تۆت چاسا پالا كۆزنىڭ ئالدىدا بۇلىۋاتسا، بۇلىنىۋاتقان گەپلەرنىڭ تاتلىقلىقى، شىرىنلىكى، كشى قەلبىنى لەرزانغا سالىدىغان، تاشنمۇ ئىرىتكۈدەك بال سۆزلەر بۇلىنىۋاتسا مۇشۇ پالا كۆزنىڭ ئىچىدە، بىلمەمىتى؟ ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدىم باشقىچە نەزەر بىلەن بۇ پالا كۆزگە، قارىغانسىرى ئۈنىڭ  كۆزلىرىمۇ خۇمارلىق كۆرىنىشكە باشلىدى.....

      _قانداق قىلاتتىم، ئۇخلاۋاتقان گۈزەلنى ئويغىتىۋىتىش ئەدەپسىزلىك، لەۋلىرىگە
      سۆيسەم، ئۈزەمنى تۇتالماسلىقىم ئېنىق، چىشىمنى چىشلەپ، ھىسىياتىمنى بېسىپ
      مەڭزىگە يەڭگىل سۈيۈپ قۇياتتىم.

      _ئەگەر سەن بىر كىشىنى قاتتىق ئەدەپلىمەكچى بولساڭ ئۇ قانداق كىشى بۇلىشى
      مۇمكىن؟

      _ئەخلاقسىز، پەسكەش، مەسئۇلىيەتسىز كىشى.

      _سەن ئۆزەڭنىڭ تاللىشىغا پۇشايمان قىلامسەن؟

      _مۇھاببەتتىكى تاللىشىمدىن ئەزەلدىن پۇشايمان قىلغىنىم يوق.

      _ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇڭ نىمە؟

      _ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلۇرۇمنىڭ ئامانلىقى، ساغلام،خۇشال ۋە بەختىلىك
      بۇلىشى.

      _سەن بىر ياخشى پەرزەنتمۇ؟

      _شۇنداق (بەزىدە سەل بەڭۋاشلىقىمنى ۋە شەخسىيەتچىلىكىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا)


      _سەنچە مۇھاببەت مۇھىممۇ بولكىمۇ؟

      _ھەر ئىككىلىسى مۇھىم، ھەر ئىككىلىسى مېنىڭ ئۇزۇقىم.

      _ئەگەر مۇھاببىتىڭدىن ئايرىلىپ قالساڭ قانداق قىلىسەن؟

      _سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ قەلىپ جاراھەتلىرىمنى يالايمەن، ئۆزەمگە:قايغۇرما،
      غەيرەتلىك بول دەپ پىچىرلايمەن.

      _سەن چېقىلغان ئەينەكنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسەن؟

      _ئۇقمايمەن.

      ..........................................

      سۆھبەت ئاياغلاشتى، پالا كۆز ئېكران سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالدى، پەقەت  ئۇنىڭ پۇشۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مېنىڭ تېخى ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس، چىراقنى ياندۇرمىدىم، ئەتىراپتىكىلەر بىر-بىرلەپ كىتىپ قېلىشقان، ئاندا-ساندا ئۇياقتىن بۇياققا ئۈتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەردىن باشقا ھەممە ياق تىپ-تىنىچ.

      يۈرىكىمنى زىلزىلگە سالالايدىغان ئاشۇنداق بىر قىزنى كۈتمەكتىمەن، ئۇ تۆنۆگۈن كەلمىگەن، بۈگۈنمۇ كەلمىدى، ئېھتىمال ئەتىمۇ  كەلمەيدۇ.................................................................


ئەسلى بۇ ئەسەر سىرلىق مۇنبىرىگە يوللانغان ئىدى، شۇڭا ئەسەردىكى سىرلىق دىگەن ئاتالغۇ سىرلىق مۇنبىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گۈزەل باي مۇنبىرىگە تونوگۈنلا ئەزا بۇلۇپ كىردىم، يېڭى ئەسەر بولمىسىمۇ لېكىن، باي مۇنبىرىدىكى دوستلارغا نىسبەتەن يېڭى، شۇڭا يوللاپ قويدۇم. تەكلىپ پىكىر بىرىشىڭلارنى قارىشى ئالىمەن.

ئەسلى ئەسەرنىڭ مەنزىلى:http://www.sirlik.com/read.php?tid=463

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شوخزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-15 16:31  



Rank: 3Rank: 3

تېما
34
قىزغىنلىق
597
تىللا
728
تۆھپە
374
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 18:59:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى يېزىپسىز . ئۈزىڭىز يازغانمۇ ..  ياخشى تىمىلارنى ئايىماي يوللاڭ ۋاقتىدا ئىنكاس يازالمىساقمۇ
ۋاقتىدا ئۇقۇپ پايدىلنىۋاتىمىز


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
541
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
798 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 20:48:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، تېمىڭىزغا رەخمەت! بىراق بۇ ئەسىرىڭىزنى بۇ مۇنبەرگە يوللىغاندىكىن «سىرلىق» دىگەن سۆزنى «گۈزەل باي» قىلىپ تەھرىرلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن،


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
36
تىللا
116
تۆھپە
10
توردا
4 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 23:29:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرلىقتا ۋاقىتتا ھېس قىلغان ئويلاركەن بۇ.بوپتۇ بىز گۈزەل باي دەپ تورۇپ ئوقۇپ تورايلى.ياخشى چىقىپتۇ.شوخزات تەسەۋۇرغا ھەقىقەتەن باي ئىكەن.


Rank: 2

تېما
1
قىزغىنلىق
135
تىللا
205
تۆھپە
95
توردا
19 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 10:56:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل يوللىغان ۋاقتى  2011-9-15 18:59
ئەجەپ ياخشى يېزىپسىز . ئۈزىڭىز يازغانمۇ ..  ياخشى تىمىلا ...

ئۈزۈم يازغان، گەرچە مەزمۇنى بەك غايىۋى بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ئەمەسمۇ.تەكلىپ پىكىرىڭىزگە رەھمەت.


Rank: 2

تېما
1
قىزغىنلىق
135
تىللا
205
تۆھپە
95
توردا
19 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 10:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىرگۈل يوللىغان ۋاقتى  2011-9-15 20:48
ياخشى يېزىپسىز، تېمىڭىزغا رەخمەت! بىراق بۇ ئەسىرىڭىزن ...

تەھرىرلىۋەتسەم مەزمۇن خاسلىقى يوقاپ كەتكۈدەك، شۇڭا ھازىرچە شۇ پېتى يوللاپ قويدۇم، يۇرۇتداشلار بۇ يەرگە جەم بوپتىمىز، ۋاقىت چىقسا ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز، مەنمۇ خىزمەتتىن بوشانغان چاغلاردا جۆجىلەپ تۇرامەن. تەكلىۋىڭىزگە رەھمەت ئەتىرگۈل خانقىز


Rank: 2

تېما
1
قىزغىنلىق
135
تىللا
205
تۆھپە
95
توردا
19 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 11:02:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايچىچەك يوللىغان ۋاقتى  2011-9-15 23:29
سىرلىقتا ۋاقىتتا ھېس قىلغان ئويلاركەن بۇ.بوپتۇ بىز گۈز ...


سىزمۇ تەسەۋۋرلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز، قانداقلا بولمىسۇن بۇ يۇرۇتداشلار جەم بولغان مۇنبەر ئەمەسمۇ، بىرىنچىدىن باي خاسلىقى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن مۇشۇنداق بىر ئونۋىرسال تور بەتنى ئاچقان دوستىمىزنى چۇقۇم قوللاش كېرەك، ئىككىنچىدىن، بۇ تور بەت گۈللەنسە ھەممىزگە پايدىلىق . قانداق دىدىم  مۇخبىر خانقىز؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شوخزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-16 11:02  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 00:50 , Processed in 0.110819 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش