گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 2155 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سۈبىھى419 تۈنۈگۈن 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەيسەر بول  ،ھەممىسى ئۆتۇپ كېتىدۇ ! ئاخىرى ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىدىغان دۇنياغۇ بۇ

  • سۈبىھى419 ئۈلۈشكۈن 18:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق ، مەن مىسال يالاڭ ئاياق،دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن .   (ئا. ئۇيغۇر)

  • مۇختەرجان ئۈلۈشكۈن 00:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    جۇلا  قىزغا قانداق ياردەم لازىمدۇ ؟ مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم بىرەتتىم .

  • يانتاق 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەجەپ  ياخشى بولدى   شىنجاڭ كوماندسىى يەڭدى

  • دون555 2014-3-25 12:53 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكوم باي ناھىيەسىدىكى قىرىنداشلىرىم كەمىنە دون  ئەپەندىنمدىن سىلەرگە سالام

  • 346775246 2014-3-24 14:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • Mr.Adil 2014-3-23 19:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالام دوسلار   كومپىيوتېر ۋە تەكشلىكتكى ئېلان لاھيلەشتە ياردەم  لازىم  بولسا  مىېنى ئىزدەڭلار!QQ:75681740

كۆرۈش: 2479|ئىنكاس: 4

1.§ باي ناھيىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

48

تېما

4

دوست

3343

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

يوقلىما
74
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 7
تىللا: 1810
تۆھپە : 349
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-2

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 19:26:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
7.باپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى،مەنزىرلىك جايلار ۋە ساياھەتچىلىك
باي ناھىيىسى قەدىمدە كۆسەن دۆلىتى قۇم بەگلىكىگە تەۋە ئىدى. ناھىيە تەۋەسىدە ھەر قايسى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارە- ئەتىقىلەر بار. 2000- يىلى 10- ئايدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 67 سى تىزىملىنىپ روھىخەتكە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن: قىزىل مىڭ ئۆيى، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: ئونباش مىڭ ئۆيى، لىيۇ پىڭگونىڭ چېگرا قۇرۇلىنى باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان تاش ئويما، دۇگان قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قۇملۇق ئېقىن قاتارلىقلار بار. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: 61 ى بار.
ناھىيە تەۋەسىدە ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، گۇمانتارلىق مەنزىرە نوقتىسى ۋە تەبىئى مەنزىرە نوقتىسىدىن 124 ى بار. ئۇلار يالغۇز باي ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرلىك جايلىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تارىخي، ئارخىلوگىيەلىك قىممەتكىمۇ ئىگە.
1.§ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارە- ئەتىقىلەر
1. تاش غارلار
ناھىيە تەۋەسىدە تاش غارلاردىن ئونباش غارى، تېتىر غارى، ئاقتاش غارى، ئۆكە دۈۋە غارى، قارا سۇ غارى، تامچە بۇلاق غارى، دۇگان غارى، ساقاتقا غارى، قاتارلىق 44 غار بار. ھازىرغىچە 15 غار بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان.
ئونباش غارى تەخمىنەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كولانغان بولۇپ، چۆل تاغنىڭ شىمالىي قاپتىلى تەرەپتە جەنۇپتىن شىمالغا سوزۇلغان يار جىلغىسىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان.
جىلغىنىڭ شەرقىي ۋە غەرىبىي قىرغىقىدىكى تاغ قاپتىلىدا 10 ئېغىز تاش غار بار. كۆپۈنچىسى غەرىبىي قىرغاققا جايلاشقان. شىمالدىن جەنۇپقا ئۇزۇنلىقى 600 مېتىر، شەرىقتى  غەرىپكە كەڭلىكى 200 مېتىر بولۇپ، كۆلىمى 1.12 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە تاش غار، مىڭ ئۆي، ئىبادەتخانا، شۇنىڭدەك مىس تاۋلايدىغان، پۇل قۇيۇدىغان ئاسارە- ئەتىقە ئىزلىرى بار.
2.قەدىمىي قەلئە
ناھىيە تەۋەسىدە يامغۇرلۇق قەلئەسى، سايرام بازىرى قەدىمىي قەلئەسى، قارا دۆڭ قەدىمىي قەلئەسى، ئۆتەڭ قەدىمىي قەلئەسى، كونا شەھەر قەدىمىي قەلئەسى، خىتاي شەھرى قەدىمىي قەلئەسى، قىزىلتۇر قەدىمىي قەلئەسى، سايدۆڭ شەھرى قەدىمىي قەلئەسى قاتارلىقلار بار. قەدىمىي قەلئەلەردىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان ئۆتەڭ قەدىمىي قەلئەسى، قارا دۆڭ قەدىمىي قەلئەسى، يامغۇرلۇق قەدىمىي قەلئەسىدىن باشقىلىرىنىڭ خارابىسىدىن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىزناسىنى ئاساسەن ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ.
        ئۆتەڭ قەدىمىي قەلئەسى، قىزىل يېزىسى ئۆتەڭ كەنتىنىڭ تەخمىنەن 2000 مېتىر شەرقىي شىمالىدا بولۇپ، جەنۇپتا باي- كۇچا تاشيولىغا 2.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەرپتە تەخمىنەن 300 مېتىر يىراقلىقتا قىزىل دەرياسى بار. قەلئە ئىچىدىكى يادىكارلىقلارئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان. قالغان نەرسىلەر كۆپ ئەمەس. تېپىۋېلىنغان چاقچۇق پارچىلىرىنىڭ سۈپىتى، رەڭگى، شەكىلى ۋە تۈگمەن تېشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تەھلىل قىلغاندا، بۇ قەلئەنىڭ تەخمىنەن تاڭ سۇلالىسى زامانىدا ياسالغانلىقى مەلۇم.
        يامغۇرلۇق قەلئەسى، نەسىللىك قوي فېرمىسىنىڭ 2- لىيەن يامغۇرلۇق كەنتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن تاڭ سۇلالاىسى دەۋرىدە ياسالغان.
        سايرام بازىرى قەدىمىي قەلئەسى، سايرام يېزىسىنىڭ 1.5 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ئېگىز- پەس، پەلەمپەي يەرگە جايلاشقان. قەلئە يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، ئايلانما ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدۇ. قەلئە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان. ئوغۇرلۇقچە قازغان نۇرغۇن ئىزلار بار.
        قارا دۆڭ قەدىمىي قەلئەسى، سايرام يېزىسىدىكى «قارا دۆڭ» دەپ ئاتىلىدىغا بۇلاقنىڭ شىمالىدىكى ئېتىزلىقتا بولۇپ، ئايلانما ئوزۇنلىقى 500 مېتىر كېلىدۇ.
        قىزىلتۇر قەدىمىي قەلئەسى، بۇ قەلئە قىزىل دەرياسىنىڭ غەرىبىي قىرغىقىدا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 5 كىلومېتىر جەنۇبىدا بولۇپ، چۆل تاغقا ئۇدۇل كېلىدۇ. شەرىقتە 9 كىلومېتىر يىراقلىقتا قىزىل مىڭ ئۆيى بار. ھازىر جەنۇپ، شىمال، غەرپ تەرەپتىكى ئۈچ تېمى قالغان.
3.قەدىمىي قەبرىستانلىقلار

ناھىيە تەۋەسىدە قەدىمىي قەبرىستانلىقلار بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدۇر. قەبرىلەر يەر يۈزى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. تاش قەبرە ،قورشالما تاش قەبرە ،تاش تۈرۈم قەبرە ، بالباللىق تاش قەبرە.
قىزىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قەدىمىي قەبرىلەر ۋە دۇگان قەبرىستانلىقىدىن باشقا قەبرىلەر تېخى قېزىلمىدى.
ناھىيە تەۋەسىدە قىزىل دەريا ۋادىسى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، بەشتوغراق قەدىمىي قەبرىستانلىقى، دۇگان قەبرىستانلىقى، بولغۇرنىڭ سېيىدىكى تاش قەبرىلەر، دۈۋە تاش تاش قەبرىلىرى، بوز قېرىق تاش قەبرىلىرى، چامغۇرلۇق تاش قەبرىلىرى، ئارگۇم تاش قەبرىلكىرى، مىس بۇلاق تاش قەبرىلىرى، قاراسۇ تاش قەبرىلىرى، ئاقتاش تاش قەبرىلىرى، ئۆسكەم تاش قەبرىلىرى، ياربويى تاش قەبرىلىرى، يامغۇرلۇق تاش قەبرىلىرى، ساقاتقا تاغ تاش قەبرىلىرى، كۆتەكتۇر راش قەبرىلىرى قاتارلىق قەبرىلەر بار.
1-قىزىل دەرياسى بويىدىكى قەدىمقى قەبرىلەر: قىزىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىن  شەرقىي ۋە غەرىبىي قىرغاقلىرىدا پەلەمپەي يەرلەرگە كەڭ تارقالغان. 1990 ـــ 1991- يىللىرى يازدا دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئورنى قىزل سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ، قىزىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قەدىمىي قەبرىلەرنى ئىككى يىل ئارخېلوگىيەلىك قېزىپ، بىرونزا دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تۈركۈم قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىۋالدى.
2-دۇگان قەبرىستانلىقى: ياتۇ يېزا دۇگان مەھەللىسىنىڭ ئۈچ كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا، غەرىبىي تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغاقتۇر تېغى ئارىسىدىكى تىنما سايغا جايلاشقان. بۇ قەبرىلەر غەرىبىي جۇ سۇلالاىسىدىن ئەمىنىيە دەۋرىگىچە بولغان قەدىمىي قەبرە توپى بولۇپ، 306 دىن ئاشىدۇ. 1999- يىلى 8- ئايدىن 10- ئايغىچە جۇڭگو ئىجىتمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتوتى 100 قەبرىنى ئارخېرلوگىيەلىك قېزىپ، بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپتى.
4.قىياتاش رەسىملىرى ۋە باشقا خارابىلەر
ناھىيە تەۋەسىدە بوزقىر جىلغىسى قىياتاش رەسىملىرى، تاشقۇتان تاش ئويمىسى، شاترىق قىياتاش رەسىملىرى قاتارلىق قىياتاش رەسىملىرى بار.
باشقا قىممەتلىك خارابىلەردىن يار بويى تاش قۇراللار خاراببىسى، قاراسۇ ئىبادەتخانا خاراببىسى، قىزىلتاغ بۇتخانا خاراببىسى، تەنتام بۇتخانا خارببىسى، كوناشەھەر قەدىمىي خاراببىسى قېيىر يېزا داكان مەھەللە شەھەر خاراببىسى، سارايتام تۆرى، بوزقىرىق جىلغىسى ئىستىھكامى، مىستېمى خاراببىسى، ئۆسكەم خاراببىسى، كۆتەكتۇر خاراببىسى قاتارلىقلار بار.
5.قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
▲كۆسەن يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈك پارچىسى: 1907- يىلى فرانسىيەلىك فېللىئوت كۇچانىڭ تۇزلۇق جىلغىسى يېنىدىكى قىزىل قاغا تاش غارىدىن كۆسەن يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈكنى بايقىغان. مىنگونىڭ 17-يىلى (1928- يىلى) فروپىسور خۇاڭ ۋېنبى تارىم ئويمانلىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، باي ناھىيىسىنىڭ قىزىل مىڭ ئۆيىنىڭ غەرىبىي رايۇندىكى دەسلەپكى ئۆڭكۈردىن كۆسەن يېزىقىدىكى تۆت تال تارشا پۈتۈكنى تاپقان. بۇ شۇچاغدىكى سودا كارۋانلىرىنىڭ چازىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن بېرىلگەن يول خېتى ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ تارشا پۈتۈكلەرنىڭ تېپىلىشى قەدىمقى دەۋىردە باي تەۋەسىدە كۆسەن تىل- يېزىقى قوللۇنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
▲قەۋرىلەردىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكاررلىقلىرى: قىزىل سۇ ئامبىرىدىكى قەۋرىلەردىن يوغان ئېغىزلىق، جوغىلىق، بوغما بويۇنلۇق يۇمىلاق چۆگۈن. ئېگىز جوغىلىق، توم بويۇنلۇق ساپال قاچا. جوغىلىق ئىدىش. رەڭلىك ساپال تەلەڭگە قاتارلىق بويۇملار چىققان. دۇگان قەبرىلىرىدىن تۇچ، تۆمۈر،. تاش، سۆڭەك، قۇلۇلە قېپى سايمانلىرى چىققان.
يوغان ئېغىزلىق جوغىلىق، بوغما بويۇنلۇق يۇمىلاق چۆگۈن مىلادىدىن ئىلگىركى 5- ئەسىرگە تەۋە بويۇم بولۇپ، قىزىل سۇ ئامبىرىدىكى قەبرىستانلىقتىن چىققان. ھازىر شىنجاڭ ئارخېلوگىيە ئورنىدا ساقلانماقتا.
ئېگىز جوغا توم بويۇنلۇق ساپال قاچا مىلادىدىن ئىلگىركى 10- ئەسىرگە تەۋە بويۇم. قىزىل سۇ ئامبىرى قەبرىستانلىقىدىن چىققان. ھازىر شىنجاڭ ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا.
چىمىلدىقسىمان سىزىقچە چۈشۈرۈلگەن جوغىلىق ئىدىش مىلادىدىن ئىلگىركى 10- ئەسىرگە تەۋە بويۇم. قىزىل سۇ ئامبىرى قەبرىستانلىقىدىن چىققان. ھازىر شىنجاڭ ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا.
تاغ- دەريا مەنزىرسى چۈشۈرۈلگەن ساپال قاچا مىلادىدىن ئىلگىركى 5- ئەسىرگە تەۋە بويۇم. قىزىل سۇ ئامبىرى قەبرىستانلىقىدىن چىققان. ھازىر شىنجاڭ ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا.
دۇگان قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 300 دىن ئارتۇق. قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاساسەن جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئارخېلوگىيە تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
QQ_184A0F + 16 قوللايمەن!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 16   باھا خاتىرىسى

0

تېما

0

دوست

85

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1181
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 45
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 14:09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدگەن كوپ


5

تېما

53

دوست

4081

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1835
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 846
تۆھپە : 43
توردا: 67
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 23:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرتۇم گۈزەل باي ناھيىسىنىڭ  تارىختا خېلى كۆپ ئىزنالىرى باركەن جۇمۇ...،،،،،،،،،،،


دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

9

تېما

21

دوست

1516

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1380
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 822
تۆھپە : 24
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-11

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 12:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان،ئەقىل -پاراسەتلىك ئاتا -بوۋىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمەن،


ئۇزۇن بىر زامان بولۇپ كېتىپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى....

0

تېما

1

دوست

77

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1948
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 14
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-20

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 17:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزات530 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-7 14:09
نىمدگەن كوپ

ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ياتۇر دېگەن ئىسىم ياتۇ بوپ قاپتۇ


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-4-3 00:18 , Processed in 0.350007 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش