بىر كۈنى ئادمىن باشلىق قاراقاش، يۈسۈپجان، جەسۇر قاتالىقلارنى ئېلىپ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىپتۇ. يولدا تۇيۇقسىز ئايرۇپىلاندىن چاتاق چىقىپ پاراشۇت بىلەن سەكرەشكە توغرا كەپتۇ. پاراشۇتتىن پەقەت ئۈچىلا باركەن. شۇنىڭ بىلەن ئادمىن باشلىق سۇئال سوراپ كىم جاۋاپ بىرەلمىسە شۇنىڭغا پاراشۇت بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. باشلىق: _يۈسۈپجان، سىز دەپ بېقىڭە، ئاسماندا قانچە قۇياش بار؟
يۈسۈپجان: _بىر قۇياش بار.
باشلىق: _ جەسۇر، سىز دەپ بېقىڭە، ئاسماندا قانچە ئاي بار؟
جەسۇر: بىر ئاي بار.
باشلىق: _ قاراقاش، سىز دەپ بېقىڭە، ئاسماندا قانچە يۇلتۇز بار؟
قاراقاش: ..............
شۇنداق قىلىپ قاراقاش ئايرۇپىلاندىن سەكرەشكە مەجبۇر بوپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇلار يەنە ئوخشاش ئىشقا ئۇچىراپتۇ. باشلىق يەنە سۇئال سوراشقا باشلاپتۇ:
باشلىق: _ يۈسۈپجان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قاچان قۇرۇلغان؟
يۈسۈپجان: _ 1949-يىلى
باشلىق: _ جەسۇر، ئازاتلىق ئۇرۇشىدا قانچە ئادەم ئۆلگەن؟
جەسۇر:_ 2 مىليۇن 500 مىڭ ئادەم ئۆلگەن.
باشلىق: _ قاراقاش، شۇ چاغدا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟
قاراقاش: ئىشىكنى ئېچىڭلار!.....
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يەنە شۇنداق ئىشقا ئۇچىراپتۇ. باشلىق ئەمدى سۇئال سوراي دەپ تۇرشىغا قاراقاش يۈگۈرۈپ كىلىپ، _ بولدى قىلىڭلار مەن چۈشۈپ كىتەي دەپتۇ-دە ئايرۇپىلاندىن ئۆزىنى ئېتىپتۇ. باشلىق قاراقاش چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق دەپتۇ: _ قاراقاش، جايىڭىزدا مىدىرلىماي تۇرۇڭ، بۇ قېتىم مەن تۆت كۈنلۈك ئېلىۋالغان.
سايرام ئوغىلى شېئىر يېزىپ ئولتۇرسا نەۋرىسى سوراپتۇ: _ بوۋا، چىۋىن يىيىشلىكمۇ؟
سايرام ئوغلى: قانداق دەيسەن؟
نەۋرىسى: بايا قاراپ تۇرسام بىر تال چىۋىننى تاماق بىلەن قۇشۇپ شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يەۋەتتىڭىزغۇ؟
گۈزەل ئىشتىن كىلىپ بالا باققۇچىدىن سوراپتۇ: _ ئوغلۇم بۈگۈن قانداقراق، خاپا قىلمىغاندۇ؟
بالا باققۇچى: _ ياق خانىم، بىراق ئۇ بىر تال قۇرۇتنى يەۋاپتۇ.
_نىمە؟ گۈزەل جىددىيلىشىپ كىتىپتۇ.
بالا باققۇچى: خاتىرجەم بۇلۇڭ خانىم، مەن ئۇنىڭغا ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دۇرىسى ئىچكۈزىۋەتتىم.
بىر كۈنى كەچ سېغىنىش مەكتەپتىن كىلىپ كىتاپ ئۇقۇپ ئولتۇرغاندا قوشنا ئۆيدىكى موماي ئىشىكنى چەكتى: _ بالام ماڭا ياردەملىشىپ سۇ ئەكىلىشىپ بەرگىنە
_ۋاقتىم يەتمەيدۇ موما _ دېدى سېغىنىش.
_نىمىشقىلۋاتىسەن بالام، _دېدى موماي.
_ «لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» دېگەن كىتاپنى ئوقۇۋاتىمەن.
ئارمان ئايالى بىلەن ئاجىراشماقچى بۇلۇپ ئادۋوكاتتىن مەسلىھەت سورىدى._ نىمىشقا ئاجىراشماقچى بۇلىۋاتىسىز؟ دېدى ئادۋوكات.
_ ئايالىم ھەر كۈنى يېرىم كىچىدە دېسكۇخانىغا قاتىرايدىغان بۇلىۋالدى، پەقەت چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى_ دېدى ئارمان.
_ئۇنداق بولسا بولماپتۇ، ئايالىڭىز نىمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ _دېدى ئادۋوكات.
_ مىنى قايتۇرۇپ كەلگىلىچۇ_ دېدى ئارمان
كەمپۈت ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم بۇلىدىغان، ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۈيىگە بارسام ئۇنىڭ ئۆي تازىلاپ كىيىم يۇيىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. «ئۇنىڭ ئايالى بولغان بولسا، كىيىملىرىنى يۇيۇپ بىرەتتى» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. كىيىن ئۇ توي قىلدى، كىيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسام ئۇ ئايالىنىڭ كىيىملىرىنىمۇ قۇشۇپ يۇيىۋېتىپتۇ
خۇمارىمنىڭ نېرۋىسى سەل ئاجىزلاپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بېرىپتۇ.
دوختۇر: _ ئەگەر مەن بىر قۇلىقىڭنى كىسىۋەتسەم قانداق قىلىسەن؟
خۇمارىم: گاس بوپ قالىمەن.
دوختۇر: _ ئەگەر ئىككى قۇلىقىڭنى كىسىۋەتسەمچۇ؟
خۇمارىم: قارغۇ بۇلۇپ قالىمەن.
دوختۇر: _ نىمىشقا؟
خۇمارىم: ئۇ چاغدا مەن كۆزەينىكىمنى نەگە تاقايمەن
مەنبە: ئاڭلىغانلىرىم، بەزىلىرىنى خەنزۇچە يۇمۇردىن تەرجىمە قىلدىم
دوسلار بۇ پەقەت چاقچاق. تىرىكىشكە رۇخسەت يوق