ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
8.باپ باي ناھىيىسىدىن يىتىشىپ چىققان بىر تۈركۈم زىيالىيلار(2)
تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى توختى تۇنىياز (توختى مۇزارت)

توختى تۇنىياز (توختى مۇزارت) باي ناھىيىسىنىڭ كانچى يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، ئانا تىلدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئۆگۈنىپلا قالماستىن خەنزۇ تىل يېزىقىنىمۇ تىرشىپ ئۆگەنگەن. 1978- يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ قەتئى ئىشەنچىسى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر قاتاردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئويغۇر تىل- يېزىقىدا ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپكە خەنزۇ تىل- يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن توختى يوقۇرى نومۇر بىلەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتى (ھازىرقى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى) نىڭ تارىخ فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئوقۇغان سىنىپتا بارلىق دەرسلەر خەنزۇ تىل- يېزىقىدا ئۆتۈلەتتى. بۇ ئەھۋال توختىغا نىسبەتەن بىرئاز قىيىنچىلىق كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھازىرقى ۋە قەدىمقى زامان خەنزۇ تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپ، دەرسلەردە ساۋاقداشلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ھالغا كەلدى. ئىشتىن سىرت ۋاقىتلاردا ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگەندى. ئۇ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تاللىۋېلىندى. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ يەنىلا ئۆگىنىش ئىرادىسى بوشاشمىدى. رەھبەرلىك ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۆگىنىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، جۇڭگو خەلق ئۇنۋېرستېتى قانۇن پەنلىرى ئىنىستىتوتىغا كىرىپ ئوقۇشىنى تەستىقلىدى. ئۇ ئاخىرى بۇ كەسىپتىمۇ ماگىستىرلىق ئىنۋانىغا ئېرىشتى. خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قانۇن تەتقىقاتى ئىشخانىسىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى.
1990- يىلى 8- ئايدا توختى ياپونىيىنىڭ توكيو ئۇنۋېرستېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا باردى. ئۇ بۇ يەردىمۇ تىل ئۆتكىلىگە دۇچ كەلدى. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۇ ئۆتكەلدىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ئۇ خەنزۇ، ئېنگىلىز، ياپون تىللىرىدا بىمالال ماقالا يازالىغۇدەك ھالغا يەتتى. ۋە ياپونىيىدە چىقىرىلدىغان «ⅩⅩⅠ » ئەسر ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيىلىك ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ دېققەت ئېتىۋارىنى قوزغىدى. ياپونىيىنىڭ دۆلەت تەتقىقات مەركىزى ئۇنى ئويغۇرشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىگە تەتقىقاتچىلىققا تەكلىپ قىلدى.
1992- يىلى5- ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن- مائارىپ تەشكىلاتى بىلەن ياپونىيە «توياتا» شېركىتى بىرلىكتە ياش تەتقىقاتچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، مەدەت بىرىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 100 گە يېقىن ياش تەتقىقاتچى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتتە توختى «تەرەققىيات جەريانىدىكى ئويغۇر مەدەنىيىتى» دىگەن ماقالىسىنى ياپون تىلىدا ئوقۇپ، 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ھەمدە تاللانغان 27 ياش تەتقىقاتچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. شۇنداقلا خالىغان ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە بېرىپ، ئۆگىنىش، ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ۋە بۇنىڭغا كېرەكلىك ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن ئىككى ياش ئالىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 1992- يىلى 10- ئايدا ئىزدىنىش روھىغا باي بۇ ياش ئالىم دۇنيانى چۈشىنىش، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىش مەخسىدىدە ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى 30 نەچچە دۆلەتنى زىيارەت قىلدى.
توختى مۇزارت تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشكەن ئون نەچچە يىلدىن بويان مەيلى ۋەتەندە ياكى چەتئەلدە بولسۇن، ئۆزى تاللىغان بۇ يولدا ھەرگىز ئىككىلىنىپ قالمىدى. ئۇ بۇ جەرياندا «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق قانۇنىنى تۈزۈش توغرىسىدا»، «جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسلىسى ۋە سىياسىتى توغرىسىدا تەتقىقات»، «تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقوقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈش توغرىسىدا»، «ئويغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى توغرىسىدا تەتقىقات»، «ئويغۇرلارغا ئائىت تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ تالان-تاراج قىلىنىش تارىخى»، «جۇڭگو ئويغۇرلىرىنىڭ نىكاھ ئىشلىرى، ئويغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي، تارىخىي قىممەتكە ئىگە ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەر جۇڭگو ۋە ياپونىيىدىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرى توپلام قىلىنىپ، ياپونىيىدە نەشر قىلىندى. ۋە ياپونىيە بۈيۈك شەرق مەدەنىيىتى ئۇنۋېرستېتىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇ 1994- يىلى دوكتۇرلۇق ئىنۋانىغا ئېرىشتى.
تەتقىقاتچى تۇنىياز ئىمىرنىياز
1965-يىل باي ناھىيە ياتۇر يېزا ئىشتارچى كەنتىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان.ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تااملىغان.بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئونۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ،2002-يىلى6-ئايدىن باشلاپ ئەنگلىيە لوندۇن ئونۋېرسىتتىىدا خىمىيە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ.‹‹ئۇيغۇر ئۇن ۋە قورۇما تائاملىرىنى تەييارلاش تېخنىكىسى››…قاتارلىق كىتاب ۋە ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان.
تەتقىقاتچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
1965- يىلى 2- ئايدا باي ناھىيىسىنىڭ ياقا ئېرىق بازىرىدىكى بوز كەنتىدە دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1983- يىلى باي ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1985- يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل فاكولتېتىدا، 1985- يىلدىن1989- يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1992- يىلغىچە ئاقسۇ تېلۋېزىيە ئستانىسىدا تەرجىمان بولغان. ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك رادىئو- تېلۋىزىيە ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ.
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە ئىشلىرى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 30 پارچىغا يېقىن ھىكايىسى، 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ۋە نەچچە يۈز پارچە تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىندى.ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى جۇڭگو رادىئو – تېلۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تەرپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «شەرق بۇددىزىمنىڭ پىر كالانى ــ كۇماراجىۋا» ، «كۆسەن تاش كېمىرلىرى ۋە دەريا ئېقىنلار» قاتارلىق كىتاپلارنى نەشىرگە سۇندى. 200 قىسىمدىن ئارتۇق تېلۋىزىيە فىلىملىرىنى تەرجىمگە ئويۇشتۇردى ، ۋە ئۇنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى.
ياش سىنارىست ئۆمەر قادىر

سىنارىست ئۆمەر قادىر 1964- يىلى 11- ئايدا باي ناھىيىسىنىڭ توقسۇن يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1987- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988- يىلى 10- ئايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق كىنو شېركىتىگە يۆتكۈلۈپ، «تەڭرىتاغ ئېكرانى» دا مۇھەررىر بولغان. 1995- يىلى 6- ئايدىن بۇيان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىدا ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر.
رىيال تۇرمۇش چىن ۋە تەسىرلىك يورۇتپ بېرىلگەن «دوۋزاققا سەپەر»، «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش»، «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «تەڭرى گۇۋاھ»، «پىغانلىق ناخشا»، «كۈلكىگە يوشۇرۇنغان يىغا»، «بەربات بولغان مۇھەببەت»، «ئازابلىق لەززەت»، «كۆزۈمدە لىق ياش»، «مېھرىگۈل ئەمەت بىلەن بىللە»، «ھەسرەتلىك ھايات»، «كۈشەندىلەرنىڭ قۇدۇلىشىشى» قاتارلىق سىنارىيە ئەسەرلىرى ۋە يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ھىكايىلىرى ئاساسدا ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان «قىرلىق ئىستاكان»، «داپ»، «بۇ چۈش ئەمەس»، «ساراڭ» قاتارلىق سىنارىيىلىرى، ئويغۇر خەلق «چۆچىكى ئۇر توقماق» قا ئاساسەن يازغان شۇ ناملىق سىنارىيىسى بىلەن ئويغۇر كىنو- تېلۋىزىيە ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ياش سىنارىست ئۆمەر قادىر ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا سىنارىيىلىرى كەڭ سۆرەتكە ئېلىنغان ھەم فىلىملىرى خەلىقنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، سىنارىيە ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، ئۆزلىكسىز ئىلگىرلەۋاتقان، تونۇلۋاتقان سىنارىستتۇر.
تارىخ تەتقىقاتچىسى ئابلىز مۇھەممەت سايرامى
ئابلىز مۇھەممەت سايرامى باي ناھىيىسىنىڭ ياتۇر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تارىخ – تەزكىرە ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە توردىن تەرجىمھالى تېپىلمىغان مەرھۇم قىرغىز تارىخ تەتقىقاتچىسى ئەنۋەر بايتۇر،ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرى پەرھات ياسىن،ئاۋاز ئاتىسى ۋە رىژسور تۇرغۇن قۇربان،ياش مائارىپچى تۇردى توختى،تىلشۇناس تاش راخمان، تىل تەتقىقاتچىسى مەھەممەت مۆمىن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۈمە ساۋۇت،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىگورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، مۇئاۋىن نازىر ئوسمان ساۋۇت، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى توختى ياقۇپ… قاتارلىق زىيالىيلارمۇ باي ناھيىسىدىن يىتىشىپ چىققان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-18 16:14