9-ئاينىڭ2-كۈنى ساۋ ئەپەندى لېتىڭ ناھىيىسىدىكى بىر دۇكاندىن ئىككى دانە ۋاڭجوۋاڭ شۇاڭخۇي ماركىلىق سۈرلىگەن ئۈچەي سېىتىۋالغان . يېيىش جەريانىدا ساۋ ئەپەندى ئارىسىدىكى بىر دانە سۈرلىگەن ئۈچەي ئىچىدە باشقىچە نەرسە بارلىقىنى بايقىغان . ساۋ ئەپەندى تاس قالدىم يەۋەتكىلى دېگەن ، تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۈچەي ئىچىدىكى نەرسىنىڭ دەل شۇ ۋاڭجوڭۋاڭ ماركىدىكى سۈرلىگەن ئۈچەي يېمەكلىكىنىڭ خالتىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان .ۋەقەدىن كېيىن ساۋ ئەپەندى يېمەكلىكنىڭ قېپى ئۈستىدىكى ۋاڭجوڭۋاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىق قىززىق لىنىيىلىك تېلفون نومۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋەقەنى بايان قىلغان ، خەۋەر تاپقان قارشى تەرەپ ئىزچىل تۈردە يەرلىك ئورۇندىكى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭلار دەپ مەسىلىنى ئارقىغا تارتقان . يەرلىك سودىگەرلەرمۇ ساۋ ئەپەندىم بىلەن كېچىكىپ ئالاقىلاشقان ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ساۋ ئەپەندىم ئىنتايىن نارازىلىقىنى بىلدۈردى .
ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن تىجارەتچى تەرەپ ۋاڭ ئەپەندىمگە بىر يەشىك سۈرلىگەن ئۈچەي ياكى 50يۈەن پۇل تۆلەم بېرىشنى ئېيتقان .
ۋاڭجوڭۋاڭ نىمىلا بولمىسۇن دكلەت ئىچىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىلارنىڭ بىرى بولغاچقا ، مەسىلىگە نىسبەتەن بۇخىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولۇپ ، ئەجەبا ئىستىمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى بىر يەشىك ئۈچەي ياكى 50يۈەنگىلا تەڭ بولامدۇ ؟ ساۋ ئەپەندى نارازى بولغان . مۇخبىرغا دېيىشىچە تىجارەتچى ئورۇن ئۇنىڭدىن كېيىن ساۋ ئەپەندى بىلان قايتا ئالاقىلاشمىغان .
9-ئاينىڭ 3-كۈنى ساۋ ئەپەندى يەنە تېلفون قىلىپ ئۇلارنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ يېمەكلىكنى كۆرۈپ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان . بىراق يەنىلا ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان . 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ساۋ ئەپەندى يەنە تېلاون قىلغاندا قارشى تەرەپ 200يۈەن تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى ، ئەگەردە يېمەكلىكنى يەپ مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا دوختۇرخانىغا ئۆزى بېرىپ كۆرۈنۈپ كەلسە تالوننى ئاتچوت قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئەمما ساۋ ئەپەندى بەكمۇ غەزەبلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا : بۇنچىلىك ئىش چىقسا ئىگە بولمىسا ، ھازىر ئويلىساممۇ يېمەكلىكتىن چىققان نەرسىگە كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ ، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئەجەبا باشقا تازىلىق مەسىلىلىرى يوقمۇ ؟ يېمەكلىكتىن چىققان يېرىم قاپ زادى نەدىن كەلگەندۇ .
مۇخبىر9-ئاينىڭ5-كۈنى شىركەتنىڭ قىزىق لىنىيىسى بىلەن ئالاقىلەشكەندە شۇاڭخۇي لېتىڭ تىجارەت بۆلۈمىنىڭ خادىمى جاۋ ئەپەندى مۇخبىرغا بۇ ئەھۋالغا ئۆزىنىڭمۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ، يۇقىرىدىكى مەسئۇللار بىلەن كېلىشىۋاتقانلىقىنى ،ئامالنىڭ بارىچە تېز سۈرەت بىلەن ئاۋۋال ئىگىلەپ ئىستېمالچى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ساۋ ئەپەندىم مۇخبىر بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ساقلايدىغانلىقىنى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى .