گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئازراق جاپا چىكىشنى خالامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
9
تېما
2
قىزغىنلىق
39
تىللا
97
تۆھپە
14
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 00:52:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇندىن بويان بىر ئىشنى ئويلىسام كۆڭلۈم تولىمۇ غەش بولىدۇ، بەلكىم نۇرغۇن دوستلارمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن. بىز دائىم" XXئۇيغۇر ئاشخانىسى" دىگەنلەرنى ئۇچىرتىپ تۇرمىز، ئەمما ئۇ ئاشخانىلارغا كىرىپ تاماق تىزىملىكىگە قارايدىغان بولساق  نۇرغۇن تاماقلىرىمىزنىڭ ئىسمى ئاساسەن خەنزۇچە......بەلكىم نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنىپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن. بوپتۇ، بىز ئۇلاردىن قۇبۇل قىلغان نەرسىلەر بولسا ئەسلى ئىسمى بويىچە (خەنزۇچە) ئاتاشقا كۆنۈپ كەتتۇق، كۈندە ئۈچ ۋاخ يەيدىغان ئەشۇ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆز تىلىمىز بويىچە ئاتىيالمىساق......... بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر خىجىل بۇلۇشقا تىگىشلىك ئىش ئەمەسمۇ؟كىيىن ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇردىغىنىمىز نىمە بولار؟ تاماقلىرىمىز ئۇيغۇرچە، ئىسمى خەنزۇچە........  
قايسى كۈنى مەھەللىمىزدىكى بىر قانچەيلەننىڭ دىيشكەن گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.......   
-ئاخشام قوي گۆشىدە داپەنجى قىلغان ئىدۇق، بەك ئوخشاپتىكەن، لىكىن سەل ئاز بۇلۇپ قاپتۇ، ئالدىغا بار كەينىگە يوق.......
-ماڭە ۋە ئاداش، قوي گۆشىدە قىلغاننى داپەنجى دىمەيدۇ. 
-ئەمسە نىمە دەيدۇ ئۇنى.....
-.....
قايسى بىر كۈنى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسنىڭ 2- قانىلىدىكى بىر پىراگىراممىدا بىر رىياسەتچى"گۇيرۇ لەغمەن" دىگەننى ئەينەن تەلەپپۇز قىلدى، بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بۇلۇپ كەتتى.   
سۆزلەپ كەلسەك بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ. ئەسلى مەقسەتكە كەلسەم مەن ئىككى يىل ئاۋاك يۇرتۇمدا بىر كىچىك ئاشخانا ئاشقان ئىدىم، تاماق تىزىملىكىن ئۆز خاھىشىم بويىچە ئۇيغۇرچە قلىپ تۇزىۋالغان ئىدىم، بۇنى كۆرگەن مەھەللىمىزدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار، ئوقۇتقۇچىلار مىنىڭ بۇ ئىشىمنى قوللىدى ۋە نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەرنى بەردى،لىكىن يەنىلا كۆپ ساندىكى دېھقانلىرىمىز دەماللىقا قۇبۇل قىلىپ بولالماي، ئاخىرى يەنىلا بىر قىسىم تاماقلارنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە ئاتاۋەردۇق. لىكىن شۇنىڭدىن بۇيان ئۆزۈمنىڭ يېڭىلىدىغانلىقىمغا ھەرگىز ئىشەنگۈم كەلمىدى. قېىنى دوستلا، ھەممىمىز بىرلىكتە گۈچەپ باقايلى، ئاز تولا نەتىجىسىنى كۆرۈپ قالساق ئەجەپ ئەمەس! مەن ئاۋال ئەشۇ تاماق تىزىملىكىدىكى ئىسىملارنى يېزىپ چىقسام، بولغىدەك يىرى بولسا قۇبۇل قىلساق، بولمىغانلىرىنى بىرلىكتە تۈزەتسەك دىگەن ئۈمۈدتە مەن.
«سومەن» دىگەنگە باشقىچە ئاتالغۇ تاپالمىدىم، شۇڭا خەت مەنىسىدە "قورۇما چۆپ " دەپ ئاتىۋالدىم.
دىڭ دىڭ سومەن---------- مارجان چۆپ قورۇمىسى.( قىسقارتىپ "مارجان چۆپ" دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ.)

ئەمدى بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى دىيىشكە ئاسان ، تەھلىل قىلىپ كۆرۈپ باقايلى، دىڭ دىڭ سومەن--- بۇغۇم سانى تۆت بۇغۇم، مارجان چۆپ----ئۈچ بۇغۇم، ئەلۋەتتە، بۇ بىر يېڭى ئۇقۇم بولغاچقا قۇلىقىمىزغا بىزە غەيرى ئاڭلىغىدۇ، لىكىن مارجان چۆپ--ھەم يىنىك، ھەم يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.   
مەنپەر سومەن------تەڭگە چۆپ قۇرۇمىسى( قىسقارتىپ"تەڭگە چۆپ " دەپ ئاتىساق بولىدۇ.)   
گەنبىيەن سومەن-------ئاچچىق چۆپ قورۇمىسى(قىسقارتىپ"ئاچچىق چۆپ" دەپ ئاتىساق بولىدۇ)
ئېرجىزى سومەن(توقسۇن سومىنى)--------- قورۇما لەغمەن.   
مىفەن---------گۈرۈچئاش( ئەمەلىيەتتە بۇمۇ پولونىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق ئاتاش ئەك مۇۋاپىق دەپ قارايمەن)   
جىيامىيەن-------ئاقئاش(پولو يەپمۇ "جىيامىيەن"دىگەنلەرنى كۆرسەم يۇرقىرى ئاۋازدىلا كۈلۈپ تاشلايمەندە) a  
بۇلارنى ئۆزۈمچە شۇنداق ئاتىۋالغان ئىدىم، ئەگەر تېخىمۇ ياخشى ، تېخىمۇ يېقىملىق ھەم ماس كەلگۈدەك ئىسىملار بولسا يەنە ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ.   
يەنە بىر قىسىم تاماقلىرىمىزنىڭ بەزى ماتىرياللاردا شۇنداق چىرايلىق ئىسمى بار ئىكەن.   
گۇيرۇبەيمىيەن(لەغمەن)-------- ھەشەم لەغمەن(كاتتا لەغمەن)   
سۈيرۇبەيمىيەن( لەغمەن)---------غۇنچە بوي لەغمەن  
لازىرۇ بەيمىيەن(لەغمەن)--------كۆكمۇچ لەغمەن   
داپەنجى--------توخۇ (گۈشى)قوردىقى   
داپەنياڭرۇ----------قورداق   
دازاخۇي-----------داشقايناق
...........
يېزىپ كەلسەك خېلى كۆپ ئىدى، ھازىرچە ئىسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك ، قالغانلىرىنى بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويساق.   
يەنە بىر قىسىم تاماقلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلشىنى بىلسەكمۇ لىكىن ئۇيغۇرچە ئاتاشتىن سەل خىجىل بولىمىزمۇ قانداق بىلمىدىم.مەسلەن:
ئاق پولو---------سۇ پولو  
خۇاڭمىيەن كاۋرۇ-----------سېرىقئاش ،كاۋاپ   
خۇيمىيەن-----------سۇيۇقئاش  
دىگەندەك، ئويلىشىپ باقايلى دوسلا، ھەممىمىزنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە، بىر - بىرىمىزنىڭ ئىسمىنى چاقىرساق شۇنچە يېقىملىق، شۇنچە گۈزەل ئاڭلىنىدۇ، ئەمما بىز ئۈچ ۋاخ يەيدىغان تاماقلىرىمىزغا نىمىشقا خەنزۇچە ئىسىم قۇيۇپ ئىستىمال قىلىمىز؟ ئەجىبا ئەشۇ تاماقلار بىزنىڭ ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەسمۇ؟ شۇنداق بولغان ئىكەن نىمىشقا ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن ئاتىمايمىز؟ ئەشۇ تاماقلىرىمىزنىمۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن ئاتىساق خۇددى ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىدەك يېقىملىق ، چىرايلىق ئاڭلانماسمۇ؟ ئارىمىزدا بىرەرسىمىزگە بىر خەنزۇ يولداش كىلىپ خەنزۇچە ئىسىم قۇيۇپ قويسا رازى بولارمىزمۇ؟ نىمە دەپ تاماقلىرىمىز ئۇلار قۇيۇپ قويغان ئىسىم بىلەن تۇرىۋىرىدۇ؟ ئەجىبا بىز شۇنچە ھورۇن بۇلۇپ كەتتۇقمۇ؟ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئاغزىمىزدىن بىر قانچە تاۋۇش ئارتۇق چىقىپ كەتكەنگە چارچاپ ئۈلۈپ قالارمىزمۇ؟ مەن ئويلايمەن،ئارىمىزدا ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى باشقا تىلدا ئەمەس بەلكى ئانا تىلىدا دەۋىلىپ ئۆلۈشنى خالايدىغانلار يەنلىلا كۆپ دەپ ئويلايمەن.  
قېنى دوسلا، تىرىشىپ باقايلى، مۇشۇ تېمام مۇنبەردىكى  ئەزالار ئىچىدە بىر ئەزاغا تەسىر قىلسا، ئۇ  ئەزا سىرىتتا يەنە بىر  ئادەمگە تەسىر قىلسا، ئۇ بىر  ئادەم يەنە بر ئادەمگە تەسىر قىلسا مەن يېڭىلمىگەن بولاتتىم، ئاخىرىدا بىز يېڭىلمىگەن بولاتتۇق. قېنى ئەمسە ئەمەلى ئىش قلىدىغانغا پۇرسەت كەلدى دوسلا! مەن بۇ دىگەنلىرىمنىڭ پەقەت مۇنبەردىلا قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن، كومپىيۇتېر ئالدىدا ھاياجانلىنىپ قۇيۇپ، قوپۇپ كەتكەندىن كىيىن ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتمەيلى، سىلەرگە ئىلتىماسىم شۇنداقلا ئەڭ سەمىمى ئۈتۈنۈشۈم. ماڭا ياردەم قىلىڭلار، ئانا تىلىمىزغا ياردەم قىلىڭلا! ئەۋلادلىرىمىزغا ياردەم قىلىڭلار!

مەنبە: ئۆز قەلىمىم.


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
541
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
798 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 01:03:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر كۆپنىچە ئاتلغۇلارنى ئۇيغۇرچە دىسە باشقىلار دەماللىققا چۈشەنمەيدىكەن،ئۇششاق بالىلارمۇ شۇ....
ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى بىر-بىرلەپ ئۇنتۇپ كەتسەك كىيىنچە يۇقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ شۇ


Rank: 3Rank: 3

تېما
34
قىزغىنلىق
597
تىللا
728
تۆھپە
374
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 01:18:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل ئېلىش ماشىنسىدىن پۇل ئالغاندا ئۇيغۇرچە شەكىلنى ئىشلىتىپ ئېلىشقا كۈنۈڭلار دوستلار كىچىك ئىشتىن باشلايلى.


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز

Rank: 3Rank: 3

تېما
13
قىزغىنلىق
325
تىللا
1350
تۆھپە
185
توردا
106 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 08:43:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۈرۈپ  بىر ئىش يادىمغا كېلۋاتىدۇ ئۆتكەن يىلى ئىمتىھان بىرىش ئۈچۈن بىر دوستۇم بىلەن قەشقەرگە باردىم  7-ئاي مەزگىلى بولغاچقا ھاھا بەك ئىسسىق ئۇيان مېڭىپ بۇيان مېڭىپ تاماق يەيلى دەپ بىر ئاشخانىغا كىردۇق.ئاشخاننا گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئادەم قەۋەتلا كۆپ ئىدى . نىمە يىيىشنى بىلەلمەي ئىسسىق بولغاچقا كۆڭۈلگە ياققۇدەك تاماق يەيلى دەپ تاماق تىزىملىكىگە قاردۇق دىمىسىمۇ بەزى ئاشخانىلاردا تاماقنىڭ تۈرلىرىنى  خەنزۇچە يېزىپ قۇياتتى لىكىن مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغاچقىمىكىن قورۇما چۆپ دەپ بىر تاماق باركەن   شۇنى يەيلى دىسەم  دوستۇممۇ ماقۇل دىد ،بىز مۇ شۇ تاماقنى بۇيرۇتساق مۇلازىم قىز  سومەندىن ئىككىنى  دىمەسمۇ بىز بىر بىرمىز گە قارشىپلا قالدۇق .
باشقا تاماق يەيلى بولدى دەپ يەنە تىزىملىككە قاردۇق .تىزىملىكتە لىغىرداق دەپ بار ئىكەنتۇق  مۇلازىمغا شۇ تاماقنى دىسەك  لەڭپۇدىن ئىككىنى دىمەسمۇ (باشقا جوزىدا ئولتۇرغانلار  شۇنداق قارشىپ كەتتى)بىز خىجىل بولماي ..........(نىمىشقا خىىجل بۇلاتتۇق  بۇرۇن بىز بىلمىسەك يا كەمپۈتجان تاتلىق بۇرۇن يوللىمىسا بۇ تېمىنى )ئۈزىمىزنى ئاران تۇتۋالدۇق  بولدىلا لەغمەن يەيلىدەپ  ئاخىرى لەغمەن يەپ يېنىپ چىقتۇق  شۇنىڭغا قاراپ تاماقنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتلىشىنى بىلمىسىمۇ بولمايدىكەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karakax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-7 08:44  



سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش

Rank: 2

تېما
9
قىزغىنلىق
97
تىللا
380
تۆھپە
28
توردا
41 سائەت

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 10:22:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى  پىكىرنى  ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز  .  مىنىڭمۇ  بىر -ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كىلۋاتىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا  ھازىر  راڭپىزاخانىلاردىمۇ  ئايرىماي كىرىپ يەيدىغان ئىشلار  بەك كۆپۈيۈپ كەتتى.  ئىسمى مۇسۇلمانچە  بولسىلا كىرىپ يەيدىغان  ئىسىل سۈپەت   مۇسۇلمانلىرىمىز   بۇنىڭغا  بەكمۇ  خۇمار..  دوستۇم  گالنى  پاكىز  ساقلايلى.   نەپسىمىزگە  بىرىلمەيلى...................


دىل ئازا،خۇدا بىزا

Rank: 1

تېما
1
قىزغىنلىق
38
تىللا
64
تۆھپە
12
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 14:28:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇر چۇقۇم ئۇيغۇرچە ئاساس بۇلىشى كېرەك. تىرىشايلى ......................


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 00:52 , Processed in 0.114503 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش