گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 1

بەخىت دىگىنىمىز شۇ بولسا كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 05:57:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                        بەخىت دىگىنىمىز شۇ بولسا كېرەك


شۇ تاپ ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك سەزمەكتىمەن،مانا ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان نەرسىللىرىمگە ئېرىشتىم ،سۈيۈملۈك ئاتا-ئانامنىڭ كۈتكىنىدەك تىرىشىپ ئۆگىنىپ مانا ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ،ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭمۇ يېرىمىدىن كۆپىنى بېسىپ بولدۇم.ئۆزۈم ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ،كىيىنلىكىم ئۈچۈن نىشان قىلغان يىگىتنىڭ مۇھاببىتىگىمۇ ئېرىشتىم .ئاللا خالىسا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئارزۇ قىلغان نىشانغا ئېرىشىۋالسام..ئاللا ئىگەم شۇنىڭغا نىسىپ قىلغاي!......تۇيۇقسىز سايرىغان تېلفۇن ئاۋازى مېنى شىرىن تاتلىق خىياللىرىم دۇنياسىدىن ياتاققا قايتۇرۇپ كەلدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!....شۇنداق دەپ تېلفۇننى ئالدىم .تېلفۇن قىلغان ،مېنىڭ شىرىن خىياللىرىمنىڭ بىر ئىشتىراكچىسى سۈيۈملۈك مۇرات ئىدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!دىلبەر،مەن ياتىقىڭىزنىڭ ئالدىدا،چۈشىڭە تىز.
-ھازىرمۇ؟نىمانچە ئەتىگەن؟
-چۈشسىڭىز نىمە بولا.....
ماقۇل دىگىنىمچە تېلفۇننى قويۇپ پەسكە چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ،سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۋاتقان ساۋاقدىشىم ئادىلەنىڭ ئاغزى ئېچىلدى.
-ھەي...بىچارە مۇرات.ئەتتىگەندە ساڭا دوكىلات قىلغىلى كەپتۇدە ،ئاخشامقى ئولتۇرىشىنى...ھې ھې..
- نىمە دوكىلات،تولا قىزىماس گەپ قىلمىيە بىر.
يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى،دېمىسىمۇ مۇرات ھەرقېتىم بىرەر ئولتۇراش ياكى پائالىيەتلەرگە بېرىپ كەلسە دائىم كېلىپ ماڭا بولغان ئىشلارنى دەپ بېرەتتى.
-ئاخشام مانچە قىز بىلەن تانسا ئوينىدىم ،مانچىسى بىلەن ئۇسۇل دەپ قىلا ھەقاچان مەن نەدىن بىلەي..ھې ھې...يا بىللە بارمايدىكەنسە ئىزا تارتىمەن دەپ خەقنى قىيناپ...
-ۋاي تاپمايدىغان گىپىڭ يوقكەن ھە سېنىڭ...ئوينىسا ئوينىمامدۇ.ئاخشاممۇ بارمايمەن دەپ شۇ ئۇمۇ..لىكىن ياتاقدىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكە ،ئۇ يالغۇز ئايرىلىپ قالسا قانداق بولىدۇ،شۇڭا بېرىڭ دەپ تۇرۋېلىپ بارغۇزدۇم.مېنى دەپ ئەل-ئاغىنىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا قانداق بولىدۇ.
-زورلاپ ئەۋەتتىم شۇ..كېچىچە ئەنسىرەپ ئۆرە ئولتۇردۇم دىگىنە بىر......مانا يوقلامغا كەلدى ئەتتىگەندە ..ھەي..نىمانچە بەخىتلىك ھە ،سەن...سەل ئىچىم قىزىپ مېنىڭ..ھې ھې..
-ئەمسە سەنمۇ ماڭا ئوخشاش ئۆزەڭدىن چوڭنى تاپ..ھې ھې........
شۇنداق دىگىنىمچە ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتىم .يۈرۈكۈم يەنە شۇنداق رېتىمسىز سۇقۇشقا باشلىدى،ھەر قېتىم شۇنداق ،دائىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ماڭغىنىمدا نىمىشقىكىن يۈرۈكۈم شۇنداق رېتىمسىز سوقىدۇ.بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرغىنىم بولسا كېرەك...ھې ھې....ئەلۋەتتە ئالدىرايمەندە چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزەمنى بەخىتلىك ھېس قىلىدىغان تۇرسام .دېمىسىمۇ شۇ..ئۇنىڭ يېنىدا ھەقىقەتەن بەخىتلىك مەن،ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن كۈيىنەتتى،مەيلى سالامەتلىك،مەيلى ئۆگىنىش ۋەمەيلى يېمەك ئىچمەك جەھەتلەردە ئىشقىلىپ خۇددىي ئاپام بىلەن دادامدەك كۈيۈنۈپ كېتىدۇ.بەلكىم ئۇ مەندىن بىر قاراريۇقرى بولغاچقىمىكىن تاڭ دائىم كۆڭلىمدىكىنى تېپىۋالاتتى. بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ ئىدى.ھېلى دۇنيا ،ھېلى تارىخ..ئىشقىلىپ بىلىدىغانلىرى كۆپ.مەن شۇڭا دائىم ئۇنى "مۇئەللىم،ئاۋۇ ئانداقمۇ؟ ماۋۇ مانداقمۇ؟"دەپ جىلە قىلىپ ئوينايتىم .ۋايجان يەنە ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىرگە بولسام كۆڭلۈم ئېچىلىپ باشقىچە خوشال بولاتتىم....مانا ئۇنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىمەن.توۋا تېخى ئۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىنلا كۆرۈشكەن تۇرسام،يەنە بۇنچە خوشال بۇلۇپ كەتكىنىم نىمىسى....
-ھې ھې..ھەجەپ ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىمۇ ؟كەچۈرۈڭ...
-ياق......ئانچە ئەمەسقۇ. ..
ئۇنىڭ ھودۇقۇپراق ئېيتىلغان سۆزىدىن باشقىچە بىنورماللىق ھېس قىلدىم ۋە دەرھال ئۇنىڭغا قارىدىم ،ئۇمۇ ماڭا قارىدى.كۆزىمزى ئۇچراشتى.ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى ۋە يۈزلىرىدىن ھاراق ئىچكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى....شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.ئەزەلدىن بۇ نەرسىنى ئاغزىغا ئېلىش ئەمەس بەلكى گېپىنى ئاڭلىسىمۇ ئاچچىقلايدىغان بىر ئادەمنىڭ ئەمدى بۇ خىل ھالەتتە تۇرىشى مېنى تولىمۇ ئۈمۈتسىزلەندۇردى.
- بۇ نىمە ئىش؟
ئاران شۇنىلا دىيەلىدىم ،چۈنكى مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ باقمىغان،ئاچچىقلانماقچى بولساممۇ ئەمما ئۇ ھەرخىل ئوماق قىلىقلارنى چىقىرىپ كۈلدۈرۋېتەتتى.شۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئاچچىقمۇ يوقاپ كېتەتتى.ئەمما بۇ قېتىمقى ئاچچىق ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشىمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاچچىقىمنى يوققا چىقىرىدىغان ئوماق قىلىق قىلغۇدەك ھالىمۇ يوقتەك قىلاتتى.
-كەچۈرۈڭ...مەن...
ئۇنىڭ بۇ دۇدۇققلاپ دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى. ئەزەلدىن قەلبىمدە گىگانىت ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئۇنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ھار كەلگەنىدى.
-ئىشنى قىلىپ بۇلۇپ كەچۈرۈم سورىغاننىڭ نىمە پايدىسى؟باشتا ئويلىمىغانمىدىڭىز....
-ئۇنداق ئىش ئەمەس....مەن...
-ھە..نىمە مەن..بولدى كىرىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ....
شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا دوق قىلغىنىمچە ياتاققا قاراپ ماڭدىم .بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا قاتتىق تىگىشىم ئىدى.قاپاقلىرىم تۈرۈلگەن ھالدا ياتاققا قايتىپ كىرىپ كارۋېتىمغا ئۆزۈمنى تاشلىدىم .
-ۋۇي ،يوقلام ئەجەپ تىز تۈگەپتا............
ئادىلەنىڭ بۇ سۆزى خۇددى ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەندەك ئەرۋاھىمنى تېخىمۇ ئۇچۇرۋەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزۈممۇ بىلمەي قاتتىق تىگىپتىمەن.
-ۋاي بىر جېنىمنى چىقارماي ئىشىڭىنى قىلغىنە...
ھەيران قالغان ئادىلە ئاستا يېنىمغا كەلدى ۋە چىرايىمنى كۆرۈپ ھەممىنى بىلدىمۇ قانداق دەرىزە تۈۋىگە بېرىپ پەسكە قارىدى.
-نىمە بولدى؟بىر بەلەن چىقىپ كەتكەنغۇ....ئۇنى پەستە قۇيۇپ يېنىپ كىرىپسەنغۇ ئەمدى؟
مەنمۇ ئىختىيارسىز دەرىزە تۈۋىگەكەلدىم ،مۇرات يەنىلا شۇ بايامقى ئورنىدا بىر نوقتىغا تىكىلىپ تۇراتتى.شۇنداق بىئارام بولدۇم.يىغلىغۇم كەلدى،ئەمما قانداقلا ئويلاي ئۇنىڭ بۇ قىلىقى پەقەت كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم .
-زادى نىمە بولدى،قاق سەھەردە ؟ ... دىدى ئادىلە چۈشەنمىگەن ھالدا...
-نىمە بولاتتى،ھاراق ئىچىپتۇ،كۆزلىرى قىپقىزىل..ياخشى قىپسىز دەپ يېنىپ كىردىم.
-خو ..ئاداش ياخشى قىپسە بولمىسا،بارمايمەن دىگەن يەرگە زورلاپ ئەۋەتىپ،بىللە بارايلى دىسە ئىزار تاتتىپ بارغىلى ئۇنىماي...ئەمدى رەنجىپ...داۋاملاشتۇر...
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل بوشاپ قالدىم .راست دېمىسىمۇ كۆڭلۈم تارتىمىدى بارمايمىكىن دىگەن ئادەمنى يالغۇز قالماڭ دەپ زورلاپ ماڭدۇرۇپ ،ئەمدىلىكتە يەنە ئۇنىڭدىن رەنجىپ..بەلكىم شۇ ئىشنى تۇيۇپ بارغۇسى كەلمىگەن بولغىيدى ھە..تۇرۇپلا بۇ خاتالىقتا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بارلىقىنى ھېس قىلدىم .قارىسام ئۇ يەنىلا شۇ ئورۇندا..تۇرۇپلا ئۆزەمنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ قالدىم .يەنىلا ئۇنىڭ يېنىغا چۈشۈشنى قارار قىلدىم.نىمىلا بولمىسۇن ...ھەي بولدىلا....ئۇنىڭ يېنىغا چۈشتۈم.
-ناشتا قىلغانمۇ؟
توڭلا تەگدىم .توۋا بۈگۈن نەدىن كەلگەن يۈرەككىنە بۇ،شۇنداق كەسكىن ھەم قاتتىق گەپ سۆزلىرىم .
-ياق..
ئۇنىڭ تولىمۇ بوش چىققان بۇ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تېخمۇ باشقىچە بۇلۇپ كەتتىم .ئۇنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغانىدىم .بىز ئىختىيارسىزلا ئاشخانا تەرەپكە ماڭدۇق.ھەتتا تاماق يەپ بولغىچىمۇ بىر ئېغىز گەپلەشمىدۇق.ئۇ خۇددى ئاچچىقى ئاپىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك،مەن بولسام ئەنە ئاشۇ ئاچچىقى يامان ئانىغا ئوخشاپ قالغانىدۇق.
مانا شۇنداق مېڭىپ ياتاقنىڭ ئالدىغىمۇ كەپ قالدۇق يەنە يا ئۇنىڭدىن ،يا مەندىن سادا يوق..ئاخىر بولماي يەنە مەن ئېغىز ئاچتىم .
-ياخشى ئارام ئېلىڭ قايتىپ..كىيىن پاراڭلىشايلى ھە...
-مېنى كەچۈرۈڭ ،سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن... (ئۇ شۇنداق دىگىنىچە پىشانەمگە سۈيۈپ قويدى)...مېنى كەچۈرۈڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئارقىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى،مەنمۇ ياتاققا ماڭدىم .ئەمما يۈركۈم بىر خىل ئەنسىز سوقىۋاتاتتى،ھەي بولدىلا..بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنداق ئىشنى قىلمىسىلا بولمىدىمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمۇ بەك قىينىلىپ كەتتى.ئەمدى چۇقۇم ئۇنداق قىلمايدۇ. شۇنداق دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ تۇرساممۇ يەنىلا باشقىچە بىر خىل سېزىمدا تۇراتتى.
مانا شۇنداق قىلىپ بۇ كۈنمۇ ئۆتتى،ئەتىسىمۇ ئۆتتى..ئەمما مۇراتتىن خەۋەر يوق،مېنى ئىزدەپمۇ قويمىدى،ئاخىر بولماي يەنە ئۆزەم ئىزلىدىم ،ئىنتايىن ئەپسۇس تېلفۇنى ئېتىك،ئالدىنقى كۈنىدىكى ئاچچىقىم قوشلاپ تۇتتى..
-توۋا قىلدىم..قاراڭا خۇددى مەن بىر يامانلىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك،ياكى مەن ئاغزىغا قۇيۇپتىمەنمۇ؟تېخى يەنە مەندىن يامانلىغان يىرىمىكىنا بۇ..مەنمۇ ئىزدىمەيمەن قاراپ تۇرسۇن.
شۇنداق دەپ تېلفۇننى كارۋاتقا ئېتىۋەتتىم .كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى،نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ، نىمىشقا ئېتىۋالىدۇ تېلفۇنىنى.شۇ ئاچچىقتا ئولتۇرسام ئادىلە بىر پارچە خەتنى كۆترەپ كىرىپتۇ.
-بۇنى مۇرەتنىڭ ياتىقىدىكى ھېلىقى سېمىزراق ئاكاش ساڭا بېرىپ قۇيۇڭ دەيدۇ.
خەتنى ئالدىراپ ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم .
"سالام دىلبەر
كەچۈرۈڭ،ھازىر ئەنەشۇ گەپتىن باشقىنى قىلالمايمەن.قىلغىنىم بىلەنمۇ ئورنى يوق.سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن،سىزگىلا ئەمەس،ئۆزۈمگە،مۇھەببىتىمگە،سۈيۈملۈك ئاتا -ئانامغا يۈز كېلەلمەيمەن.ئەمدى قانداقلا قىماي ئورنىغا كەلمەيدۇ. ئوماق،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،تاماقنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەڭ..ئۆزىڭىز دىگەندەك ھەرۋاقىت ،قانداق ئىش بولمىسۇن ئۆزىڭىزىنى ئاسراشنى،كۆڭلىڭىزنى خوشال تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ...........
ۋاپاسىز ئاشىغىڭىز مۇراتتىن."
مانا مۇشۇنچىلىكلا خەت...نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم،نىمە ئىش بۇ ؟چاقچاق قىلىۋاتامدۇ نىمە ئۇ ماڭا،نىمە توساتتىن بۇ گەپلەرقىلىپ يۈرۈيدۇ.يەنە تېخى ئۆزى كەلمەي يېنىمغا تېخى باشقىلاردىن خەت كىرگۈزگىنى نىمىسى،مۇشۇ ئىشقىمۇ شۇنداق قىلىش كېتەمدۇ.مەن ئۇنىڭدىن مۇنداق رەنجىپ قويغىنىم بىلەن يا چىن كۆڭلۈمدىن ئۇنىڭغا ئۆچلۈك ياكى بىزارلىق قىلمىغان تۇرسام.قانداق ئىش بۇلۇپ كەتتى.كىچىككىنە ۋاقىتنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم ،ئەمما ئۆزۈم قانائەتلەنگىدەك جاۋاپ تاپالمىدىم سۇ ئاللىرىمغا.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ياتىقىغا بارماقچى بۇلۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدىم .
-نەگە بارىسەن؟ئۇنى ئىزدەپ ئاۋارە بولما ،ئاڭلىسام ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېتىپتۇ.
ئادىلەنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ خۇددى بېشىمغا قاتتىق بىر نەرسە بىلەن ئۇرغاندەك تۇرغان جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم .بۇ نىمە ئىشلار ئەمدى.نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ،بىلەلمەي قالدىم .بىرسى ماڭا چاقچاق قىلۋاتامدۇ،مەن بىلەن ئوينىشىۋاتامدۇ؟نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئۇسۇلدا....ئورنۇمدىن تۇردۇم ياتاقدىشى ئادىلدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يۈگرەپ چىقىپ كەتتىم .كۆزۈمگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيتى..پەقەت ئويلايدىغىنىم "زادى نىمىشقا؟نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟" مانا ئادىلنىمۇ ئىزدەپ تاپتىم ،ئەمما ھىچقانداق قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم .
-نىمە ئىش بولغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن،ئىشقىلىپ ئۇ مەكتەپتىن ئۆزلىگىدىن چىكىندى.سىزنى بىلەمدىكىن دەپتىمەن.
مانا ،ئۇنىڭدىن ئېرىشكىنىم مۇشۇ گەپ.يەنە نىمىشقا ؟ئەمدى تېخى مەكتەپتىن چىكىنىش قوشۇلدى.يولدا كېتىۋاتىمەن.قايەرگە ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن.كۆزلىرىمدىن ياشلار ئىختىيارسىز تۈكۈلمەكتە،قولۇمنى كۆتۈرۈپ يېشىمنى ئېيتىشقا مادارىم يوق،مادارىملا ئەمەس رايىممۇ يوق.مەن نىمىنى خاتا قىلدىم ،ئۇنىڭ ھاراق ئىشكىنىگە خاپا بولغىنىم خاتامۇ؟لىكىن ئۇ دىگەن بىر دەمچىلىك ئاچچىققۇ،شۇنىڭغا مېنى تاشلاپ كېتىش كېتەمدۇ؟ مەكتەپتە ھاراق ئىچىپ دەلدەڭشىپ يۈرۈيدىغانلار ساماندەققۇ ،ئەجەبا ئۇ بىر قېتىم ئىشكەنگە.مەكتەپتىن چىكىنىش كېتەمدۇ؟ياق...ئائىلىسىدە بىرەر ئىش بولدىمۇ يا؟ئۇنداق بولسا چۇقۇم مەڭا دىيىشى كېرەكقۇ؟مانا شۇ تېگى يوق خىياللار بىلەن كېتىۋاتىمەن .مېڭىپ مېڭىپ بىز دائىم كېلىپ ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتىمەن .ئورۇندۇقتا ئوتۇردۇم ،قاياقتىندۇر ئۇ خۇددى "ھەي،يىغلاڭغۇ،سىزنى ئالداپ قويدۇم ،مەن نەگە باراتتىم "دەپ يېنىمدا پەيدا بۇلۇپ قالىدىغاندەك..ئەتراپىمغا قاراپ كەتتىم ،ھىچكىم يوق.كۆز ياشلىرىم تاراملاپ چۈشمەكتە،ئەمما مەن خۇددى سىزىمىمنى يوقاتقان ئادەمدەك بىر نوقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان.ئويلىغانلىرىم ،بېشىمنى قاتۇرۋاتقان سۇئاللار نۇرغۇن .ئەمما ئۇلارغا جاۋاپ تېپىشقا ئامالسىزمەن......شۇ پېتى قانچىلىك ئولتۇرغىمىنى بىلمەيمەن.پەقەت قاراڭغۇ چۈشكەندىلا ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ قىلىپ ياتاققا قايتىىم .
..........................................................................................................
كۈنلەر ئۆتمەكتە...مانا ھەش پەش دىگۈچە مۇراتنىڭ ئىزدېرەكسىز يوقالغىنىغۇمۇ 3-4ئاي بولدى.كۈنلىرىم يىغلاش، ئۇنى سېغىنىش،يەنە شۇ تىگى يوق ،ئايىقى چىقماس،جاۋاپ تاپقىلى بولمايدىغان ،يەنە كىلىپ ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدىغان ئاشۇ خىياللار بىلەن بەنىت.ئۆزۈمنى بەك تاشلىۋەتكەندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم ،بۇرۇنقى شوخ كۈلكىللىرىم قېنى؟ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇشتىن ئىلگىرىمۇ مەن خوشال خۇرام،كۈلۈپ ياشايدىغان ئادەم ئىدىمغۇ،نىمە دەپ مۇشۇنداق بۇلۇپ قالىمەن ؟زادى نىمە ئۈچۈن؟مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا خوشاللىق ،كۈلكە ئاتا قىلىدىغان دىلبەر ئىدىمغۇ،نىمىشقا ئەمدى ئۆز كۈلكەمنى،خوشاللىقىمنى باشقىلاردىن ئىزدەيدىغان بۇلۇپ قالدىم .نىمىشقا ؟زادى نىمە ئۈچۈن؟ ...مانا شۇنىڭدەك تۈگىمەيدىغان نىمە ئۈچۈنلەر مېنى قيىنايتى.بۇ قىيىنچىلىقلارغا تەن بەرمەسلىك ئۈچۈن قاتتىق بىر نىيەتلەرگە كېلىمەنيۇ ئەمما يەنە ئىككى كۈنگە قالمايلا يەنە شۇ باغرى تاش ۋاپاسىزنى سېغىنىش،يەنە نىمە ئۈچۈنلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي يەنە ھالسىزلىنىمەن ،تۇرمۇشتىن بىزارلىق ھېس قىلىمەن . شۇنداق بوشاپ كېتىمەن.قانداق قىلاي،ياكى قىلاي دەپ نىيەت قىلغان ئىشلىرىمنى يا قىلالمىسام،كۈلەي دەپ كۈلەلمىسەم،نىمانچە ئاجىز يارىتىلىپ قالغان بولغىيدىم ،باشقىلار كۆزۈمنى ياشلاپ كەتسىمۇ يەنە شۇ كىشى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ،شۇ كىشى ئۈچۈن ئازاپ چىكىپ يۈرۋاتىمەن.بۇ ئۇنىڭغا ئەرزىمتى.توغرا ئەرزىمتى ؟مۇشۇ گەپ بىلەن يەنە ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرمەكچى بولدۇم .لىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنە ماڭا قارشى چىقىپ ئەرزىيتى دەپ نىدا قىلىۋاتاتتى.ھەي مەن نىمە بولدۇم . شۇنداق ئۇ بۇرۇن ئەرزىيتى،شۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ قولۇمدىن يىتىشىچە قىلدىم .ئەمما ئۇ ئۆزى مېنىڭ قەدرىمنى بىلمەي مېنى كۆز ياشلىرىم ئارىسىغا تۇيۇقسىز تاشلاپ قۇيۇپ كەتتى،ئەمدى تۈگىدى،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ياش تۈكۈش بىھاجەت....ئەنە شۇلارنى ئويلاپ ئورنىمدىن دەس تۇردۇم .ئۆزۈمنى قايتىدىن بىر تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن قاتتىق نىيەتكە كەلدىم .دەل شۇ ۋاقىتتا ياتاققا ئادىلە ياتاققا جىددىي ئەمما ئەنسىز قىياپەتتە كىرىپ كەلدى.
-ساڭا بىر ئىشنى دەي ،ئەمما ئۆزەڭنى تۇتىۋال...
ئۇنىڭ ئۇ ھالىتىدىن ماڭا يەتكۈزمەكچى بولغىنىنىڭ خۇش خەۋەر ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرمىكىم تەس ئەمەس.ئىدىيىمدە كۆڭۈلسىزلىككە نىسپەتەن تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇم.
-دەۋەر...ھازىر كۆنۈپ قالدىم كۆڭۈلسىزلىككە يۈزلىنىشكە...
-مۇرات...مۇرات ئۇ....
مۇراتنىڭ ئىسىمىنى ئاڭلىشىم بىلەنلا يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىدىم .
-مۇرات،مۇراتقا نىمە بۇپتۇ؟ئاپپاق ئادىشىم تېز دىگىنە ،مۇراتقا نىمە بۇپتۇ؟
بىلمەيمەن،،،كۆز ياشلىرىم يەنە ماڭا بويسۇنماي سىرغىپ چۈشمەكتە.كۆڭلۈمدە قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ،مۇراتقا بىرەر ئىش بولغاندەك...

                                                                            تۈگىدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىرپان517 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-11 08:52  



ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
541
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
802 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 09:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتالمىش«مۇھەببەت» دىگەن شۇ....دەرت بىلەن ئەلەمدىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇڭا مۇھەببەتلەشمىگەن ياخشى، دۇنيادا قانداشلىق مۇناسىۋەتتىن باشقا مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەت يوق، بۇ ئىش ئۈچۈن يىغلاپ، قايغۇرۇشمۇ بىھۇدە.....
بۇنى ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز ياخشى يېزىپسىز!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 06:33 , Processed in 0.159835 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش