گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 13

ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسنىڭ باي ناھيسىنى ئازات قىلشى1-بۈلۈم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
26
تېما
28
قىزغىنلىق
284
تىللا
790
تۆھپە
197
توردا
52 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 18:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسنىڭ باي ناھىيسىگە چۈشۇشتىن بۇرۇنقى ۋە قايتىپ كەتكەندىن
                             كىيىنكى پاجىئەلىك ئەھۋاللار
1-بۈلۈم: ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسنىڭ باينى ئازاد قىلىشى
1944-يىلى 9-ئايدا نىلقا ناھىيسىدە گومنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى پارتىلغان قوراللىق قوزغىلاڭ ناھايىتى تېزلىكتە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ شۇ چاغدىكى يەنەبىر مەركىزى بولغان غۇلجا شەھىرنى ئىشغال قىلىپ ،گومىنداڭ ئەكسىيەتچلىرىنىڭ قارا ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلۋەتتى. شۇنداقلا، ئەتراپىدىكى ناھىيلەرگە يۇرۇش قىلىپ،بارغانلىكى يېرىدە زور غەلبىگە ئېرىشىپ،كەڭ ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنقارشى ئېلشىغا ئېرىشتى. دېمەك، نىلقا ناھىيسىدە پارتىلغان بۇ ئۇچقۇن،قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا زور يانغىنغا ئايلىنىپ ئىلى،ئالتاي،تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى قاپلاپ ،داڭقى پۈتۈن شىنجاڭغا تاراپ كەتتى. جۈملىدىن،بۇ قۇراللىق قوزغىلاڭنىڭ خەۋىرى ئېغىزدىن-ئېغىزغا، قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلىنىپ ھەش-پەش دىگۈچە باي ناھىيسىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغىچە تاراپ كەتتى.
شىمالى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە تەرپىدىن ئازاد قىلنغاندىن كىيىن ،تۆمۈرنى قىزقىدا سۇقۇپ، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش زۆرۈر ئىدى.. بۇنىڭ ئۈچۈن جەنۇبى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدىغان يول ئېچىش ھەممىدىن مۇھىم بولغاچقا، مىللىي ئارمىيە رەھبەرلىرى ئىلى ۋىلايىتى بىلەن بىۋاستە چىگىرلىندىغان، تاغ -دەريالىرى تۇتاش بولغان باي ناھىيسىنى 1-ئۆتكەل قىلىپ تاللىدى-دە، 1944-يىلى12-ئايدا مىللىي ئارمىينىڭ تېكەستە تۇرۇشلۇق قىسمىدىن مىرزا دۆلەت،قۇش دۆلەت ئىسىملىك ئىككى كىشى باي ناھىيسىنىڭ قېيىر يېزىسىغا ئەۋىتىلدى. بۇ ئىككى نەپەر رازۋىدتچىك تۇز ئېلىشقا كەلگەن چارۋىچى قىياپتىدە ئاق بۇلاق داۋىدىن ئۈتۈپ ،بوز كىرىكى ئارقىلىق ئۈكەدۇ ۋە (10-كەنىت)كە كىلىپ رۇزى بۇجاڭنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. رۇزى بۇجاڭ بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى قېيىر يېزىسىنىڭ بەگلىرى ئابلا بەگ ۋە ھوشۇر بەگلەرگە خەۋەر قىلدۇ. ھوشۇر بەگ رۇزى بۇجاڭنىڭ ئۆيىگە كىلىپ بۇ ئىككى ئادەمنى رۇزى بۇقاڭغا كپىللىك بېرىش شەرتى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ مىنىپ كەلگەن ئاتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ، يۇلغۇنياقا كەنىتىدىكى بەگ رەئىسنىڭ ئۆيىدە قۇيۇپ ، ئەھۋالنى گومىنداڭ سايرام  يېزلىق پەيچىسوغا خەۋەر قىلدۇ. سايرام پەيچىسو باي ناھىيلىك قورچاق ساقچى ئىدارىسگە مەلۇم قىلدۇ. باي نەھىيلىك ساقچى ئىدارىسى ئىدارە ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى مامۇت سۇلايمان(ھازىر ۋاپات بۇلۇپ كەتتى) بىلەن سايرام يېزا پەيچىسوسىنىڭ باشلىقى ئابدۇقادىر ئەخمەتنى(ھازىر ۋاپات بۇلۇپ كەتتى)قېيىر يېزىسىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئۇقۇپ كىلشكە ئەۋەتىدۇ. بۇلار قېيىر يېزىسىغا بېرىپ ئابلا بەگ،ھوشۇر بەگلەر بىلەن كۈرۈشۈپ بۇ ئىككى پارتىزاننىڭ ئېتىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇيۇشىڭ ئابدۇقادىر ئەخمەت بىلەن مامۇت سۇلايماننى « سەنلەر نىمىشقا ئىلىدىن كەلگەن بۇ ئىككى قازاقىنى بىرگە ئېلىپ كىلىشمەيسەن» دەپ كايىپ ، ئابدۇقادىر ئەخمەتنى سايرام پەيچىسونىڭ باشلىقلىقىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. ۋۇيۈشىڭ قوراللىق بۈلۈمنىڭ باشلىقى نادىشىڭ ( قازاق مىللىتى) باشلىق 20دىن ئارتۇق چېرىكنى باشلاپ ناھايىتى ھەيۋت بىلەن قېيىرغا يىتىىپ بارىدۇ. بۇلار بېرىپ بولغۇچە كۇچادا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ 11-پولىكىدىن سۇڭ لىيەنجاڭ بىر لىيەن ئەسكەرنى باشلاپ قېيىرغا چىقىپ بۇ ئىككى پارتىزاننى رۇزى بۇجاڭنىڭ ئۆيىدىن مەمتىلاڭكامنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ قىيىن قىستاققا ئالىدۇ. بۇلار ئادەم چىدىغۇسىز قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچۇرغان بولسىمۇ ھىچنىمىنى ئقرار قىلمايدۇ. مۇ پەيىتتە ۋۇيۇشىڭ باشچىلىقىدىكى چېرىكلەر يېتىپ كىلىپ « بىز بۇ ئىككى (ئىلى ئوغىرلىرىنى بايغا ئېلىپ كېتىمىز »دەپ ئىككى ئوتتۇردا جىدەل بۇلىدۇ. ۋۇيۇشىڭ «قېيىر يېزىسى باي ناھىيسىگە قارايدۇ، بۇ بىزنىڭ باشقۇرۇش دائىرمىزدىكى ئىش »دەپ  چىڭ تۇرۇۋېلىپ بايغا ئېلىپ كىلدۇ ۋە ھەر خىل ئۇسسۇلارنى ئشقا سېلىپ قاتتىق قىينىغان بولسىمۇ ھېچنەرسىگە ئېرشەلمەي ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئاپرىپ بېرىدۇ. بۇلار شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلدۇ.
كۇچادىن چىققان سۇڭ لىيەنجاڭ ئىلى « ئوغۇرلىرىنى »تۇتۇپ ئاپىرىپ خىزمەت كۆرسىتىش  پۇرسىتىدىن مەھرۇم بۇلۇپ بىرەر نەتىجىگە ئېرشەلمىگەندىن كىيىن، قېيىر يېزىسىنىڭ بايلىرىدىن رۇزى بۇجاڭ،ئابدۇكېرىم شاڭيو، ئەمەتبەگ ،ناسىربەگ،قاسىم ساڭزا،تۇراپ ساۋۇر،سايىم ئاخۇن قاتارلقلارنى «سەنلەر مال-چارۋىلىرىڭلارنى يايلاققا ئېلىپ چىقىشنى باھانە قىلىپ ( ئىلى ئوغىرلىرى) ىبلەن تىل بىرىكتۈردىڭ) دەپ تۇتۇپ كۇچاغا ئېلىپ بېرىپ قاماپ، كۆپ قېتىم قىيىن قىستاققا ئېلىپ قىينايدۇ. ئۇلارنى 1947-يلى 11بىتىمدىن كىيىن قۇيۇپ بېرىدۇ.
مىزرزا دۆلەت ۋە قۇش دۆلەت قاتارلىق رازۋىدچىكلارنىڭ قېيىر يېزسىدا پەيدا بۇلۇشى باي-كۇچا ناھىيلىرىدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ پۇت-قۇلىدا جان قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن كۇچادىكى گومىنداڭ 11-پولىكىدىن بىر باتالىيۇن ئەسكەر چىقىرىپ قېيىر بازىرى ئىچدىكى ساۋۇت ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيلىرىنى، باشلانغۇچ مەكتەپنى، قېيىر بازىردىن 3كىلومىتىر شىمالىدىكى مەمەت غوجىكام دىگەن كىشىنىڭ نۇرغۇن ئۆي-زىمىنلىرىنى تارتۋېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ تاقالدى. بۇلار قېير يېزىسىغا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن قېيىر يېزىسىنىڭ شىمالىي تاغ-ئېغىزلىرىدىن ئالتۇن قوش،بوز كىرىكى، كىۋىك غول،قاراغول،چوڭ غول قاتارلىق جايلاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ ، بۇ كچىككىنە تاغلىق يېزىنىڭ خەلقى ئۈستىگە يۈكلەپ ئالۋان-ياساقنى تېخىمۇ ئېغىلاشتۇرۋەتتى. بۇجاڭ-جاجاڭلار ھەر كۈنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ توخۇ-تۇخۇم، ئوتۇن-خامان،ئارپا بىدە،ئۇن-ياغ گۇرۇچ دېگەندەك ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتىنى يىغسا يەنە بىر تەرەپتىن جاپاكەش دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇپ، گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان تاغ ئېغىزلىرىغا ئاپىرىپ سېپىل سۇقتۇرۇش،پوتەي سالدۇرۇش، ئاكۇپ ياساش ئەمگەكلىرىگە سېلىپ ئىنتايىن قاتتىق قىينىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يېزا گويا دوزاققا ئايلنىپ قالدى.
1944-يىلى12-ئاينىڭ باشلىرىدا مىللىي ئارمىيە تەرەپتىن باي ناھىيسىگە ئەۋەتىلگەن مىرزا دۆلەت ۋە قۇش دۆلەت قاتارلىق رازۋىدچىكلار ئاقسۇغا يالاپ ئاپىرىلىپ ئۆلتۈرۇلۈپ مىللىي ئارمىيگە ھىچقانداق ئۇچۇر يەتكۈزۈلمىگەندىن كىيىن 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە ئىككى نەپەر رازۋىدچىك بوز كرىكى ئارقىلىق قېيىر يېزىسىغا چۈشىدۇ. ئۇلار رۇزى بۇجاڭنىڭ يېڭى يايلاقىتىكى مال قوتىنىغا كېلىپ ، مالچى ھامۇت ئاخۇن بىلەن ھاكىم ئاخۇنغا كۆپرەك ئادەم توپلىشىدىغان مەسچىت قاتارلىق جايلارغا تاشلاڭلار دەپ تاپىلاپ قايتىپ كېتىدۇ. بۇ ئىككى مالچى تەشۋىق ۋاراقلىرىنى ئۈكەدۇ كەنتىدىكى ياغاچ مەسچىتىگە تاشلايدۇ . بۇنى شۇ كەنىتتكى يەھيا مۇپتى بىلىپ قېلىپ يۇرىت ئاقساقاللىرىغا خەۋەر قىلدۇ. بۇ خەۋەرمۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكەندىن كىيىن باي ساقچى ئىدارىسىدىن ئابدۇشۈكۈر ئىسىملىك بىر سوجاڭ چىقىپ ھاكىم ئاخۇننى تۇتۇتپ كىلدۇ. ئۇ كىشىنى قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىپ ھىچنەرسىگە ئىقرار قىلدۇرالماي ئۆلتۈرۋېتىدۇ. ھامۇت ئاخۇن ئىلى تەرەپكە قېچىپ كېتىدۇ.
جەنبى شىنجاڭ ،بۇلۇپمۇ ئاقسۇ ۋىلايتىدىكى ھەر قايسى ناھىيلەرنىڭ ئەھۋالنى  بىلىش جىددىي زۆزۈر بولغانلىقتىن 1945-يىلى 3- ۋە 4-ئايلاردا مىللىي ئارمىيە رازۋىدچىكى جۈمەك پالتا باي،ئاقسۇ،كۇچا قاتارلىق جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ماڭدۇرۇلدۇ. جۈمەك پالتا چەرچىن مال سودىگىرى قىياپىتىدە بۇ جايلارغا كىلىپ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەيدۇ. باي ناھىيسىدە ئىسمائىل ئىگەرچى،شاۋۋۇدۇن خوشاڭ قاتارلىق كىشلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ.
ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيسىنىڭ جەنۇبىي يۈلۈنۈش قىسمى ئەنە شۇنداق بىر قاتار تەكشۈرۈش ۋە تەييارلىقلاردىن كېيىن 1945-يىلى 8-ئايدا باي ناھىيسىگە يۈرۈش قىلىش تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن يول باشلىغۇچىنى تېپىش زۈرۈر ئىدى.مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتاۋى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇقۇمۇشلۇق سودىگەر سايىم ئەپەندنىڭ ئەسلى بايلىق ئىكەنلىكى غۇلىجىغا  سودىگەرچىلىك بىلەن چىقىپ ئىنقىلاپ سەۋەبلىپ يول تۇسۇلۇپ يۇرتىغا قايتالماي ھازىر غۇلجىدا تىجارەت قىلۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ- دە، دۇكىنىغا ئىزدەپ بېرىپ مىللىي ئارمىيەنىڭ باي ناھىيسىگە يۈرۈش قىلىش قارارى ۋە سايىم ئەپەندىنىڭ قىسىمغا يول باشلىغۇچى بولدىغانلىقىنى ئۇقتۇردۇ. ئىككى كۈنىدىن كىيىن قوماندانلىق شىتاپتىن فالىنوف، ئىسھاقبىك ،مەۋلانۇپلار سايىم ئەپەندىنىڭ قېشىغا كىلىپ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە كونكىرىت چۈشەنچە بېرىدۇ. سايىم ئەپەندى ، كۇچالىق قارا ساۋۇت ،سەمەتخان دېگەن كىشلەر بىلەن بىرلىكتە يول باشلىغۇچى بۇلۇپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار تېكەسكە كىلىپ ئات-ئۇلاقلارنى دەم ئالدۇرۇپ ئىككى كۈن تۇردۇ. مىللى ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدىكى باشلىقلار تېكەسكە يىغىلغان ئوفىتسىر- ئەسكەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ  ۋەزىيەتنى ئېىق چۈشەندۈردۇ. شۇنىڭدىن كىيىن مىللىي ئارمىيە جەنۇبى يۈلۈنۈش قىسمى تېكەسنىڭ قۇشتاي داۋنى ئارقىلىق باي ناھىيسىنىڭ قېيىر يېزىسىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.  
بۇ ئەگرى-بۈگرى،چاتقاللىق بەكمۇ تار ،تىك،خەتەرلىك يول بۇلۇپ  كۆكسۇ دەرياسى،ئاق بۇلاق داۋىنى قاتارلىق دەريا،تىك داۋانلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى. داۋانغا ياماشقاندا ئات-ئۇلاغلار بىردىن قاتار بۇلۇپ مېڭىشقا ،ئاتنىڭ ئىگسى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپ مېڭىشقا توغرا كىلەتتى، بولمىسا ئادەم ھېرىپ قالاتتى. سەللا ئېھتىياتسىزلىق كۈرۈلسە نەچچە تېرەك بۇيى چوڭقۇرلۇقتىكى ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ جېنىدىن جۇدا بۇلاتتى. شۇنداق قىلپ ئۇلار نەچچە داۋاندىن ئېشىپ بوز كىرىگىدىكى ئېغىزغا يېقىنلاشقاندا ، بىر نەچچە  ھاشارچىنى ئېلىپ تاغ ئىچىگە ئوتۇنغا كىرگەن گومىنداڭنڭ ئىككى ئەسكىرى بىلەن ئۇچىرشىپ قالىدۇ. بىر نەپەر گومىنداڭ ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشۇپ ، يەنە بىرى بوز كىركىدىكى پوتەيگە كىرۋالدۇ. تۇتۇلغان ھېلىقى ئەسىردىن ئەھۋال ئىگلەپ تېزلىكتە بوز كىرىكى ئېغىزغا باستۇرۇپ كىردۇ ۋە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى (رامىزاننىڭ 2- ۋە 3-كۈنلىرى )تاڭدا پارلىغان چولپاندەك تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ ، بۇيەردىكى گومىنداڭ قۇشۇنلىرى بىلەن بىر پەس سۇقۇشۇپ، ئۇلارنى تىرە-پىرەن قىلىپ ،قېيىر بازىرغا قاراپ يول ئالىدۇ. گاڭگىراپ قالغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قارىشلىق كۆرسىتىشكىمۇ پېتىنالماي، ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىلەردەك پىتراپ كىتىدۇ  ۋە ئۇدۇل كەلگەن ەرەپكە قاچىدۇ. ئۇلار ناھايىتى پەرىشان ھالدا بەزىلىرى پىيادە، بەزلىرى ئىككى ئادەم بىر ئاتقا مىنشكەن، بەزىلىرى قورالسىز دېگەندەك قېيىر بازىرغا كىلشىدۇ-دە، كوچىدىكى كىشلەردىن « ئات بارمۇ» دەپ سورىشىدۇ. كىشلەردىن يوق دېگەن جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كىيىن گەپ-سۆز قىلماي، بىر-بىرىسىگە قارىماي كۇچا تەرەپكە  كېتىشدۇ. بۇ يەردىكى كىشلەر گومىنداڭچىلارنىڭ بۇرۇنقى ئەلپازى ھەم ھازىرقى پوزىسىيسىگە قاراپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ. باشقا ۋاقىتلاردا گومىداڭنىڭ بىرەر ئەسكىرى كەلسىمۇ ھەر قانداق پۇقرادىن ئۆزىنىڭ دىگنىنى ئالاتتى. يوق دىگەنگە قويمايتى.ئەگەر سەل-پەل قارىشلىق قىلنسا باش -كۆزى قانغا بۇيۇلۇپ كىتەتتى. كىشلەر بۇ ئىش توغۇرسىدا قىزغىن  پىكىرلىشۋاتقاندا ھەر يوغان ئات مىنگەن، نەشرەڭ دىگنالدىن كىيىم كىيگەن، پۇتىدا چىگرىن ئۈتۈك، ىڭلىدا ئاپتۇمات ۋە بەش ئاتار مىلتىق تۇتقان كىشلەر بازار ئىچىگە كىرىپ كىلىدۇ. ئۇلار كەلگەن پېتى تۇرغانلارغا سالام-سائەت قىلشقىمۇ ئۈلگۈرمەي « گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قايسى تەرەپكە كەتتى» دەپ سورايدۇ ۋە كىشلەردىن ئۇلارنىڭ كەتكەن تەرپىنى بىلۋېلىپ ئاتلىرىنى چاپتۇرغان پېتى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قاچقان تەرەپكە قوغلاپ كېتىدۇ. كوچىدا تۇرغان كىشلەر نىمە ئىشلىقىنى بىلەلمەي تۇرغان پەيىتتە يەنەر بىر تۈركۈم ئاتلىق ھەربىي ئادەملەر كېلىپ ،ئاتتىن چۈشىدۇ ۋە « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم »دەپ سالام بېرىپ كۆرۈشۈپ تىچلق-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن، ئۆزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ « بىز گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنڭ ئەسكەرلىرى، بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنى ئازاد قىلدۇق. بىزنىڭ زور قۇشۇنىمىز كېلۋاتىدۇ ئالدىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئاڭغىچە بۇ كىچىككىنە يېزا بازىردىكى تىجارەتچىلەر، ھۆنەرۋە كاسىپلار، يېزا ئاھالىلرى ،ئوقۇغۇچىلار بۇلۇپ بىرەر يۈزدىن ئۇشۇق ئادەم يىغلىپ كېتىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان كىشلەر خوشاللىقىدا يۈگۈرۈشكىنچە نامىنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ زارىقىپ كۈتكەن پەرزەنىت قوشۇنلىرنىڭ ئالىدىغا مېڭشىدۇ. ئۇلار ئىككى چاقىرىمدەك ماڭغاندىن كىيىن بوز كىركىدىن بۆسۈپ ئۈتۈپ قېيىر يېزا بازىرغا قاراپ كۆترەڭگۈ ئاۋازدا ناخشا توۋلاپ كېلىۋاتقان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن ئۇچىرشىدۇ.
بۇ قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىپ كەلگەنلەر ئابۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبرى،سۇپاخۇن ۋە رازىيوف داموللا قاتارلىق ئەربابلار بۇلۇپ ئۇلار بازار ئىچىگە كىرىپ باشلانغۇچ مەكتەپكە، مەدرسكە ۋە ئەيسابەگلەرنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلىشىدۇ. مىللىي ئارمىينىڭ قېيىر بازىرغا كىرگەنلىكىدىن كىچىك غول ۋە ئالتۇن قوش ئېغىزلىرىدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تېخى خەۋەرسىز ئىدى. ئالتون قوش ئېغىزدا تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرسى قېيىر بازىرىغا بىر ئىش بىلەن كىلىپ ،ئۆيىگە قايتىپ كىتتىۋاتقان ھېزىم بۇجاڭغا ئۇچۇرشىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭاغ چالۋاقاپ:
-سەن نىمشقا ھاشاردىن قاچقانلارنى ۋاقىتىدا ماڭدۇرۇپ بەرمەيسەن ،ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتى ۋە ئوت سامان نىمىشقا ۋاقىتىدا بارمايدۇ؟- دەپ كايىپ ئۇرۇشقا تەمشەلگەندە ھېزىم بۇجاڭ:
-مەن بۈگۈن ھاشارغا بارىدىغان ئادەم، ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتى ، ئوت- سامان دېگەندەكلەرنى ئېلىپ ماڭماقچى ئىدىم، بىراق كۇچادىن سىلنىڭ تۈەندىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر چىقتى. شۇلارنىڭ قېشىدا بولىمەن دەپ ھايال بۇلۇپ قالدىم.- دەيدۇ. ھېلقى گومىنداڭ ئەسكىرى:
-ئۇلار نەدە قالدى،-دەپ سورايدۇ. ھېزىم بۇجاڭ چاندۇرماي:
-مەكتەپكە چۈشتى،-دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن خۇدىنى يۇقاتقان گومىنداڭ ئەسكرى خوشاللقىدا:
-ئۇنداق بولسا مەن دەرھال بېرىپ كۈرۈشەي، قايسى باشلىق كەلدىكىن، مىنى باشلاپ بەر، بىرگە بارايلى، - قېيىر بازىرغا قاراپ ماڭدۇ .بۇلار يېزا بازىرغا كىرىپ ،مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى تاختا كۆۋرۈكتە پوسىتا تۇرغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ قېشىغىلا كىلىپ قالىدۇ. ئالدىدا ئاتلىق كېتۋاتقان گومىنداڭ ئەسكىرى مىللى ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ كىيگەن كىيمىدىن تونۇۋېلىپ ئېتىنى ئارقىسىغا بۇراپ بەدەر تىكۋېتىدۇ. ھېزىم بۇجاڭ دەرھال پوسىتتا تۇرۇۋاتقان جەڭچىگە ئەھۋالنى ئېتىدۇ. شۇ ھامان پىشىن نامزىنى ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتكە كىرىشكە تەييارلىنۋاتقان بىر قىسىم جەڭچىلەر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن، ئاتلىق قېچىپ  خېلى ئۇزاپ كەتكەن گومىنداڭ ئەسكىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىر نەچچە پاي ئوق چقىردۇ. ئوق تەگمىگەندىن كىيىن، مىللىي ئارمىينىڭ بىر نەچچە ئاتلىق ئەسكىرى ئارقىسىدىن قوغلاپ ماڭدۇ. ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى بىرسى ئايال بۇلۇپ، كىشلەر بۇ ئايالنىڭ سۇپاخۇن تۈەنجاڭنىڭ ئايالى تۇدىخان دىيشىدۇ. گومىنداڭ ئەىسكىرى قېىچپ بېرىپ يۇلغۇن ياقا كەنىتىگە كەلگەندە قىچىلىققا كىرىپ مۈكۈنۋالدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى قىچىلىققا قارىتىپ بىر نەچچە پاي ئوق چىقارغاندىن كىيىن گومىندا ڭ ئەسكىرى قول كۆتۈرۈپ قىچىلىقىتىن چىقىپ   تەسلىم بۇلىدۇ.
شۇ كۈنى بوزكىرىكى ئېغزىدائەسىرگە چۈشكەن يەنە بىر گومىنداڭ ئەسكرى بۇلۇپ ئىنتايىن ياۋۇز  نەرسە ئىدى . ئۇتاغ ئېغىزلىرىدا سېپىل سوقتۇتۇرۇش، پوتەي  سالدۇرۇش،ئاكۇپ كۇلاش قاتارلىق ئېغىر جىسماني ئەمگەكلەردە خەلىق ئاممىسىغا ئىنتايىن زۇلۇم سالغان ئىدى. بۇ زالىمغا خەلىق ئاممىسىنىڭ غەزىپى كۈچلۈك بولغاچقا قېيىر خەلقى بۇ ۋەھشى جاللاتنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بىرتەرەپ قىلدى.
ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سوۋۇرۇفلار ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ،ئۆزئارا كېڭىشىپ گومىنداڭنىڭ باي، ئاقسۇدىكى قالدۇق ئەسكىرى كۈچىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىۋېلىشىدىن بۇرۇن بۇ بايغا يۈرۈش قىلشنى قارار قىلدى ۋە ياشلاردىن بىر قىسىم كۈچ تەشكىللەپ ، مىلتىق تارقىتىپ بېرىپ ، قېيىر يېزىسىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلۇپلا باي ناھىيە بازىرغا يۈرۈش قىلشنى قارار قىلماقچى بولدى .    شۇ كۈنى كەچتە قىسىم باشلىقلىرى سايىم ئەپەندى ، قارا ساۋۇت، سەمەتخانلارنى دەرھال بايغا ماڭدۇرۇپ ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى . ئۇلار يولغا چىقىپ ،كېچىسى مىس بۇلاقنىڭ يولىدا ئىدىرلىقتا يولدىن ئېزىپ  يول تاپالماي بەلىگىلەنگەن ۋاقىتتا بايغا بارالماي ئىككىنچى كۈنىسى كېچىسى بايغا يېتىپ بېرىپ، ئوسمان داموللام، ياسىن ئاخۇنۇملارغا قارتىپ يېزىلغان خەتنى مۆمىن ئاخۇن ئارقىلىق ئوسمان داموللامنىڭ  قولىغا تەگكۈزۈپ ،گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگلەپ ، ئەتىسى سەھەردە يەنە قېيىرغا قايتايلى دەپ تۇرغاندا مىللىي ئارمىيە قىسمى سايىم ئەپەندىلەرگە ساقلىمايلا يولغا چىقىپ باي بازىرغا ھۇجۇم باشلايدۇ .  بۇۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ بايدىكى ئەسكىرى ئاز ئىدى ،  ئۇلار باي ناھىيلىك قورچاق ھۆكۈمەت ئارقىسىدىكى سۇجۇخانا ( ئوت-سامان ،  يەم خەشەك يىغدىغان ئورنى ، ھازىرقى  مېھمانخانىسىنىڭ ئورنىدا ) گۇڭ غۇجامنىڭ ئوردىسى ( ناھىيلىك خىش زاۋۇتى ئائىلىكلەرقورۇسى ئورنىدا )قاتارلىق جايلاردا بۇلۇپ ، تەييارلىقسىز ھالەتتە ئىدى، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى باي بازىرنىڭ شەرقىي تەرپىدىكى تەلۋىچۈك كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۈچ جايدىكى گازارمىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ . بىر پەس كەسكىن جەڭدىن كىيىن مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ قوراللىرىدىن ئوق ئۈزگىنچە ھۇررا توۋلاپ ، ئات چاپتۇرۇپ كىرىپ كىدۇ. شۇ ھەيۋەت قوشۇننىڭ ئالدىدا قىلچىنى ئىگىز كۈتۈرۇپ ماڭغان بىر ئايال جەڭچىمۇ بار بۇلۇپ ، ئۇ يەنلا سۇپاخۇننىڭ ئايالى تۇدىخان ئىدى.  گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ناھىيە بازىرنىڭ غەربى تەرىپىگە قاپسىلىپ قالىدۇ ۋە ئاخرى كۆپ قىسمى ئ.اقسۇ تەرەپكە قېچىپ كېتىدۇ.  قالغان بىر قىسمى ئاشلىق ئىسكىلاتىغا مۆكۈنۋالدۇ . ئاشلىق ئىسكىلاتنىڭ تۆت ئەتراپى سېپىل بۇلۇپ ، گومىنداڭ ئەسكەرلىرى سېپىلنىڭ شەرقىي تەرپىدىن پوتەي ئىچىگە كىرۋېلىپ قارشىلىق قىلدۇ . مىللىي ئارمىينىڭ ئابدۇراخمان يېتەكچىلىكىدىكى بىر ئىزۋۇت جەڭچىلىرى ئاشلىق ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ . ئۇلار ئۆگىزدىن-ئۆگىزگە ئۆتۈپ، پوتەيگە يېقىنلىشىپ ئۇلارغا تەسلىم بۇلۇشنى ئېيتىدۇ. بىراق ئۇلار داۋاملىق قارىشلىق كۆرسىتىپ ئېتىشنى توختاتمايدۇ . شۇ چاغدا ئىزۋوت كوماندىرى ئابدۇراخمانغا ئوق تېگىپ قۇربان بۇلىدۇ ، بۇ ھالىدىن قەھرى غەزەپكە كەلگەن جەڭچىلەر چىداپ تۇرالماي شىددەتلىك ھۇجۇم بىلەن ئاشلىق ئىسكىلاتىدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدۇ .  شۇنىڭ بىلەن باي ناھىيسى تۇلۇق ئازاد قىلندۇ . ناھىيە بازىردىكى ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى چۈشكەن جايغا كېلىپ ئۇلارنىڭ قىزغىن قارشى قىلىدۇ ۋە ھال  سورايدۇ . چۈشتىن كېيىن ناھىيلىك ھۆكۈمەت ھويلىسدا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ رىياسەتچلىكىدە چوڭ يىغىن ئېچىلدۇ ، يىغىنغا زىيالىيلار، ھەر ساھە زاتلىرى، ئەمەت قازى كالان ھاجىم باشچىلقدىكى يۇرىت كاتتىلىرى ، شەھەر ئاھالىلىرى ، ھۆنەرۋەن-كاسىپلار، ئوقۇغۇچىلار، يېقىن ئەرتاپتىكى يېزا -كەنىتلەردىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئادەم يىغىلىپ ھويلا ئىچىگە پاتماي قالىدۇ. ناھىيە بازىرى ئادەم دېڭىزغا ئايلىندۇ. بۇ ئەھۋالدىن كەڭ ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ بۇنداق كۈنلەرگە ئىنتىزار بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىۋالغىلى بۇلاتتى. ئابدۇكېرىم ئابباسوف چوڭ يىغىندا مىللىي ئارمىيە جەنۇبى يۈلۈنۈش  قىسىمىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا ، جۈملىدىن باي ناھىيسىگە كېلىشتىكى مەقسىتىنى تەپسىلى بايان قىلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇردى . خەلىق ئاممىسىغا بېسىپ تەييارلاپ قۇيۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئابباسوپنىڭ سۆزىنى قىزغىن ئالقىش بىلەن پات-پات ئۈزۈپ قوياتتى. بۇ غەلبە خەۋىرى باي  ناھىيسىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغىچە تارقىلىپ ، بىر نەچچە كۈنىگىچە يىراق-يېقىندىن كەلگەن كىشلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆزلىرىنى پىدائىيلققا تىزىملاتتى. يەنە نۇرغۇن كىشلەر پۇل-پىچەك، ئات-ئۇلاغ، ئاشلىق،مال-چارۋا ياردەم قىلشتى. كۆپلىگەن ئاتىلار ئوغۇللىرىنى يېتىلەپ كېلىپ پىدائيىلىققا  تىزىملاتتى . بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرى بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى. بۇلار بىر تەرەپتىن باي ناھىيسىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيىتسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناھىيدىكى ئىدارە-ئورگانلارنى تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرىنى ئىشلىدى. ئوسمان داموللىنى ھاكىملىققا ، ئىسمائىل قازىنى مۇئاۋىن ھاكىملىققا ، ياسىن ئەھمەدى ( ياسىن سەتەڭمۇ دىيلەتتى )ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلقىغا ،ھاشىم بەگنى باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقلقىغا تەيىنلەپ ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ دەرھال ئاقسۇغا يۈرۈش قىلدى.  ....... (  داۋامى بار )



ئەسكەرتىش: ماقالە بەك ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە تورغا يوللىندىغان ماقالنىڭ خەت چەكلىمىسى بولغاچقا داۋامى يەنى، 2 -بۈلۈمى : « قىزىل ۋە سايراملاردىكى پاجىئەلەر » ئايرىم يوللىندۇ ، ۋاقىپ بولغايسىلەر .
مەنبە: « باي تارىخ ماتىرياللىرى »2-قىسىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-28 21:03  



يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....

باش مەسئۇل

باشقۇرغۇچى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

تېما
127
قىزغىنلىق
862
تىللا
1808
تۆھپە
326
توردا
991 سائەت

مۇنبەر مەسئۇلى رەسمى ئەزا باشقۇرغۇچى چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 23:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلارنى يوللاپ بىلىمگە تەشنا يۈرەكلەرنى قاندۇرۋاتقان گۈزەل باي تورىدىكى دوسلارغا ئالى ئېھتىرام بىلدۈرمەن . شۇنداقلا يېڭى مول مەزمۇنلۇق تىمىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشنى ئۈمۈد قىلمەن .


مەخسىتىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تىمىللىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئەمەس بەلكى بىلىم ئىگىلەش تىمىللىرىنى بىر يەرگە توپلاپ تىخىمۇ كوپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۇرۇش .............

Rank: 1

تېما
2
قىزغىنلىق
120
تىللا
168
تۆھپە
14
توردا
12 سائەت

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 13:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپرەك يوللاپ قۇيارسىز   ....قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
79
تىللا
257
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 10:39:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىنى باي تارىخى ماتىرياللىرىنىڭ 1-قىسىمىدا كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ؟ يا 2- قىسىمىدىمۇ مۇشۇ تېمىدا ماقالە بارمۇ؟


Rank: 2

تېما
28
قىزغىنلىق
284
تىللا
790
تۆھپە
197
توردا
52 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 20:47:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇماقالە باي تارىخ ماتىرياللىرى 2-قىسىمدىن ئېلىندى.


يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
13
قىزغىنلىق
316
تىللا
1668
تۆھپە
161
توردا
267 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 23:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى داۋامىنى يوللىمايسىزغۇ؟بەك تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمىز.


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
62
تىللا
95
تۆھپە
10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 17:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!


Rank: 2

تېما
28
قىزغىنلىق
284
تىللا
790
تۆھپە
197
توردا
52 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 00:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-بۇلۈم: قىزىل ۋە سايرامىدىكى پاجىئەلەرنى ئاللىقاچان يوللاپ قويغانغۇ......


يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....

Rank: 4

تېما
68
قىزغىنلىق
1233
تىللا
1970
تۆھپە
1550
توردا
144 سائەت

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 17:11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تىمىڭىزغا رەھمەت. ھارمىغايسىز. سىزنى كۆرگەندەك بولدۇم.


Rank: 1

تېما
3
قىزغىنلىق
107
تىللا
153
تۆھپە
18
توردا
19 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 17:41:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹باي ناھىيە تارخ ماتىرياللىرى›› دېگەن ماتىريالنى ماڭا بىر يۈرۈش تېپىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن، ساقلاپ قوياي دېگەن .


http://www.nazugum.com/
http://www.attirgul.net
http://attirgul.blogbus.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-22 11:29 , Processed in 0.130567 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش