گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 0

« قىزىل مىڭئۆي » ھەققىدە ئەپسانە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
25
تېما
28
قىزغىنلىق
282
تىللا
780
تۆھپە
197
توردا
52 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 12:48:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       قەدىمكى  كۈسەن پادىشاھىنىڭ شېرىن ئىسىملىك  بىر گۈزەل قىزى بار ئىكەن . ئۇ قىزغا  سايراملىق پەرھات ئىسىملىك بىر كەمبەغەل  يىگىت ئاشىق بۇلۇپ قاپتۇ.   بۇنىڭدىن  خەۋەر تاپقان كۈسەن پادىشاھى قىزىنى بېرىشتە مۇز تاغ باغىردىن « مىڭ ئۆي » قېزىشنى  پەرھاتقا شەرىت قىلپتۇ . ئاشىق يىگىت بۇ شەرتىنى ماقۇل كۈرۈپ ، بىستۇن تېغىنى يېرىپ مىڭ ئۆينى قېزىشقا باشلاپتۇ .  ئۇ توققۇز يۈز توقسەن توققۇز ئۆينى قېزىپ بولغاندا ماغدۇرۇدىن كىتىپ قاپتۇ . شېرىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال بۇ يەرگە كەپتۇ ۋە ھوشسىز ياتقان ئاشىقى  پەرھاتنى قۇچاقلاپ زار يىغلاپ ، ئاخىرى ئاشىقى بىلەن بىللە ئۆلۈپتۇ . پادىشاھنىڭ قەسىر- ئايۋانلىرىدا قەپەزدە بېقىلۋاتقان بوز تورغايلارمۇ مۇڭلىرىنى تۈكۈپ سايراشقا باشلاپتۇ .
  پادىشااھ  شۇ چاغدا شىكاردا ئىكەن ، قىزى شېرىنىنڭ مۇسىبەت خەۋىرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن شاھلىق تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ ، قۇللىرىنى ۋە قەپەزدىكى بوز تورغايلىرىنى ئازات قىلپتۇ . شۇندىن باشلاپ بۇ تورغايلار ئاشىقى -مەشۇقلار دەردىدە ھەسىرەت چىكىپ ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ، پەرھات قازغان مىڭ ئۆينىڭ ئۈستىدە مۇڭلۇڭق سايرىشىپ يۈرىدىكەن . كىيىنچە بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ قەۋرىسىدىن گۈل - چىچەكلەر ئۈنۈپ چىقىپ ، پەرھات قازغان « مىڭ ئۆي »ئەتراپىنى قىزىل گۈلگە پۈركەپتۇ ، شۇ  سەۋەپتىن بۇ جاينى  كىشلەر « قىزىل مىڭئۆي » دەپ ئاتاپتۇ .

    مەنبە : «يىپەك يۇلىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر » دىگەن كىتاپتىن ئېلندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-19 08:21  



يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 04:25 , Processed in 0.095813 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش