
9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەن سائەت 6:30دا ،بىر مەيدان غەلىتە ئوت ئاپىتى ئۈرۈمچى شەھىرى ساڭفاڭغۇ يولى گۇاڭشىڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى سودا دۇكىنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ ماشىنىنى دوزاخقا ئۇزىتىپ قويدى . بەختكە يارىشا ئادەم يارىلانمىدى . شۇ كۈنى سائەت 11:00دە مۇخبىر نەق مەيدانغا بارغاندا ، ئوت كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ئۈچ ماشىنا نەق مەيداندىن ئىلىپ چىقىپ كېتىلگەن بولۇپ ، يەر يۈزىدە ئوت ئاپىتىنىڭ كۆيۈك ئىزلىرى ۋە ئوت كۆيدۈرۈپ تاشلىغان سۇلياۋ ئورۇندۇقلار تىزىپ قويۇلغان ئىدى .
بىزنىڭ دۇكىنىمىزنىڭ ۋىۋىسكىسىمۇ كۆيۈپ كەتتى . بىز بىر قانچە كۈن ئارام ئىلىپ، بۈگۈن قايتىدىن تىجارەت باشلىماقچى بولغان ئىدۇق، نەتىجىدە بوز ئىشقا يولۇقتۇق . نەق مەيداندىن 2 - 3 مىتىرلا يىراقلىقتىكى شىنتىيەن يۈ پۇت ئۇۋىلاپ داۋالاش ئورنىنىڭ مەسئۇلى جاڭ ئەپەندى سائەت 6:30مىنۇت ئەتراپىدا ، ئۇ ئىككىنچى قەۋەتتە ئۇخلاۋاتقان بولۇپ ، يول بويىدىكى ئىشىكنى چاققان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى . ئۇ ئىشىكنى ئىچىپ ، دۇكان ئالدىدىكى بىر پىكاپنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئىلىپ بىر تەرەپتىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان ، ئەمما شامال چىقىپ ، ئوت ئۆچۈرگۈچتە ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولماي ئوت تېخىمۇ يامراپ كەتكەن ، ھەم غەربى تەرەپتىكى ئىككى بولكىۋايغىمۇ تۇتاشقان . جاڭ ئەپەندىم ئەپسۇسلانغان ھالدا ، ئوت بەك كۈچلۈك بولغاچقا ، ئۆزىنىڭ دۇكىنىڭ ۋىۋىسكىسىنىمۇ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى دېدى . جاڭ ئەپەندىم مۇخبىرغا ، ئوت بەك كۈچلۈك بولغاچقا يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئەتراپتىكى كاۋاپخانىنىڭ سۇلياۋ ئورۇندۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى . ئەگەر ئوتنى كاۋاپدان كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قاراشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ، چۈنكى ئەتىگەن سائەت 1:00لەر ئەتراپىدا ، كاۋاپخانا تىجارەتنى توختىتىدۇ ، ئەمما ئوت ئاپىتى ئەتىگەن سائەت 6:00لەردە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى .
ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئادەم بولسا يېقىن جايدىكى بىر مانتىخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپ ، ئۇ مۇخبىرغا ، ئەتىگەن سائەت 6:00لەر ئەتراپىدا دۇكاندا ئىشلەۋاتقان ئىدۇق ، دەسلەپتە پۇت ئۇۋلاپ داۋالاش ئورنىنىڭ ئالدىدىكى ئوتنى كۆردۇق ، بىز دەسلەپتە ئۇنى كاۋاپداندىكى ياكى ئەخلەت كۆيدۈرگەندىكى ئوت بولۇشى مومكىن دەپ ئىرەن قىلماپتىمىز ، ئەمما 6:30مىنۇت ئۆتكەندە مانتا سېتىۋالغىلى كەلگەن بىر خېرىدار ئاۋۇ يەردە ماشىنىغا ئوت كېتىپتۇ دېدى ، شۇندىلا بىز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدۇق دېدى .
جاڭ ئەپەندىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئالدىغا بەزى ماشىنىلار توختىتىلىدىكەن ، ئەمما ماشىنا ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى ھېچكىم ئۇقمايدىكەن .
مۇخبىر نەق مەيدانغا ساقچى ئەۋەتكەن ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش خوتەن كوچىسى ئوتتۇرا ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، شۇ كۈنى 6:30مىنۇت ئۆتكەندە ، بۇ ئوتتۇرا ئەترەت خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ ، تەخمىنەن 10مىنۇت ئەتراپىدا ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغان . نۆۋەتتە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق ساقچى تەرەپ ئۈچ ماشىنىنىڭ كۆيۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە . ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق ساقچى تەرەپ ئۈچ ماشىنىنىڭ كۆيۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە .