گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 1

8.باپ بايدىن چىققان بىر قىسىم زىيالىيلار(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
8
تېما
32
قىزغىنلىق
366
تىللا
1064
تۆھپە
277
توردا
22 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 21:47:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
8.باپ باي ناھىيىسىدىن يىتىشىپ چىققان بىر تۈركۈم زىيالىيلار(1)

زىيالىيلار بىزنىڭ يول باشچىمىز. ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىنى، ئارزۇ- ئۈممۈتلىرىنى مىللەتنىڭ كېلىچىكى بولغان ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە خېمىتۇرۇچ قىلىپ چاچىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلم- پەن ۋە تۈرلۈك ئىجادىي يېڭىلىقلار ئۈچۈن ئاققۇزغان بىھىساپ قان- تەرى،ئەجىر مېھنىتى، مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىدىكى پەلەمپەي.
ئىختىساس ئىگىلىرى بىزنىڭ زەردارلىرىمىز. ئۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىختىساس ئىگىلىرى ــ زىيالىيلار ئىدىيىسى ۋە سىياسىي تەشۋىقاتنى ماددىيلاشتۇرغۇچىلار. مىللىي ئىگىلىك، مىللىي كارخانا ئۈچۈن ئۇل سالغۇچىلار. مەدەنىيەت نوقتىسىدىن قارىغاندا بىرى مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، بىرى ماددىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا بىز ئۈچۈن ھەر ئىككىلىسى ئىنتايىن موھىم. ھايات مۇساپىسىدە ئەجداتلار روھىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەۋلاتلارغا مەسئول بولۇش تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. دەل شۇ ۋەجىدىن بىز ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كىتىپ قالغان ئەقلى دانىش پازىل كىشىلىرىمىزنى ئارمان بىلەن ئەسلەيمىز. سېغىنىمىز! دەۋرداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمىز. يوللىرىغا گۈل دەستىلەر تىزىمىز.

ئاتاقلىق تارىخ ئالىمى،شائىر موللامۇسا سايرامى  

   
موللا مۇسا سايرامى 1836- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايۇنىنىڭ ئاناقىز يېزىسىدا (ھازىرقى توقسۇن يېزىسى ئاناقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسى) دۇنياغا كەلگەن. يەتتە يېشىدىن باشلاپ دادىسى مۇددەررىسلىك قىلغان سايرام مەدىرىسىدە ئوقۇغان. 1847- يىلى 9- ئايدا جەنۇبىي تىيانشان رايۇنى بويىچە مەشھۇر بولغان كۇچادىكى «ساق ساق» مەدىرىسىگە كىرىپ ئوقۇپ، «قۇرئان»، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، تەقۋىم (كالىندارشۇناسلىق) ئىلمىي نۇجۇم، ناباتات (ئاگرو بىئولوگىيە) جۇغراپىيە، ئەرەپ ۋە پارىس تىلى قاتارلىقلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق، پۇختا ئۆگىنىپ، تېزلا «موللا مۇسا»، «بالا موللا»، «موللائەبجەد خان» (كالىندارشۇناس) دىگەن ناملار بىلەن شۆھرەت قازانغان. 1854- يىلى ساقساق مەدىرىسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، سايرام مەدىرىسىدە مۇددەرىسلىك قىلغان. 1864- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى كۇچادا ئويغۇر، خۇيزۇ دىھقانلىرى ۋە بىر قىسىم قول- ھۈنەرۋەنلەر بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇن غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، سايرام رايۇنىدىكى قىزىل دىگەن جاينى ئىگەللەيدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا ئۆزىنىڭ بارلىق تالىپلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلىدۇ. ھەمدە قىزىل، سايرام، باي، ياقائېرىق، ئارا شور قاتارلىق جايلاردىكى فىئوداللارنى، يەرلىك ئەمەلدارلارنى باستۇرۇش كۆرىشىگە پائال قاتنىشىدۇ. بۇ قوشۇننىڭ ئۈچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق سەركەردىسى مەھمۇت خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى، ئىشىك ئاغىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 28 ياشتىن ھالقىغان ئىدى. 1865- يىلى ياقۇپبەگ (بەدۆلەت) جەنۇبىي شىنجاڭغا باستۇرۇپ كەلگەندە، ئۈچتۇرپاننىڭ سابىق ھاكىمبېگى توختىبەگ قاتارلىق يەرلىك فىئوداللار ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا دوست تارتىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇنلارغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا قوزغىلاڭچىلارنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە توپىلاڭچىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۆزئابروي- ئىناۋىتىدىن پايدىلنىپ، ئۇلارنى پارچىلاپ، توپىلاڭنى باستۇرۇشقا زور كۈچ چىقىرىدۇ. ئەپسۇسكى 1867- يىلى بەدۆلەت قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنىئىگەللەپ، ئاقسۇغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇ چاغدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتۇرپانسدىكى سەركەردىلىرى ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولىدۇ. بەدۆلەتنىڭ ئۈچتۇرپانغا كىرگەن لەشكەرلىرى موللا مۇسانى تەسلىم بولغان سسەركەردىلەر بىلەن قوشۇپ، ئاقسۇغا ئېلىپ كىلىدۇ. بەدۆلەتنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابا بەگ ھىسسارى موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆتكۈر قابىليىتىنى، ئۇستا خەتتات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆزىگە مەخسۇس مىرزا قىلىپ تەيىنلەيدۇ. موللا مۇسا سايرامى بۇ ۋەزىپىنى تاكى 1877- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەدۆلەت ھۆكۈمىتىنى يوق قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۇپ ئالغانغا قەدەر ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن موللا مۇسا سايرامى مۇشۇ ۋەقەلىكلەر ئاساسىدا بىر تارىخىي ئەسەر يېزىپ چىقىش ئۈچۈن قەشقەردىن تۇرپانغىچە بولغان جايلارنى بىر قانچە يىل ساياھەت قىلىپ، موھىم تارىخىي ھۆججەتلەرنى توپلاپ، ئاقسۇغا قايتىپ، يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئاقسۇدا 40 يىلغا يېقىن تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ مەززگىل موللا مۇسانىڭ ھاياتىدىكى ناھايىتى ئېغىر، قىيىن كۈنلەر بولۇپ، مىسكىن،  پېقىرلىق، نامراتلىق دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ. 1917-يىلى 3- ئايدا 81 ياشقا كىرگەن موللا مۇسا ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ، ئۆزيۇرتى سايرامغا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، تۇغقانلىرىغا خەت يازىدۇ. ئاخىرى ئۇنىڭ چوڭ ئىنىسى ئىسلام ئاخۇننىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن خەلپەت ھارۋا بىلەن ئۇنى سايرامغا ئېلىپ كىلىدۇ. 1917-يىلى 4- ئايدا موللا مۇسا سايرامى مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كىتىدۇ.
موللا مۇۇسا سايرامى ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىللەردە بىرمۇنچە تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مەشھۇر بولغانلىرى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» (‹تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا فى مۇفتاھۇل ئىمان› ھىجىرى 1302- يىلى مىلادىي 1885- يىلى يېزىلغان) «دەر بايان ئەسھابۇل كەھەب» (‹تەزكىرەئى ئەسھابۇل كەھەب› ھىجىرى 1316- يىلى مىلادىيە 1898- يىلى يېزىلغان) «تارىخىي ئەمىنيە» (ھىجىرى 1321- يىلى ماھى رەجەپنىڭ 11- كۈنى مىلادى 1903- يلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى تاماملانغان) «دىۋان مەسنىۋى» (ھىجرى 1325-يىلى مىلادى 1907- يىلى يېزىلغان) «تارىخىي ھەمىدى» (ھىجرى1326- يىلى مىلادى 1908- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى تاماملانغان) «سالامنامە» (ھىجىرى 1334- يىلى ماھى زۇلقەئىدە مىلادى 1916- يىلى 9- ئايدا يېزىلغان) قاتارلىقلاردۇر. ئۇنىڭ يەنە پارىس تىللىرىدا يېزشغان بىرمۇنچە شىئېرلىرى ساقلانماقتا. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ يەنە «تەزكىرەئى خوجا ئاففاق»، «فەرھاد ــ شېرىن» ناملىق تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغانلىقىمۇ مەلۇم.

باي ناھىيىسىنىڭ پەننىي مائارىپ ئاساسچىسى
ساۋۇت ھاپىز داموللام

ساۋۇت ھاپىز داموللا ھاجىم 1865- يىلى سايرام يېزىسىنىڭ تېزەكقاغا مەھەللىسىدە ھازىرقى توقسۇن يېزىسىنىڭ جىسەكقايغۇ كەنتىدە ھاپىز قازى ئاخۇنۇم ئىسىملىك دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپكى ساۋادىنى مەھەللىسىدىكى كىچىك داموللام دىگەن كىشىدە چىقارغاندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىغا كىلىپ، تاتلىق خەلپىتىم دىگەن كىشىنىڭ مەدىرىسدە ئوقۇغان. ئۇ بۇ مەدىرىسدە 2 يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، «قەشقەر خانلىق مەدرس»كە بېرىپ ئوقۇغان. ساۋۇت ھاپىز بۇ مەدىرىستە شىنجاڭ مائارىپ تارىخىدىكى داڭلىق شەخس ئابدۇقادىر داموللام ۋە مامۇتخان داموللام قاتارلىق مەشھۇر ئالىملاردىن دەرس ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.ئۇ بۇ يەردىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، بايغا قايتىپ كىلىپ، بىر مەزگىل مۇددەرسلىك قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ تالىپلىرىغا ئۇ تالىپ لىرىغا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىسىنى سىڭدۈرگەن. بىراق ئەينى دەۋىردىكى دىنىي مۇتەئەسىپلەر ۋە نادان كۈچلەرنىڭ سىقىپ چىقىرىشى، قارشى تۇرۇشىغا ئۇچۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ جاھان كىزىپ، ھەج تاۋاپ قىلىش مەخسىدىدە 1930- يىلى 7- ئايدا قەشقەر ئارقىلىق چاتئەلگە چىقىپ كەتكەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان كاتتا بىر ئىشى ــ سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئىپادىلىگەن ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدۇر.
ساۋۇت ھاپىز داموللامنىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم مەخسۇمنىڭ 1997-يىلى 86 يېشىدا مەرھۇم دادىسى توغرىسىدا يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ساۋۇت ھاپىز داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مەزگىلىدە، شۇ جايدىكى داڭلىق ئالىملارنىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ، ئىلمىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ناتىقلىق سەنئىتى، مول بىلىم قۇرۇلمىسى، نامايەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يوقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ھەم بۇئىش پادىشاھقا بېرىپ يەتكەن.پادىشاھ ساۋۇت ھاپىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقى بىر ئىلىم ساھىبى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ھەمدە ئۇنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتىكى «مەرىسەئى سەۋلىتىيە» دىگەن مەدىرىستە مۇددەرسلىك قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. ئايلىق ئىش ھەققىنى 250 رىيال قىلىپ بەلگىلىگەن. بۇ مەدىرس ھەقىقەتەن ئۆز زامانىسىدا دۇنياغا داڭلىق مەدىرسسلەردىن ئىدى. بىراق ئۇ مۇشۇنداق چوڭ بىر بىلىم يۇرتىدا مۇددەرسلىك قىلىشنى رەت قىلىپ، پادىشاھقا، ئۆز ۋەتىنىدە ياشىنىپ قالغان ئاتا- ئانىسى، خۇتۇن- بالىلىرى قالغانلىقىنى شۇڭا قايتىپ كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ چاغدا پادىشاھنىڭ ساۋۇت داموللامنى زادى قويۇپ بەرگۈسى كەلمەي، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى، خۇتۇن باللىرىنى سەئۇدىي ئەرەبىستانىغا ئەكىلۋېلىشىنى ئېيتىدۇ. شۇ چاغدا يۇرتىمىز بايدىن سەرگەردان بولۇپ چىققان بىر مۇساپىرغا بەخت -ئامەت ئىشىكى ئېچىلغان، سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەتلىك ئالىي بىلىم يۇرتى ئۆز قوينىدىن ئورۇن بەرگەن ئىدى…… ھەيھات ۋەتەن ئىشقى، ۋەتەن مۇھەببىتى ھەممىدىن غالىپ كەلدى. ساۋۇت داموللامنىڭ بۇرنىغا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا تۇپراقنىڭ نەمخۇش ھىدى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلدى. كۆز ئالدىدىن ئانا يۇرت، مەھەللە- ئايماق، دوست، يارۇ- بۇرادەرلەرنىڭ سىماسى بىر- بىرلەپ ئۆتتى. ساۋۇت داموللامنىڭ پادىشاھتىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويدى.  
ــ جاناپلىرىنىڭ كاتتا ئىلتىپاتلىرىغا مىڭ مىراتەم رەھمەت، مىنىڭ ۋەتىنىمدىن ئايرىلىشتىكى يەنە بىر مەخسىدىم، چەتئەللەرنىڭ ئىلغار تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆرۈش ئىدى. ئاللاھ مىرادىمغا يەتكۈزدى. مەن بىر قانچە دۆلەتلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ يوقۇرى تەرەققىياتىنى، باي- باياشاتلىقىنى، ئىلىم- پەن ئارقىلىق قولغا كىلتۈرگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ۋەتىنىمنى جاھالەت باسقان، شۇڭا دۆلەت ئاجىز، خەلقى كەمبەغەل، مەن ئۆز يۇرتۇمغا بېرىپ، خەلقىمنىڭ دىلىنى ئىلىم- پەن ئارقىلىق يورۇتسام، ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرسام دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
مانا بۇ ساۋۇت داموللامنىڭ قىپ- قىزىل يۈرىكى، تومۇرى، ئەل- ۋەتەن سۆيەر غورور- ۋىژدانىدىن ئورغۇپ، قايناپ چىققان ساددا، چىن ۋە ھەقىقىي سۆزلەر ئىدى. ئەنە شۇنداق بىر شارائىتتا، پۇل- مالغا تازا ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان بىر چاغدا يەنىلا ئەل- ۋەتەننىڭ گېپىنى قىلىپ، ئۆز پايدا مەنپەئەتىدىن كېچىش ساۋۇت داموللامدەك ۋەتەن ئوغلىنىڭ قولىدىن كەلمىسە يەنە كىمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.مانا بۇ ھەق گەپلەر پادىشاھنى تەسىرلەندۈردى. ئۇ چىن قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ، داموللامغا زەر يىپتا تىكىلگەن شاھانە تون، سەللە، 10 سوملۇق 5 دانە تىللا ۋە 15 دانە كۆمۈش رىيال ئىنئام قىلىپ، ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.
ساۋۇت ھاپىز داموللام 1931- يىلى 8- ئايدا قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ. ئۇنىڭ قەشقەردىكى بۇرۇنقى ئۇستازلىرى ۋە باشقا ئالىم- ئۆلىمالار ئۇنى قەشقەردە قېلىپ «ىانلىق مەدىرىس»كە مۇددەرسلىك قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. ئۇ بۇ تەكلىپكىمۇ قوشۇلماي، ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن، ئاقسۇنىڭ شۇ چاغدىكى دوتىيى نىياز دوتەي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ بايغا قايتىپ، پەننىي مەكتەپ قۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى،شۇڭا دوتەي جاناپلىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىر پەرمان يېزىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. نىياز دوتەي يارلىقنى يېزىپ بېرىپ، ساۋۇت داموللامنى باي ناھىيىسىنىڭ مائارىپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇ بايغا كىلىپلا ئۆزىنىڭ بورۇنقى شاگىرتى نىمشېھىتنى ئىزدەپ تېپىپ، يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش ئىشىغا جىددىي كىرشىپ كىتىدۇ. ھەمدە 1932- يىلى 11- ئايدا يېڭىچە مەكتەپنى قۇرۇپ چىقىدۇ. خەلق بۇ مەكتەپكە «ئىقبالىيە» دەپ نام بېرىدۇ. مانا بۇ باي ناھىيىسىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ ئىدى. ساۋۇت داموللام تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ ئەتراپتىكى يېزا- كەنتلەرگىمۇ مەكتەپ قۇرۇش ئىشىغا جىددىي كىرشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە بىر نەچچە ئىچىدىلا ناھىيىدىكى ئومۇمىي مەكتەپ سانى 33 كە يىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دارىل مۇئەللىمىن سىنىپلىرىنى ئېچىپ، 125 نەپەر ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ چىقىدۇ. ھەم بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى ۋە ئۆزبېكىستانلارغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ.
ساۋۇت ھاپىز داموللام باي ناھىيىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تازا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقاندا ياۋۇز شېڭ شىسەينىڭ بايدىكى گۇماشتىلىرى 1938- يىلى 4- ئاينىڭ بىر كېچىسى ئۇنى ئۆيىدىن تۇتۇپ كىتىدۇ ۋە ئاقسۇ تۈرمىسىگە يۆتكەپ مەخپى ئۆلتۈرۋېتىدۇ.

ۋەتەنپەرۋەر شائىر نىمشېھىت ئارمىيا ئېلى سايرامى

     
كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغا شائىر”نىمشېھىت “ ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906- يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىغا قاراشلىق «تېزەكقاغا» كەنتىدە (ھازىرقى توقسۇن يېزىسىنىڭ جىسەكقايغۇ كەنتىدە) ئېلىئاخۇن ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دىخان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئوغۇلنىڭ ئوتتۇرانچىسى بولۇپ، كىچىك ئىنىسى ئابدۇقادىر ئېلىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپچى ئىدى. ئۇ 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا گومىنداڭچىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئارمىيە ئېلى دەسلەپكى ساۋادىنى ئۆز مەھسەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقىرىدۇ. 1922- يىلدىن 1930- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ بىلىم ئىزدەپ، باي، كۇچا ناھىيىلىرىنىڭمەدىرىسلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1930- يىلى ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا يېزىلغان «بازار ۋە مازار» ناملىق شىئېرلار توپلىمى، يازما ھالغا دوستلىرى ۋە خەلق ئارىسىغا تارقىلىدۇ. كېيىن ئۇ قەشقەرگە بېرىپ، «خانلىق مەدرىس»كە كىرىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ مۇشۇ جەرياندا شىئېر يېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، «مادارا ئەئىزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شىئېرلار توپلىمىنى يېزىدۇ. ئارقىدىنلا «ئەنۋارۇل ھۇدا» (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق شىئېرنى جامائەتكە تەغدىم قىلىدۇ.
1933-يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق ۋە تەرەپبازلىق ئۇرۇشلىرىدا شائىر يارلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن «نىمشېھىت» (يېرىم جان) دىگەن تەخەللۇس بىلەن مەيدانغا چىقىپ، ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تىنى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن بايغا قايتىپ كىلىپ، ساۋۇت داموللام بىلەن بىرلىكتە پەننىي مەكتەپ قۇرۇش ئىشىغا جىددى تۇتۇش قىلىدۇ. ھەمدە «قېرىيە» دىگەن تاغلىق كەنتتىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.
1936- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئويغۇر مەدەنىي ئاقاريىش ئويۇشمىسى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ناملىق گېزىت چىقارغاندا نىم شېھىت شۇ گېزىتنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە يۆتكەپ كىلىنىدۇ. ئۇ 1945- يىلغىچە بولغان 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇ گېزىتخانىنىڭ مەسئول مۇھەرىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1943- يىلى 9- ئايدا شائىر ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا سۈرگۈن ھىساۋىدا بارغان لۇتپوللا مۇتەللىپ بىلەن تونىشىدۇ. ھەمدە خىزمەتداش بولۇپ بىرلىكتە ئىشلەيدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا شائىر خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن «مىڭ ئۆي ۋە فەرھات ــ شېرىن» داستانىنى يېزىپ ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ. ئارقىدىن «لەيلى ــ مەجنۇن» داستانىنى ئوپېرا قىلىپ يېزىپ سەھنىلەشتۈرىدۇ. «مىڭ ئۆي ۋە ئاەرھات ــ شېرىن» داستانىنىمۇ سەھنىلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. بىراق شائىر بۇ چاغدا يەنە ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولىدۇ. ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ باش دوختۇرى ئۇنى” ئۆلىدۇ “ دەپ قاراپ داۋالىمايدۇ. ئاقسۇ گېىتخانىسى داۋالىتىش چىقىمىدىن قېچىپ، شائىرنى ئىشتىن بوشىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شائىر نىمشېھىت نائىلاج قولىدا بار مال- مۆلىكىنى سېتىپ، ھارۋا بىلەن ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى تېزەكقاغا كەنتىگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ 1945- يىلى ماي ئايلىرى ئىدى. بىراق ئۇ ئۆلمىدى. بارغانچە ياخشىلاندى، ياشىدى، يازدى.
1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سوپاخۇن باشچىلىقىدىكى قوراللىق قىسىملىرى «قېرىيە» ئارقىلىق بايغا ــ جەنۇبىي شىنجاڭغا چۈشىدۇ. 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى مىللى قوشۇن باي ناھىيىسىنى گومىنداڭچىلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلىدۇ. شائىر ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ قوشۇنغا پىدائى بولۇپ كىرىپ، «قوماندانلىق شىتاپ» نىڭ تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئول بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1945- يىلى10- ئاينىڭ1- كۈنى مىللى ئارمىيەنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قىسىملىرى بۇيرۇققا بىنائەن ئىلىغا قايتقاندا، شائىر ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئىلىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ يەردە مىللى قوشۇن تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش ئىشخانىسى» دا ئىشلەيدۇ.
1948- يىلى 1- ئاۋغۇست ئىلىدا «شىنجاڭدا تېنچلىق خەلقچىللىقنى  ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلۇپ، شائىر بۇ ئىتتىپاقنىڭ كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق» ژورنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. بۇ جەرياندا «فەرھات ــ شېرىن» داستانىنى تولۇقلاپ يېزىپ، ئىلى گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ. ھەم ئايرىم كىتاپچە قىلىپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن 3000 مىڭ نۇسخا كۆپەيتىپ تارقىتىدۇ. «لەيلى ــ مەجنۇن»، «فەرھات ــ شېرىن» قايتىدىن ئوپېرالاشتۇرۇپ، ئىلى سەھنىلىرىدە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن شىئېر، ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. «يىلان مۈڭگۈزى»، «رەمبال» قاتارلىق خەلق چۆچەكلىرىنى رەتلەپ ئىشلەيدۇ.
ئۇ 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى غۇلجىدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئازاتلىق تېڭىنى كۈتۋالدى.
1952- يىلى 1- قېتىم  ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۆلكىلىك ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ خەلق ۋەكىللەر كونفېرىنسىيىسىگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى. 1957- يىلى مايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ــ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. ئۇ كۆزگـە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى. كەسپىي قەھەتتىن خېلى پىشقان، ئۆزلىكىدىن تىرشىپ ئۆگىنىپ چېنىققان ژورنالىست. شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا ئۇسلوپ شەكىللەندۈرگەن شائىر.
لىن بىياۋ ۋە «تۆت كىشىلىك گوروھ» زورلۇق ــ زومبۇلۇق قىلغان يىللاردىمۇ ئۇ زور غەيرەت ۋە يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئىشلەپ، «يۈسۈپ ــ زۇلەيخا» داستانىنى ۋە «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» دىگەن شىئېرى روماننىڭ 1500 كوبلېتىنى يازدى. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە شىئېرى رومانغا يانداپ، 300 دەك رۇببائىمۇ يازدى.
1972- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى مەرھۇم شائىر «تۆت كىشىلىك گوروھ» نىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئېچىنىشلىق ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. 1979- يىلى ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

يېتىشكەن پىداگوك ئابدۇللا داۋۇتوپ

ئابدۇللا داۋۇتوپ باي ناھىيىسىنىڭمائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ساۋۇت داموللامغا ئوخشاشلا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن ۋە شۇ يولدا ئەزىز جېنىنى تەسەددۇق ئەيلىگەن نامى ئۆچمەس مەرىپەت جەڭچىسىدۇر. ئۇ 1918- يىلى باي ناھىيىسىنىڭ كۈيىباغ يېزىسى 1- كەنتىدە (ھازىرقى توقسۇن يېزىسىنىڭ كونا شەھەر كەنتىدە) ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.دەسلەپكى ساۋادىنى ئۆز ممەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقارغان. 1933- يىلى 15 يېشىدا ساۋيت داموللام ئاچقان مەكتەپنىڭ تۇنجى قارارلىق دارىلمۇئەللىمىن سىنىپىغا كىرىپ، 1934- يىلى 9- ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىنجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، داۋانچى يېزىسىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېۋەتىلگەن ۋە شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى قۇشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. 1936- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىقىپ، ئۆزبېكىستاندىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنۋېرستېتى» دە ئوقۇغان. مەكتەپنى پۈتتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1943- يىلى ئائىلىسى بىلەن باي ناھيىسىگە قايتىپ كىلىپ، «ئىقبالىيە» دەپ ئاتالغان 1- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بۇ جەرياندا ساۋۇت داموللامنىڭ ئىلغار ئىدىيىسى ۋە ئىشلىرىغا ۋارسلىق قىلىپ، بۇرۇختۇملۇق ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان مائارىپ ئىشلىرىنى قايتىدىن قانلاندۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مۇۋاپىقىيەتلىرىنى، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان. بىراق گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئابدۇللا داۋۇتۇپنىمۇ كۆزگە قادالغان مىق دەپ قاراپ، 1945- يىلى ئاقسۇغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش باھانىسى بىلەن ئېلىپ بېرىپ تۈرمىگە تاشلىغان. شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى لوتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئىنقىلاپچىلاربىلەن بىرلىكتە  ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-17 21:54  



Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
77
تىللا
247
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 11:16:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق قاتارلىق زىيالىيلىرىمىزنىمۇ يوللاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولاركەن...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 05:23 , Processed in 0.100053 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش