گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 155|ئىنكاس: 0

پەرىشتە سۈپەت ئۇستازلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
10
تېما
7
قىزغىنلىق
61
تىللا
124
تۆھپە
31
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 23:07:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ يىتەكچىسى ،سەبىلەر قەلبىنىڭ پەرۋىشكارلىرى ،زۇلىمەت قاراڭغۇلۇقىنى يۇقاتقۇچى پەرىشتە سۈپەت ئۇستازلار   بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
‹‹27- قېتىملىق مەمىلكەتلىك ئوقۇتقۇچىلار  بايرىمىغا ››
ئەسسىلامۇئەلەيكوم ئوتلۇق قەلبىگە ئەژداتلىرىمىزنىڭ زور ئارزۇ –ئۈمۈتلىرنى پۈكۈپ بارلىغىنى كىيىنكى ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشكە بېغىشلىغان ، زۇلىمەت قاراڭغۇلىقىدا تەمتىرەپ يۇرگەن دىللارغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىپ ،قەلىپ سەيناسىنىدىكى مۇدىھىش مەھكۇملۇق بىلەن كاساپەت زۇلىمىتنىى يۇقۇتۇپ كىلۋاتقان مىھرى ئىللىق،قەلبى ئىللىق   ھۆرمەتلىك  ئۇستازلار  ياخشىمۇ سىلەر؟مانا بۇگۇن  سېخى تەبىئەتنىڭ خاسىيەتلىك  ئالتۇن كۈزىنىڭ 2011-يىلىدىكى27- قېتىمىلق ئوقۇتقۇچىلار يىتىپ كەلدى.مەرىپەت بوستانىنىڭ پەرۋانىسى،ئىلىم –ھىكمەتكە تەشنا قەلىپلەرنىڭ  پەرۋىشكارى پەرىشتە سۈپەت ئانىلار ۋە ئاتىلار بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبىرىكەيمەن ھەم سىلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ! بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، سىلەرنىڭ بىلگىنىنى ئەلدىن ئايىماي يۇرەك قېنى ۋە بارلىغىنى كەلگۇسى ئەۋلات ئۈچۈن  ئاتىغان ئەزىزلەرنىڭ  جاپالىق ئەجىر- مىھننى،ئىنسان بالىسىنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى زۇلمەت كاراڭغۇسىنى يوقۇتۇپ ، ئادىمىلىك تۇيغۇسى، ھەق –ناھەق قارىشىنى بىلدۈرگەن ،دۇنيادا قانداق ياشاشنى ئۈگەتكەن ئىسىل پەزىلىتىڭلارنى پۇتكۇل ئىنسانىيەت ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ. سىلەر ئۈگەنگىنىنى باشقىلارغا ئۈگىتىشكە ،شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت ئالىمىنىى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا يىتەكلەشكە بىر ئومۇر ئىنتىلگەن ، نۇر ۋە ھارارەت ئوتلۇق قەلب قاچىسىغا لىق تولغان پەزىلەت سۇلتانلىرى ھەم  ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان. شۇڭا دەيمەن ئۇستلىرىم ۋۇجۇدۇڭلار، تىنىڭلار مەڭگۇ سالامەت بولۇپ ھارمىغاي ،قوللىرىڭلار چاققان،كوزلىرىڭلار روشەن بۇلۇپ تېلىپ قالماي، ھاياتلىق بوستانىدا يايرىغاي ، باسقان قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۈنگەي، پەزىلىتىڭلار ساغلام بۇلۇپ ،ئەۋلاتقا نۇر بەرگەي. چۈنكى سىلەر مىللەتنىڭ ،خەلقنىڭ روھى يىتەكچىسى ، يېڭىلىققا يىتەكلىگۇچى ،يېڭىلىقنى بىلدۈرگۇچى جارچىسى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار ئېسىڭلاردىمۇ؟ 1985-يىلى مەركىزى كومىىتىت ، گوۋۇيۈەن خەلق ئۇقۇتقۇچىلىرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى، شان -شۆھىرىتىنى ھەقىقى نامايەندە قىلش ئۈچۈن ،ھەريىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىنى ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بىكىتىپ، ھەرساھە ھەركەسىپ ئاممىسنىڭ بۇ قۇتلۇق كۈننى داغدۇغا تەبىرىكلىشىنى تەشابۇس قىلدى. شۇندىن بىرى ھەر يىلى بۇ قۇتلۇق كۇن ھەر جايدا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن  خاتىرلىنىپ كېلۋا تقىنىغا توپ توغىرا 27 يىللىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى ھەم ئالتۇن كۈزنىڭ يىگىتلىك سەلتەنىتىدىكى جۇلالىق 27- يىلى بىلەن جەۋلان قىلىپ يىتىپ كىلىپ سىلەرنىڭ مىھىر شەپقەت بىلەن نۇرلانغان يۈزۈڭلەردە  تەبەسسۇم جېلۋىسى ئاپىرىدە قىلىپ پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ   ئالىي ھۆرمەت ،شان شەرەپىنى ئاتا قىلدى.
سىلەر تۇنجى قېتىم مەرىپەت مەشىئىلىنى قولىڭلارغا ئېلىپ قاراڭغۇلۇق  چۆلىدە تەمتىرەپ  تۇرغان ئىنسانىيەت ئالىمىنى  مەرىپەت نۇرى ،ھەققانىيەت مەشئىلى بىلەن يىتەكلەپ بۇگۇنكىدەك يۇكسەك مەدەنىيەت بىلەن نۇرلانغان ئىناقلىق ،ئىتتىپاقلىق كۈيى ھەممە تەرەپلەردە ياڭراۋاتقان يېڭىچە بىر جەمىيەتكە ئېلىپ كىرىپ ،ئىناق ئىجىل،قەلىپداش  ۋە تەقدىرداش بۇلۇپ مۇرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشىغا سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ باشلامچى بولدۇڭلار، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈگىنىگىچە بولغان تەرەققىيات نەتىجىسى سىلەرنىڭ سانسىزلىغان ئەجىر مىھنىتىڭلار نىڭ ،قۇربانلىغىڭلارنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە تارىخ بېتىدە ساقلانماقتا.مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ سىلەر ئەجىر مىھنىتىنى ئونتۇشقا بولمايدىغان خىزىر سۈپەت ئادەملەر.تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى جاھالەت قاپلىغان زاماندىكى  يېڭىچە مائارىپنىڭ ئاساسچىلىرى ئاكا –ئۇكا  مۇسابايىپ، تەۋپىق ئەپەندىلاردىن تارتىپ بۈگۈنكى زامانىۋى مائارىپ ھاسىلاتلىرىغىچە بولغان جەرياندىكى  مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگىچە پۈتۈنلەر سىلەرنىڭ  ئەجىر-مىھىنىتىڭلار سىڭگەن.
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ، مائارىپ -ئۇراق مۇددەتلىك مۇكەممەل تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ھۇل تېشى ھەم لاياقەتلىق ئىز باسار يىتىشتۈرۈشنىڭ پىچى. بۇ پېچنى ھەركەتلەندۈرۈشتە تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر  سىلەردىن باشقا ھىچقانداق بىر ئىنسان بۇ يۇكسەك  مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئەمەس . جەمىيىتىمىزدە ئاۋام ئۈچۈن  قان تەرىنى ،بارلىغىنى سەرىپ قىلىپ ،بەخىت سائادەت ئىشىگىنى ئېچىش، خەلققە ئاسايىشلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرشىپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن كەسىپ ئەھلىلىرى بولسىمۇ ئەمما ،ئەشۇ كەسىپلەر ئىچىدە  يەنىلا سىلەر ئۈگەنگىنىنى ئەلدىن ئايىمىماي ئۈگىتىشنى ئۈزەڭلارغا ئادەت قىلغان شام كەبىي خىسلەتكە ئىگە ئاجايىپ ئېسىل پەزىلەتلىك ئىنسان، تۈرلۈك كەسىپ ئىگىلىرىنى روياپقا چىقىردىغان، كەسىپلەرگە ئاساس سالىدىغان ئەڭ ئالى كەسىپ ئىگىسى.شۇڭا سىلەر جاپالىق ئەجىر- مىھنىتىڭلار بىلەن سەبىلەر قەلىبىگە مەرىپەت ئۇرىغىنى چاچقۇچى، قاراڭغۇ تۈنلەرنى يۇرۇتقۇچى  ساخاۋەتلىك ئۇستازلار ،سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ئۈن تىنسىز ھايات مۇساپاڭلار ئارقىلىق ئەۋلادلار قەلبىگە ھاياتلىق مەشئىلنى يېقىپ كىشلىك ھاياتنى مەنىۋىيلىككە ئىگە قىلدىڭلار. بۈگۈنكى مەدەنىيلىككە قاراپ يۈزلەنگەن جەمئىيەت سىلەر ئارقىلىق ئۆز ئىستىقبالىنى تاپماقتا ، شۇڭا سىلەرنىڭ ئەجىر مىھنىتىڭلارنى ھۆرمەتلەشكە، تىللاردا داستان قىلىپ مەدىىيلەشكە ئەرزىيدىغان ناھايىتى ئۇلۇغ ،شەرەپلىك ئەمما  تۇلىمۇ جاپالىق خىزمەت .  ھەممىگە مەلۇم جاھاننى زىل –زىلگە سالغان جاھان ئەركىلىرى،مەشھۇر شەخىسلەر،داھى -ئالىملار ،يازغۇچى- شائىرلار نىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭلا ئەمگىگىڭلارنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ، سىلەردىن باشقا يەنە كىملەر بۇلارنى شۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغان ،جاھانغا تۇنۇلغان قىلالىغان؟ پەقەت ۋە پەقەت سىلەرلا .
ھۆرمەتلىك ئۇستازلار! سىلەر ئۆز خىزمەت ئورنىڭلاردا بور توزاڭلىرى ئىچىدە قىلچىمۇ ۋايسىماي پۈتۈن نىيەت مەقسىتىڭلار بىلەن سەبىي قەلىبلەرنى ئىلىم -مەرىپەت بىلەن تەربىيلەپ ئۇلارنىڭ پاك قەلبىگە كىشلىك تۇرمۇشنىڭ قەدىر- قىممىتىنى،ئەخلاق پەزىلىتىنى،مىھىر –مۇھابىتىنى ،غەزەپ نەپىرىتىنى ،ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسىنى تۇرغۇزۇشقا يىتەكلەپ ئۇلارنى قانداق ئادەم بۇلۇشقا،كىشىلىك ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا يىتەكلەپ ئۆز مەسئۇلىيتىڭلارنى ياخشى ئادا قىلىپ كىلىۋاتسىلەر،سىلەر يۈكسەك مەسئولىيەت  ،كۈچلۈك بۇرۇچ تۇيغۇڭلار بىلەن باشقىلار قىلالمىغان ھەتتا قىلىشقا جۈرئەت قىلمىغان ئەڭ بۈيۈك ھەم مۈشكۈل بولغان ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئاجايىپ  ۋەزىپىنى ئۈستىڭلارغا ئالدىڭلار . سىلەر ئۇقۇتقۇچلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى ئۆز ئىقتىدارىڭلار ،ئىللىق مىھىر -مۇھابىتىڭلار بىلەن نۇرلاندۇرۇپ ، جان كۆيدۈرۈپ ، پارتىيە ھۆكۈمەتنى،خەلقنى ھەر جەھەتتىن رازى قىلىپ كىلىۋاتسىلەر ، رولىڭلارنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ، تۈرلۈك خىزمەت مەسئۇلىيتىڭلارنى بېرىلىپ ئىشلەپ  ئادا قىلۋاتىسىلەر ،  بىز ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت مەنزىلىمىزگە نەزەر سالساق  سىلەر ئارقىلىق قولغا كەلگەن تىلغا ئېىلشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بار....
ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ‹‹9يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ››نەتىجىلىرنى مۇستەھكەملەش ،‹‹ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش، مۇستەھكەملەش››  ئەمەلىي قوللىنىلدىغان پەن تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىدە ھاردىم تالدىم دىمەي ، جاپالىق ئىشلەپ تۈرلۈك پىلان كۆرسەتكۈچلەرنى يەنىلا تەلەپ- ئۆلچىمىگە تۇلۇق يەتكۈزۈپ ۋە ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى ئارخىپلاشتۇرۇپ زور تۆھپىلەرنى قوشتىڭلار. سىلەر دەرس مۇنبىرىدىن ئىبارەت سوتىيالىزىمنىڭ مۇستەھكەم ئىستىكامىدا تەۋىرەنمەي چىڭ تۇرۇپ مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەر ، تىرورچىلار ۋە قانۇنسىز دىني ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش  قىلىپ ئەۋلادلارنى ئاتىزىملىق ئىدىيە بىلەن تەربىيلەپ ، مائارىپ سېستىمىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىگىگە كاپالەتلىك قىلدىڭلار .سەھىيە تارماقلىرىغا ماسلىشىپ يۇقۇمۇلق كىسەللىك ۋە يەرلىك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ،ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئاساس سالدىڭلار،يەنە ھەر ساھەنىڭ تىنىچ ئامانلىغى ئۈچۈن مەھەللىمۇ –مەھەللە ،ئۆيمۇ –ئۆي ئارلاپ ئەھۋال ئىگەللىدىڭلار، ھەتتا مەسچىتلەرگىچە ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ ، كىچە كۈندۈز دىمەي مەھەللە –مەسچىتلەرنىڭ ئامالنلىغىنى قوغداشقا كۇچ چىقاردىڭلار. زىمەڭلاردىكى يۈكۈڭلار شۇنچىلىك ئېغىر بولسىمۇ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ نۆۋەتتىكى  ۋەزىيەت ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمگە ماسلىشىپ ئۆگنىش ۋە تەربىيلنىشنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتتۇڭلار .  ئەمدىلا كىلىش ئالدىدا تۇرغان يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللك دەم ئېلىشتىكى سىياسىي نەزىرىيە ئۈگىنىش ،ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىنى ھازىرلاش، HSK ئۈلچەمگە يىتىش، ئۇنۋان ئېلىش ،كەسپى ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بۇلۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈش ،دەرس  دەييارلاش ئۈچۈن ئارام ئېلىش كۈنلىرىڭلاردىن ، ئۇيقۇڭلاردىن ۋاز كەچتىڭلار ؟زىھنى قۇۋۋىتىڭلاردىن ئايرىلدىڭلار ... سىلەر يەنە ھەر ساھەگە يېقىندىن ماسلىشىپ خالىس تەشۋىقاتچى، بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىگۈچىسى بۇلۇپ كەلدىڭلار ،سىلەر قىلمىغان يەنە نىمە قالدى ؟مانا مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمىزدا ئوقۇتقۇچى بۇلۇشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل جاپالىق  خىزمەت ئىكەنلىكىنى كۈرۈۋىلىش تەس ئەمەس.ئەمما سىلەر مۇشۇ ئەجىر مىھنىتىڭلار ئۈچۈن ھىچكىمدىن زەرىچە شان –شەرەپ تەمە قىلمىدىڭلار،قولدىن كەتكەن تەتىللىك دەم ئېلىش ۋاختىڭلارنى ئېلىشنىمۇ ئويلىمىدىڭلار، مانا بۇ ھەقىقى خالىس توھپە قوشۇش ،ئۈزىنى بېغىشلاش.
ھۆرمەتلىك ئۇستازلار يۇقارقىدەك نەتىجەڭلارنى قانچە سۆزلىسەكمۇ يەنىلا تۈگمەيدۇ. نەتىجە ۋە شان شەرەپ يەنىلا سىلەرگە مەنسۇپ . سىلەريۇقۇرقىدەك ئاجاىپ ئېسىل پەزىلىتىڭلار، ساخاۋەتلىك روھىتىڭلار ،مىھىر مۇھابەتلىك قەلبىڭلار بىلەن يەنىمۇ تىىشچانلىق كورسىتىپ  بۇندىن كىيىنكى خىزمەت ئەمەلىيىتىڭلاردا يۇقۇرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ ، تىرشىپ كەسپىي ساپايىڭلارنى يېڭىلاپ ،دەۋىر ئېقىمىغا ئەمەلىي نەتىجەڭلار بىلەن ماسلىشىپ ،ئۆز-ئارا ئۈگىنىپ ۋە يىتەكلەپ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇرچۇڭلارنى مەسئولىيەتچانلىق بىلەن ئادا  قىلغايسىلەر .شان شەرەپ يەنىلا  سىلەرگە مەنسۇپ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى  ئۇستازلار بايرىمڭىلار خوشال خۇرام شادلىق ئىىچىدە ئۆتكەي. تىنىڭلار سالامەت ، ئۆمىرىڭلار ئۇزۇن بولغاي . ئاق كوڭۇل قەلبىڭلارغا  دەت كەلمىگەي.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-14 23:28 , Processed in 0.097675 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش