گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 2155 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سۈبىھى419 تۈنۈگۈن 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەيسەر بول  ،ھەممىسى ئۆتۇپ كېتىدۇ ! ئاخىرى ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىدىغان دۇنياغۇ بۇ

  • سۈبىھى419 ئۈلۈشكۈن 18:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق ، مەن مىسال يالاڭ ئاياق،دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن .   (ئا. ئۇيغۇر)

  • مۇختەرجان ئۈلۈشكۈن 00:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    جۇلا  قىزغا قانداق ياردەم لازىمدۇ ؟ مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم بىرەتتىم .

  • يانتاق 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەجەپ  ياخشى بولدى   شىنجاڭ كوماندسىى يەڭدى

  • دون555 2014-3-25 12:53 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكوم باي ناھىيەسىدىكى قىرىنداشلىرىم كەمىنە دون  ئەپەندىنمدىن سىلەرگە سالام

  • 346775246 2014-3-24 14:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • Mr.Adil 2014-3-23 19:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالام دوسلار   كومپىيوتېر ۋە تەكشلىكتكى ئېلان لاھيلەشتە ياردەم  لازىم  بولسا  مىېنى ئىزدەڭلار!QQ:75681740

كۆرۈش: 2440|ئىنكاس: 1

2.§ باي ناھىيەسىدىكى مەنزىرلىك جايلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

48

تېما

4

دوست

3343

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

يوقلىما
74
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 7
تىللا: 1810
تۆھپە : 349
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-2

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 19:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
7.باپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى،مەنزىرلىك جايلار ۋە ساياھەتچىلىك
باي ناھىيىسى قەدىمدە كۆسەن دۆلىتى قۇم بەگلىكىگە تەۋە ئىدى. ناھىيە تەۋەسىدە ھەر قايسى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارە- ئەتىقىلەر بار. 2000- يىلى 10- ئايدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 67 سى تىزىملىنىپ روھىخەتكە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن: قىزىل مىڭ ئۆيى، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: ئونباش مىڭ ئۆيى، لىيۇ پىڭگونىڭ چېگرا قۇرۇلىنى باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان تاش ئويما، دۇگان قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قۇملۇق ئېقىن قاتارلىقلار بار. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: 61 ى بار.
ناھىيە تەۋەسىدە ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، گۇمانتارلىق مەنزىرە نوقتىسى ۋە تەبىئى مەنزىرە نوقتىسىدىن 124 ى بار. ئۇلار يالغۇز باي ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرلىك جايلىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تارىخي، ئارخىلوگىيەلىك قىممەتكىمۇ ئىگە.
2.§ مەنزىرلىك جايلار
1.قىزىل مىڭ ئۆيى
قىزىل مىڭ ئۆيى باي ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىغا جايلاشغان. غەرىپتە ناھىيە بازىرىغا 60 كىلومېتىر، شەرقتە كۇچا بازىرىغا 67 كىلومېتىر كىلىدۇ.
قىزىل مىڭ ئۆيى ئۆگەن دەرياسى جىلغىسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى مىڭ ئۆي تېغىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى تىك يارنىڭ بېلىگە جايلاشقان. جەنۇپتا چۆل تاغ بار. مىڭم ئۆينىڭ كۆلىمى زور بولۇپ، ئۇ شىنجاڭدىكى .ەڭ موھىم قەدىمقى بۇددا دىنى ئاسارە- ئەتىقىسى. شۇنداقلا ئەڭ قەدىمقى مىڭ ئۆي غارى بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى غەزىنىسى. ئۇنىڭدىكى بارلىق تاش ئۆڭكۈرلەر غەرپتىن- شەرققە ئىككى كىلومېتىر دائىرگە قاتارتىزىلغان. يىرىك ۋە ئۇششاق قۇملۇق تاغ جنىس قاتلىمىدىن تۈزۈلگەن. تەخمىنەن 200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىيادا 251 ئۆڭكۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە 76 ئۆڭكۈرنىڭ شەكلى ۋە ئۇلاردىكى تام سۈرەتلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، 246 غارغا نومۇر سېلىنغان. بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان ئۆڭكۈرلەردىكى نۇرغۇنلىغان تام سۈرەتلىرىنى، قىممەتلىك يادىلارلىقلارنى، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە روسىيە قاتارلىق غەرپ ئەللىرى بولاپ كەتكەن. قىزىل مىڭ ئۆيى مىلادىيە 3- ئەسىردىكى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ مىلادىيە 9- ئەسىردىكى تاڭ، سۇڭ سۇلالىرى دەۋرىگىچە قېزىلغان.
ئۇزاق يىللار داۋامىدا يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا غول قىسىمىدىكى موھىم جاي بولغان كۆسەن رايۇنىدا بۇددا دىنىي كەڭ ئەۋج ئالغان. قىزىل مىڭ ئۆيى دەل شۇ چاغدىكى بۇددا مەدەنىيەتىنىڭ تىپىك نامايەندىسى. بۇ يەردە ئىبادەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدىغان ئۆڭكۈر، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلدىغان ئۆڭكۈر، نوم نوملاش ئۆڭكۈرى، ئېتكاپ ئۆڭكۈرى، ماددىي بويۇملارنى ساقلايدىغان ئۆڭكۈر بولغان. ھەر بىر تۈردىكى ئۆڭكۈرلەر ئوخشىمىغان بىناكارلىق شەكىلى ۋە ئۇسلۇبىغا، روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. مىڭ ئۆي غارلىرىدا 10 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق تام رسىملىرى ساقلانغان. رەسىملەردە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن دائىرسى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇددا دىننىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرىدىن باشقا يەنە قەدىمقى كۆسەن رايۇندىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىگە دائىر مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مىڭ ئۆي سەنئىتى غار، ھەيكەلتاراشلىق، تام رەسىمدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىر گەۋدە قىلىنغان. ئۇنۋېرسال سەنئەت.
قىزىل مىڭ ئۆيىنىڭ بەددىئى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى باشقا مىڭ ئۆيلەردە ئۇچۇرمايدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بار. ئۇ ئۆز جايلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەركىپلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى قاتارلىق چەتتىن كىرگەن كۆپ خىل مەدەنىيەت تەركىپلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، بەرپا قىلىنغان بىر خىل ئالاھىدە ھۈنەر- سەنئەت. ئۇنىڭ تەركىبىي مۇرەككەپ، مەزمۇنى، شەكلى كۆپ خىل، ياسسىلىشى ئۆزگىچە، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى تام سۆرەتلىرىگە ئالاھىدە ماھارەت ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھېلىغىچە رەڭدارلىقىنى يوقاتمىدى. بۇ خىل ئالاھىدىلىك جۇڭگونىڭ بۇددا دىنى تارخى ۋە گۈزەل سەنئەت تارىخنى تەتقىق قىلىشتا، بۇددا دىنى سەنئىتى ۋە گۈزەل سەنئەت نەزىريىسىنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر قىزىل مىڭ ئۆيىنى دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىش مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
قىزىل مىڭ ئۆيى ئېلىمىزدىكى مەشھۇر قەدىمقى بۇددا دىنى مەدەنىيەت خارابىسى. 1961- يىلى گوۋيۇەن قىزىل ميىڭ ئۆيىنى 1- تۈركۈمدە مەمىلكەت بۇيىچە نوقتۇلۇق قۇغدۇلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ ئېلان قىلدى. 1985- يىلى مەدەنىيەت نازارىتى مەخسۇس كۆسەن مىڭ ئۆيى تەتقىقات ئورنى قۇردى. قىزىل مىڭ ئۆي تەتقىقات ئورنىدا ھازىر تەتقىقات ۋە باشقۇرۇش خادىمى بولۇپ، 110 نەپەردىن ئارتۇق خادىم بار. ئۇ يەردە ھازىر مېھمانخانا، ئاشخانا، ماگزىن، كۆرگەزمىخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپ، مىڭ ئۆينى تەتقىق قىلىش، قوغداش، باشقۇرۇش ۋە ساياھەتنى بىر گەۋدە قىلغان. كۆپ ئىقتىدارلىق قەدىمقى مەدەنىيەت سەيلىگاھى بولۇپ شەكىللەندى.
2.ياش تامار بۇلاق ( يىغىلاڭغۇ تاش )
   
ياش تامار بۇلاق باي ناھىيسنىڭ قىزىل يېزا تەۋەسىدە بۇلۇپ ،قىزىل مىڭۆي باغچا رايۇنغا جايلاشقان. باغچا رايۇنغا كىرگەندىن كىيىن 1.5كىلومېتىرلىق پىيادىلەر يۇلى بىلەن ياش تامار بۇلاققا يىتىپ بارغىلى بۇلىدۇ.ياش تامار بۇلاق ئالاھىزەل بىر كۆل بۇلۇپ جەنۇپ تەرىپى كىرىش ئېغىزى شەرق،غەرپ،شىمال تەرەپلىرنى تەخمىنەن 50مېتىرئىگىزلىكتىكى تىك قىيا ئۇراپ تۇرىدۇ. بۇلاق سۆيى ئەشۇ قىيالاردىن سىرغىپ تامچىلاپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەن ئادەم ئۆزىنى بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ. يوقۇردا ھاۋا، ئاستىدا تاغ جىنسلىرى، ئەتراپىدا تىك قىيا ۋە ئۇنىڭ دىن تامچىلاپ چۈشۈپ تۈرۋاتقان تۇزلۇق سۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، مەنزىرسى مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

3.ياقا ئېرىق يارداڭلىقى   
  
ياقا ئېرىق يارداڭلىقى ياقا ئېرىق يېزا تەۋەسىدە بۇلۇپ چۆلتاغنىڭ غەربى باشلىنىش نۇقتسىنىڭ ئوتتۇرا قسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆزگىچە يەر شەكىلىگە ئىگە رايۇن. تاغ جىنىسلىرى ئاساسلىقى بوز، يېشىل، سارغۇچ، قوڭۇر، قىزىل رەڭلىك لاي قاتارلىق قۇم جىنستىن تەركىپ تاپقان. ھەر قايسى قاتلامنىڭ شامالنىڭ يىمىرشى ۋە سۇنىڭ يالىشىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن تاغ يان باغرىدا نۇرغۇن ئۆلچەمسىز ئېرىق ۋە دۆڭلەر ئارلىشىپ كەتكەن يەر شەكلى ھاسىل بولغان. يىراقتىن قارىغاندا بەزىلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد ككتىرىپ تۇرغان ئوردا سارايلىرىغا، قەلئەلەرگە، ئوردىنى قوغداپ سۇنايلىنىپ ياتقان ئاجايىپ- غارايىپ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشىسا، يەنە بەزىلىرى چىللاۋاتقان خورازغا ئوخشايدۇ. يۇقارقى ئوردا- قەلئەلەر، غەلىتە ھايۋانلارنىڭ ئۆزى بۇ جايدا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ كىشىلەرگە مۇشۇ جايدا باردىكىدەك تۇيغۇ بىرىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرسى  ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
4.قاپسلاڭ دەريا بۇيدىكى تاش ئاياغ ئىزى
  
بۇ يەر تىرەك بازىرى تەۋەسىدە بۇلۇپ ناھىيە بازىرىغا 38كېلومېتر كىلدۇ.
تاش ئاياغ ئىزى قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى بىرنچى پەلەمپەي يەردە بۇلۇپ،ئۇنىڭ يېندا چوڭقۇر ھەم تار جىلغا بار .جىلغا بېشىدا سۈيى ئاچچىق بىر بۇلاق بۇلۇپ،بۇلاق سۈيى قۇم تاش جىنسىنىڭ يېرىقلىرنى بويلاپ سىرتقا ئېقىپ چىقىدۇ.ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ سۈيى كۆز كىسەللىكلىرىگە شىپا بۇلۇپ،ھەر يىلى نۇرغۇنلغان يەرلىك ئامما  بۇ يەرگە كىلىپ ،بۇلاق سۈيدە كۆزنى يۇيۇپ كېسلىنى داۋالايدۇ.تاش ئاياغ ئىزى قۇڭۇر رەڭلىك تاشنىڭ ئۈستدە ،بۇ چوڭقۇر بېسلغان سول ئاياغنىڭ ئىزى ،ئىزنىڭ چوڭقۇرلىقى تەخمىنەن ئۈچ سانتېمېتىر ،ئۇزۇنلىقى 28سانتېمېتىر ،كەڭلىگى 9.5سانتېمېتىر .يەنە بىر ئوڭ ئاياغنىڭ ئىزى يۇقىرى ئېقىندىكى  ئارشاڭغا يېقىن تاغ چۇققىسدا، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇشۇ رايۇندا بۆشۈكتىكى بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ تاشقا ئايلانغان ھەيكىلمۇ بار بولۇپ، يەرلىك ئامما  ئۇنى «كېلىن تاش» دەپ ئاتايدۇ.
5.قىزىل ئالۋاستى شەھىرى (شەيتانكەرش)  
ئالۋاستى شەھىرى يارداڭلىقى دەپمۇ ئاتلىدۇ. ئۇ قىزىل يېزىسى بىلەن قېير يېزسى تەۋەسدە، باي ئويمانلىقى بىلەن شەرقىي شىمالدىكى قېير ئويمانلىقى ئارلىقىدىكى ئېدىرىلىق بۇلۇپ،ئۇمۇمىي كۆلىمى 6كۋادىرات كېلۇمېتىر.غەربى جەنۇپتا باي ناھىيە بازىرىغا 70كېلومېتر ،شەرقىي جەنۇپتا كۇچا ناھىيە بازىرىغا 60كېلومېتر كىلدۇ.كۇچا-باي تاشيولى بىلەن بۇلغان ئارلىقى 21كېلومېتر. بۇ جايدا  قۇرغاقچىلىقنىڭ بۇزىشى ،شامالىنىڭ يىمىرشى ،سۇنىڭ يالىشى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن بىر قاتار جىلغا- جىرالار، قىر- بەل، دۆمبەللەر بار. ئۇنىڭ شەكىللىرى ئادەم، كالا، تاشپاقا، تۆگە، موگو، خوراز، مايمۇن، تۆگە قۇش قاتارلىقلارغا ئوخشايدۇ.
6.تېرەك ئارشىڭى (  ئىسسىق سۇ)  
  
بۇ ئارشاڭ تېرەك بازىرى تەۋەسىدە بۇلۇپ ،شەرقىي جەنۇپتا باي ناھىيە بازىرىغا 50كېلومېتر كىلدۇ.تېرەك بازىردىن شىمالغا قاراپ شېغىللىق يول بىلەن بەش كېلومېتر ماڭغاندىن كىيىن يىتىپ بارغىلى بۇلىدۇ.قاپسىلاڭ دەرياسنى بۇيلاپ 200مېتر دائىرىدە ئىسسىق سۇ چىقىپ تۇرىدۇ.سۇنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپۇرتۇرسى 61سېلىسيە گىرادۇس ،ئەڭ يۇقىرى بۇلغاندا 80 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدۇ.ئارشاڭنىڭ جايلىشىش دائىرىسى تەخمىنەن ئىككى كۋادىرات كېلۇمېتر .ئارشاڭ سۈيى قاپسىلاڭ دەرياسىغا قۇيلىدۇ.سۇنىڭ تەركىبدە گۇڭگۇرتنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل مىېنرال ماددىلار بۇلۇپ ،ئېقىپ چىققاندىن كېيىن سېرىق رەڭلىك چۆكىمە ھاسىل قىلدۇ.ئارشاڭ سۈينىڭ مېنرال ماددا تەركبى داۋالاش ئۆلچىمگە يەتكەن بۇلۇپ،يۇيۇنشىقا مۇۋاپپىق كېلدۇ.ئۇ بەدەندىكى تۈرلۈك تېرە كېسەللىكىلىرى ،رىماتېزىم قاتارلىقلارغا شىپا  قىلدۇ. بۇ جايغا داۋالانغىلى كىلدىغانلار يىلغا نەچچە تۈمەنگە يىتىدۇ.
2000-يىلى بۇ ئارشاڭدا خىش ــ بىتون قۇرۇلمىلىق ئالىي مېمانخانا،يۇيۇنۇپ داۋالىنىش ئۆيى،كۆپ ئىقتىدارلىق زال ۋە 600 كىۋادىرات مېتىرلىق سۇ ئۆزۈش كۆلچىكى قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر بەرپا قىلىندى.
7.تېرەك ئورمان باغچىسى  
ئورمان باغچىسى تېرەك بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، شەرقىي جەنۇپتا باي ناھىيە بازىرىغا 47 كىلومېتىر كىلىدۇ. ئاسفالىت يول بىلەن ئۇدۇل بارغىلى بولىدۇ.
باغچا قاپسىلاڭ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ غەرىبىي قىرغىقىدىكى تېرەك سېيىنىڭ سۇ يىغىلىدىغان يېرىگە جايلاشغان. مەنزىرە رايۇنىنىڭ ئوزۇنلىقى تەخمىنەن 3 كىلومېتىر، كەڭلىكى 500 مېتىر، كۆلىمى ئاز كەم 1.6 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
تېرەك ئورمان باغچىسىنىڭ موھىتى گۈزەل، جىمجىت، ئېكىلوگىيىسىنىڭ ئاسىرلىشى مۇكەممەل. ئەسلىدىكى تەبىئى قىياپىتى ئەينەن ساقلاپ قېلىنغان. ئۇنىڭ ئىسسىق سۇ ئارشىڭى بىلەن بولغان ئارلىقى 7 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ ئىككى رايۇننى تۇتاشتۇرۇپ ئېچىپ، ئارام ئېلىش، سالقىنداش، سەيلە قىلىش، داۋالىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان تەبىئى مەنزىرلىك ساياھەت رايۇنى قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.
8.قىزىل كۆل (ئامبار) بويى ساياھەت رايۇنى
ئارامگاھ قىزىل سۇ ئامبىرى  ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇپ تەرپىدە ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئۇدۇل ئارلىقى 53 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى تەخمىنەن 800 كىۋادىرات مېتىر. بۇ جاي ئارام ئېلىش، ئويۇن ــ تاماشا، سەيلە-ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان. ساياھەت ۋە دەم ئېلىش رايونى بولۇپ ھىسدپلىنىدۇ.
9.ئاقبۇلاق ئوتلىقى (يايلىقى)
بۇ ئوتلاق قېيىر يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق يەرنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئۇدۇل ئارلىقى 60.9 كىلومېتىر كىلىدۇ. ئۇ قېيىر يېزىلىق ھۆكۈمەت فېرمىسىنىڭ يايلىقى شۇنداقلا ناھىيە بويىچە بىر قەدەر چوڭ ئوتلاقلارنىڭ بىرى. بۇ يەردىكى ئەڭ ئېگىز تاغ دېڭىز يۈزىدىن 4835 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئۈستىدە يىل بويى قار- مۇز ئېرىمەيدۇ. تاغ باغرىدا شەمشاد ۋە ئوت- چۆپلەر ئۆسىدۇ. 30 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا يايلايدۇ. بۇ يەردە چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن تونۇشۇپ، يايلاق مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.
10.قارىباغ، قېيىر خەلقئارا ئوۋچىلىق مەيدانى

ئوۋچىلىق مەيدانى قاراباغ بىلەن قېيىر يېزىسى ئارلىقىدا بولۇپ، تاش يول ۋە ئاددى يول بىلەن بارغىلى بولىدۇ. كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتقا تەۋە بولۇپ، يازدا قۇرۇق ئىسسىق، قىشتا قەھرىتان سوغوق بولىدۇ. ئەتىيازدا بوران كۆپ چىقىدۇ. كۈزدە سالقىن بولىدۇ. تېمپۇراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ئېگىز تاغدىكى ياۋايى ھايۋانلار تاغ باغرىغا يۆتكىلىدۇ. بۇ يەردە بۇغا، بۆكەن، ئۇلار، بۆرە، تۈلكە، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، يىلپىز، ياۋا توڭگۇز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ.
بۇ يەر ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات بايلىقىنى، شۇنىڭدەك ئېكىلوگىيەلىك موھىتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى قوغداش پىرىنسىپى ئاستىدا، خەلقئارالىق ياۋايى ھايۋانات ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش، موزېيلار ئۈچۈن ئەۋرىشكە تەييارلاش مەخسىدىدە خەلقئارالىق ئوۋچىلىق مەيدانى قىلىشقا لايىقلاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە خەلقئارالىق ئوۋچىلاردىن بىر قانچە ئادەم قېتىم كۈتىۋالدى.


باھا سۆز

زۇلئاي  بولسا سۈرىتىنىمۇ قۇشۇپ قويغان بولسا بەك ياخشى بۇللتىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 22:55
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
admin + 5 + 5 + 3

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5  تىللا + 5  تۆھپە + 3   باھا خاتىرىسى

22

تېما

31

دوست

4950

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1780
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1680
تۆھپە : 44
توردا: 142
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 00:22:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى   تېما   يوللاپسىز     


ئەسىلامۇەلەيكۇم   ياخشىمۇسىلەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-4-3 00:34 , Processed in 0.274289 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش