گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 188|ئىنكاس: 1

بىر ناھيىدە ئۈچ خوجايىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
8
تېما
32
قىزغىنلىق
366
تىللا
1064
تۆھپە
277
توردا
22 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 20:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر ناھيىدە ئۈچ خوجايىن
(ھېكايە)

بىر ئولتۇرۇش سورۇنىدا بۇ ناھيىدىكى ئۈچ خوجايىن ئۆز  كارامەتلىرىنى بىر-بىرىگە كۆز-كۆز  قىلىشتى.
- مەن مۇشۇ ناھيىنىڭ ئەڭ كاتىسى دېدى،-پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى كۆرەڭلەپ،-ناھيە تەۋەسىدىكى پۈتكۈل يەرلىك دېھقانلارنىڭ تەغدىرى مېنىڭ قولۇمدا.مەن خالىسام ئۇلار باي بولىدۇ،خالىمىسام گاداي.ئىككى يۈز مىڭ دېھقان مەخسۇس مەن ئۈچۈن ئەللىك پىرسەنتتىن ئارتۇق يېرىگە كېۋەز تېرىشقا مەجبۇر.پاختا ئېچىلغاندا ئۆزەم خالىغان باھادا سېتىۋېلىپ،يەنە ئۆزەم خالىغان جايدا،خالىغان باھادا ساتىمەن.شۇ تاپتا زاۋۇتۇمنىڭ ئالدىدا پاختىسىنى ساتالماي تەلمۈرۈپ تۇرغان بىچارە دېھقان بەش يۈزدىن ھەرگىز كەم ئەمەس.
- بۇ قانچىلىك ئىشتى،- دېدى مۇچ،شۇخلا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى،-ئەتىيازدىن بېرى بۇ ناھيىنىڭ ھاكىم،يېزا باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى مەن  ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈپ،سەن دېگەن ئاشۇ ئىككى يۈز مىڭ دېھقانننىڭ ئوتتۇز پىرسەنت يېرىگە مۇچ،شۇخلا تېرىغۇزۇپ بەردى.شۇ تاپتا بەش يۈز تىراكتۇرچە پەمىدور،شۇخۇل زاۋۇتۇمنىڭ ئالدىدا ئۆچۈرەت تۇرىدۇ.
-مېنىمۇ بوش چاغلىماڭلار،- دەپتۇ  ياڭيۇ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ خۇجايىنى،ئەتيازدا سىرتتىن ياڭيۇ ئۇرۇقىنى يۆتكەپ ئەكىلىپ،سىلەر بايا دېگەن ئىككى يۈز مىڭ يەرلىك دېھقاننىڭ ھەممىسىگە كىلوسىنى بىر كوي ئىككى مودىن ساتتىم،ھازىر مەھسۇلاتىنى ئىككى مودىن تۆت موغىچە سېتىۋېلىپ،ئوراپ قاچىلاپ،سىرتقا يۆتكەپ بىر كويدىن سېتىۋاتىمەن.شۇ  تاپتا  زاۋۇتۇمنىڭ ئالدىدا ياڭيۇ باسقان تەرەكتۇرلار بەش يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتا  ئۆچۈرەت تۇرىدۇ.
- مۇنداقچە ئېيتقاندا،بۇ ناھيىدىكى ئىككى يۈز مىڭ دېھقاننى بىز ئۈچىمىزنىڭ  يىللىقچىسى دېسىمۇ بولغىدەك جۇمۇ.
-دېھقانلارلا ئەمەس،ناھيە،يېزىلارنىڭ  باشلىقلىرىمۇ بىز ئۈچۈن بىۋاستە خىزمەت قىلىۋاتىدىغۇ!
- ئۇلارنى نېمە دەيمىز ئەمدى!؟
-نېمە دەيتتۇق،خوجدار دەيلى،بىزنىڭ دېھقانچىلىق مەيداىمىزدىكى مەدىكارلارنى باشقۇردىغان خوجىدارلارغۇ ئۇلار.
-ھا-ھا…!
-شۇنداق قىلىپ بۇ ناھيىدىكى يەرمۇ،ئەرمۇ بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتۈپ بولۇپتىغۇ.
-شۇنداق،ئەمدى ئىككىنچى بىر خوجايىن كەلسە،پۇل تاپقىدەك يەر قالمىدى.
-بار،پۇل تاپىدىغان يەر يەنە بار،ئۇششاق چارۋىلارنى  قىممەت باھادا سېتىپ،باختۇرۇپ،چوڭ بولغاندا ئەرزان باھادا سېتىۋالسا يەنە نۇرغۇن پايدا ئالغىلى بولىدۇ.مەسىلەن:ئىككى يۈز مىڭ دېھقانغا بەش يۈز مىڭ تال چۆجە تاڭدۇق دەيلى،ئۇنى باقتۇرۇپ چوڭ قىلغاندا  سېتىۋېلىپ ھەر بىرسىدىن بەش يۈەندىن پايدا ئالغاندىمۇ ئىككى مىليۇن بەش يۈز مىڭ يۈەن پايدىسى  قالىدۇ دېگەن گەپ.
-دېھقانلار ئالغىلى ئۇنىمىسىچۇ؟
-ئۇنىماي نېمىشقا ئۇنىمايدۇ؟ھۆكۈم قاتتىق بولسا،لاتا قۇزۇقمۇ  يەرگە ئۆتىدۇ بۇرادەر.
........
2008-يىل  سېنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-15 20:04  



تېما
0
قىزغىنلىق
26
تىللا
52
تۆھپە
10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 21:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېغىزىڭزغا ناۋات،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 05:51 , Processed in 0.094369 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش