گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 259|ئىنكاس: 6

ئۈچ كۈنلۈك شوجاڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
8
تېما
32
قىزغىنلىق
366
تىللا
1064
تۆھپە
277
توردا
22 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 20:30:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈچ كۈنلۈك شوجاڭ
(ھېكايە)

ئۈژۈمباغ كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى يېزىغا يىغىنغا كەتكەن مۆمىن شوجاڭنىڭ‹‹ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن چۈشمەي تۇرسۇن!››دېگەن تېلېفون سۆزى بۇيىچە كەچ سائەت يەتتىلەرگىچە ساقلىدى.قورساقلار ئېچىپ،سەۋر-تاقەت تېشىپ،بەزىلەر كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغاندا مۆمىن شوجاڭ ‹‹بەخت››ماركىلىك كونا موتوسىنى گۈكۈرتىپ مەكتەپ قوروسىغا كىرىپ كەلدى.ھەممەيلەن ئىشخانىغا جەم بولدى.
-دۈشەنبە كۈنى ناھىيە يېزىمىزنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ  تاپشۇرۋالغىلى كېلىدىكەن.ئالدىنقى قېتىملاردا يېزىمىز بۇ خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىدۇق.دۈشەنبە كۈنى چوقۇم ئۇڭشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن،ئەتە،ئۆگۈن ئىككى كۈن قاتتىق تەييارلىق قىلىپ،ئارخىپلىرىمىزنى بىرمۇ يۇچۇق قالدۇرماي تولۇق ئىشلەيدىكەنمىز.بۇ قېتىمقى باھالاشقا كۆرسىتىدىغانغا يەنە بىزنىڭ مەكتەپكە چەك چىقتى.ھازىر قايتىپ،ئەتە كۈندىكىدەك دەل ۋاقتىدا ئىشقا ئۈلگۈرۈپ كېلىڭلار!
-يائاللا ئۆلتۈرۈپ قويۇدىغان ئوخشايدۇ بۇ باھالاش بىزنى!
-شوجاڭ،ئارخىپلىرىمىزنى تولۇق ئىشلەپ بولغان تۇرساق،يەنە نېمە ئارخىپ ئىشلەيمىز؟
-ئۇكام،سىز ئالدىنقى قېتىممۇ ئارخىپلىرىمنى تولۇق ئىشلەپ بولدۇم،دېدىڭىز.ھە دېسەم،باھالاش كەلگەندە تۈزۈم تۈزۈش توغىرسىكى تۈزۈم بىلەن مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقانلىق توغىرسىدىكى ئوقتۇرۇشنى كۆرسىتىڭ دېسە،يوق دەپ تۇردىڭىز.تولا ئاتكاچىلىق قىلماي ئىشلەڭ دېگەندىكىن ئىشلەڭ!
-ماقۇل ئىشلەيلى.شەنبە،يەكشەنبە ئىككى كۈنلۈك ئارتۇق ئىشلىگەن ئىش ھەققىمىزنى بەرسىلە ئەمىسە!
-ئىشلىسىڭىز ماڭا ئىشلىمەيسىز،گوڭسەنداڭغا ئىشلەيسىز،ئىش ھەققى ئالسىڭىز،بېرىپ گوڭسەنداڭغا دەڭ!
-گوڭسەنداڭغا دېدىم،شەنبە،يەكشەنبە كۈنى ئارام ئېلىڭلا دەيدۇ گوڭسەنداڭ!
-قاچان شۇنداق دېدى؟ نەدە شۇنداق دېدى؟قايسى گوڭسەنداڭ شۇنداق دېدى؟ماڭا بىر كۆرسىتىڭا قېنى؟
مۇرات بىلەن مۆمىن شوجاڭنىڭ جىدىلنى ھېچكىم ئاجراتمىدى.راستىن ئېيتقاندا ھەممەيلەن مۇراتنىڭ دېگەنلىرىنى ياقلايتى.مۇرات بىردەمدىلا تارتمىسىدىن كىچىكرەك بىر كىتابچىنى چىقىرىپ مۆمىن شوجاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
-ئوبدان قارىسىلا،ماۋۇ گوڭسەنداڭ چىقارغان قانۇن!
-كۆتۈرۈڭ ئۇ  قانۇنىڭىزنى ئۇكام،ئۇنداق قانۇن دېگەن قىرائەتخانىدا تولا!
-كۆتەرسىلە سىلىمۇ شەنبە،يەكشەنبە ئىشلەيمىز دېگەن گەپلىرىنى!چاچ ئۆسسە بۈدۈر بولىدۇ،ئوقۇتقۇچى ئۆسسە مودېر بولىدۇ، سىلىدەك لاتا قاسقاس شوجاڭمۇ جاھاندا تولا.
-مەن لاتا قاسقاس بولسام،سەن قىلامسەن ئەمىسە شوجاڭلىقنى؟!
-قىلسام قىلدىم،قانچىلىك ئىشتى ئۇ شوجاڭلىق دېگەن.
-ئالە مەنە شوجاڭلىقنى!-مۆمىن شوجاڭ تارتمىسىدىن قەلەي قۇتىنىڭ ئىچىدە ساقلاۋاتقان مەكتەپ تامغىسىنى ئېلىپ مۇرادنىڭ چېكىسىگە ئاتتى.
ئىشخانىدىكى جىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.مۇراد   يەنىلا  ئېغىر-بېسىق ئولتۇراتتى.
-ماقۇل،تامغىنى ئاتتىلا،شوجاڭلىقنى ماڭا بەردىلە شۇنداقمۇ؟!
-بەردىم!
- شوجاڭلىقلىرىنى ئالدىم،بولدى ھېساپ! ئەخلاقى تەربىيەنى باھالاشقا ئۆزەم ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن،سىلە ئەركىشى بولسىلا،ئەركىشىگە لايىق غۇرۇرلىرى بولسا،ئۈچ-تۆت كۈن ئىشخانىغا،يوقۇرىغا،يەنە بىرسىگە شوجاڭلىقمنى تارتىۋالدى دەپ يىغلىماي ئولتۇرۇپ تۇرسىلا،ئەخلاقى تەربىيەنى يوقۇرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ شوجاڭلىقلىرىنى يەنە ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن.ئەمىسە،مەن شوجاڭ بولۇپ قالدىم،قالغانلىمۇ ئاغزىمىزنى ئۈچ-تۆت كۈن يۇمۇپ تۇرۇپ تۇرىلى،خىزمەت دېگەننى قانداق ئىشلەيمىز بىر كۆرسىتىپ قوياي!بۈگۈن مۆمىن شوجاڭ مەكتەپنى بېقىپ تۇرسۇن،قالغانلار ئۇتتۇر سايرامغا-مۇزات رېستۇرانىغا بارىمىز.مەن مېھمان قىلىمەن.بۇكەم بولغاندا ئۆيگە بېرىپ نىكەمدە تاماق پىشۇرۇپ يەيسىلەن!شەنبە،يەكشەنبە ئوبدان ئارام ئېلىپ دۈشەنبە كۈنى ئىشقا ئۈلگۈرۈپ كەلسەڭلار بولىدۇ.يوقۇرىدىن ھەرقانداق جاۋابكارلىق كەلسە،ئاۋۇ داڭنى ئېسىپ قويغان ئۈژمىگە تەتۈر ئېسىپ سويىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن ئىگە،ھەممە مەسۇليەتنى تولۇق ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن!قانداق مۆمىن شوجاڭ،مەكتەپ بېقىپ تۇراملا ؟يا سېلىمۇ بىز بىلەن باراملا؟
-ھەرقاسىڭلا بېرىڭلا،مەن تولا ئولتۇرغان  ئۇنداق رېستۇراندا!
-بىز شوجاڭ بولمىغاندىكىن جىق ئولتۇرالمىغان،بۈگۈن بىر ئولتۇرۋالىلى،ئەمىسە مەكتەپ سىلىگە قالدى.ئىسىمدە بار چاغدا دەپ قوياي،ئەمەت مۇئەللىم سىلىنىڭ تۈنۈگۈنكى سېرىق ئوغلاقلىرىنى دۈشەنبە كۈنى بالىلىرى ھېتلىگەچ كېلىپ،ما مەكتەپنىڭ بېغىغا باغلاپ قويسۇن،ماقۇلمۇ-يە؟
-ماقۇل.
شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن موتۇلارغا مىنگىنىچە سايرامغا يۈرۈپ كەتتى.مۆمىن شوجاڭ دومسايغىنىچە مەكتەپتە تىكەندەك يالغۇز قىلىپ قالدى.

X                         X   

      
راست دېگەندەك،دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا ناھيىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە باھالاش گۇرۇپپىسى مەكتەپ قورۇسىغا ماشىنا بىلەن كىرىپ كەلدى.مۇراد ئوقۇتقۇچىلارنى باشلاپ رەھبەرلەرنىڭ ئالدىغا خۇددى كونا ئەل-ئاغىينىلىرىنىڭ ئالدىغا چىققاندەك ھۇدۇقماي چىقىپ كۆرۈشتى.
-ھە مۇراد،مۆمىن شوجاڭ كۆرۈنمەيدىغۇ،ئۇ يوقما؟-دېدى يېزا مائارىپ ئىشخانا مودېرى مۆمىن شوجاڭنىڭ ئىشخانىدا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىدىن بىخەۋەر ھالدا،-تەكشۈرگۈچىلەرنى نەگە باشلايسىلەر!
-بار،بېغىمىزدا ئۈژۈم بەك بەلەن پىشىپ كېتىپتۇ.باغقا كىرىپ ئۈژۈمگە بىر ئېغىز  تېگىڭلا،ئەتىگەندە بىر قېتىم ئۈژۈم يىسە،ئادەمنىڭ ئۆمۈرى ئون يىل ئۇزۇرايدۇ دەيدۇ.
-ئاۋال تەكشۈردىغاننى تەكشۈرۋېتىپ،ئاندىن يىمەيمىزمۇ ئۈژۈمنى.
-ھېلى ھاۋا ئىسسىپ كەتسە،ئۈژۈمنىڭ تەمى بولمايدۇ.ئاۋال ئۈژۈمگە بىر ئېغىز تېگىپ،ئاندىن خىزمەت تەكشۈرمەمسىلە.
-شۇنداق قىلىلى،يېڭى يىل كىرگەندىن بېرى ئۈژۈمگىمۇ ئېغىز تەگمەپتىكەنمىز.
جېق تالاش-تارتىش قىلمايلا رەھبەرلەر باغقا قەدەم ئالدى.ئىككى كۈندىن ياقى مەكتەپتە ئادەم بولمىغاچقا ئۈژۈملەر ھەقىقەتەن مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن ئىدى.باھالاشلار ئۈژۈمىگە خۇددى ھەسەلگە چاپلاشقان چىۋىنلەردەك تىگىش قىلىپ كەتتى.بىر چاغدا بىر تۈپ شاتۇتنىڭ يېنىدا ئوتلاۋاتقان سىمىز سېرىق ئوغلاقنىڭ مەرىشى ھەمەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.
-كىمنىڭ ئوغلىغى بۇ، ھەجەپ بەك سەمىرىپ كېتىپتۇ.
- ئەمەت مۇئەللىمنىڭ ئوغلىقى،مەكتەپتىكىلەرگە سوياي دەپ،ئەكىلىپتىكەن،سىلەرىنىڭ رىسقىڭلا باركەن.ھوي ئەمەت مۇئەللىم!بولسىلا،پىچاق ئاچىقسىلا!مۇشۇنداق چاغدا سويمىغان ئوغلاقلىرىنى قاچان سويىلا!
-ۋوي،ۋوي،ئاچچىقنى يامان قىلمايلى.ئوغلاقنى كەچتە سويۇڭلا.
-سىلىگە سويمىغان ئوغلاقنى كىمگە سويىمىز،سىلە ئاران بىر كەلگەندە مەكتىبىمىزنىڭ ئۈژۈم ئوتۇندا پىشۇرغان  ئوغلاق كاۋىپىغا ئېغىز تەگمەي كەتسەڭلىمۇ  قاملاشماس.ھوي نىجاد،ئاداش قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىن كاۋابداندىن بىرنى تېپىپ چىقىڭلا.
-ساڭا ئەجەل،ماڭا پەرمان،دەپ بۇغۇزلىسىلا ئوغلاقنى ئەمەت مۇئەللىم.

X                         X  

               
تۆت مەكتەپنى كۆزدىن كۆچۈرۈشنى پىلانلاپ كەلگەن باھالاشلار ئۈژۈمباغدا كۈننىڭ قانداق كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا  قالدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ئۈژۈمباغ كەنتنىڭلا ئەمەس،پۈيكۈل يېزا مائارىپىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتۈپ كەتتى.مەكتەپلەردىكى پۈتكۈل ئوقۇتقۇچىلار،شۇنداقلا مائارىپ ئىشخانا مودىرى خۇددى زېمىسىدىكى بىر تاغنى چۆرىۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالدى.مۇراد شۇ كۈنى كەچتىلا مەكتەپ تامغىسىنى مۆمىن مودېرغا قايتۇرۇپ بەردى.ئوغلاقنىڭ پۇلىنى مەكتەپتىكىلەر ئورتاق ئۈستىگە ئالدى...

2008-يىل25-ئىيۇن.

      


تېما
0
قىزغىنلىق
26
تىللا
52
تۆھپە
10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 21:44:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا!!


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
28
تىللا
61
تۆھپە
10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 13:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ يېزىدا ئوقۇتقۇچىكەنسىزدە


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
20
تىللا
74
تۆھپە
10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا باھالاش دىگەن


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
20
تىللا
74
تۆھپە
10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 12:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھالاش دىسە ئوقۇتقۇچىدىنمۇ بەك تۆۋەندىكى بىچارە ‹‹رەھبەرلەر››بەك جىددىلىشىپ كېتىدۇ دىسە.


Rank: 1

تېما
3
قىزغىنلىق
103
تىللا
133
تۆھپە
18
توردا
15 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 21:22:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بۇ ھىكايە ھەقىقەتەن ياقتى. دېمىسىمۇ بەزىدە مۇشۇ يەرلىك كادىرلارنىڭ توۋلىغان ئاللىغانداق شۇئارلىرى نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلارغىمۇ بەك تەسىر قىلىدۇ.ھوقۇقنى قارا كۈچ ۋە ھەيۋىگە تايىنىپ پەش قىلغان ئادەمدىن بەك بىزارمەن.  


http://www.nazugum.com/
http://www.attirgul.net
http://attirgul.blogbus.com/

Rank: 3Rank: 3

تېما
55
قىزغىنلىق
704
تىللا
1441
تۆھپە
103
توردا
136 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 07:22:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانغا باققان دانادۇر .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 05:40 , Processed in 0.104474 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش