
«چامادانىڭىزنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟» دەپ سورىدى ئايروخانقىز چامادانىنى قويۇۋاتقان يولۇچىدىن، يولۇچى كۈلۈپ قويۇپ «بومبا» دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ ئىش تۆنۈگۈن سەھەردە، چېڭدۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان CA4151 قېتىملىق ئايروپىلاندا يۈز بەرگەن. بىر نەپەر يولۇچىنىڭ يۈك-تاقىسى ئارىسىدا «بومبا» بولغاچقا، بۇ قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكىپ ئۇچۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇ يولۇچىمۇ مۇناسىپ جازاغا تارتىلدى.BTZئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئايرىدرومدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، تۆنۈگۈن سەھەر سائەت 7:55 تە، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان CA4151 قېتىملىق نۆۋەتتى ئايروپىلان يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىنى تىزىملاۋاتقان چاغدا، بىر يولۇچى چامادانىدا بومبا بار دېگەچكە، ئاۋىئاتسىيە ساقچىلىرى شۇ ھامان بۇ يولۇچىنى ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن ئېلىپ چىقىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن شۇ ھامان نەقمەيدانغا يېتىپ كەلگەن ۋە بۇ ئەرنى ئېلىپ ساقچىخانىغا قايتىپ بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان شۇنداقلا ئەرنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان، ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دەرھال گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ بۇ ئايروپىلانغا نىسبەتەن تازىلاش ئېلىپ بارغان، سائەت 9 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، CA4151 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان 96 مىنۇت كېچىككەندىن كېيىن ئاندىن قوزغالغان.BTZئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، بۇ ئەرنىڭ فامىلىسى ۋېن، مەلۇم كان ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئىكەن، ئاتالمىش «بومبا» دېگىنى ئەمەلىيەتتە بىر دانە كۈمۈش رەڭلىك مېتال چامادان بولۇپ، ئىچىگە بىر قىسىم يەر سۈپىتىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرى قويۇلغان ئىكەن. ئەرنىڭ تاپشۇرىشىچە، چاماداننىڭ ئىچىدە بومبا دېيىشىدىكى سەۋەپ، ئايروخانقىزلارنىڭ سوئالىغا مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ قايتۇرغان بىر جاۋاپ ئىكەن. ئەمما بۇ بىر چاقچاق ئايروپىلاننى ساق بىر سائەت كېچىكىپ ئۇچۇشقا مەجبۇر قىلغان، نەچچە يۈزلىگەن يولۇچى بۇ ئىش سەۋەپلىك نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن، ۋېن X نىڭ قىلمىشى ساختا ھادىسە ئارقىلىق جەمئىيەت تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلىشقا كىرىدۇ. تۇنجى قېتىملىق خاتالىق سادىر قىلىشىنى ھەمدە ئاكتىپ ھالدا تۆۋە قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى سىچۈەن ئايرىدرومى جامائەت خەۋپسزلىك تارماق ئەترىتى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋېن X كە 400 يۈەن جەرىمانە قويغان.BTZئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملىرىدە، ئاۋىئاتسىيە يولۇچى توشۇش ئىشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھاۋا قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تاقىشىدىغان ھەرقانداق ئۇچۇرلارنى، ئايرىدىروم خادىملىرى شۇنداق ئىش بار دەپ قاراپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەنكەن. ئايرىدىروم ساقچىلىرىمۇ ھەرقايسى يولۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىخەتەرلىككە دائىر ھەرقانداق خاتا مەلۇمات بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ سەپىرىگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىشىنى ئېيتقان.
مەنبە www.izbasar.com