ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
1.باپ باي ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
1.§ باينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدە 80 نەچچە ناھىيە بولۇپ،باي ناھىيىسى ئەشۇ ناھىلەرنىڭ بىرى. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقتىن تۈزۈلگەن. ئۈچ تاغ ــ شىمالدا ئالتاي تاغ تىزمىسى، ئوتتۇردا تەڭرى تاغ تىزمىسى، جەنۇپتا قاراقۇرۇم (كۇئېنلۇن) تاغ تىزمىسىدىن ئىبارەت. ئىككى ئويمانلىق ــ تەڭرى تاغ تىزمىسنى پاسىل قىلغان بولۇپ ،شىمالدا جۇڭغار ئويمانلىقى، جەنۇپتا تارىم ئويمانلىقى بار.باي ناھىيىسى تەڭرى تاغ تىزمىسى ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى بوستانلىققا جايلاشقان. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 19مىڭ 110كىۋادىرات كىلومىتىر بولۇپ، شەرىقتىن غەرپكە بولغان ئۇزۇنلىقى 197.5كىلومىتىر، شىمالدىن جەنۇپقىچە بولغان كەڭلىكى 116 كىلومىتىر. ناھىيە تاغ ئارىسىغا جايلاشقان تىپىك تاغلىق رايۇن بولۇپ،دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولسىمۇ، يەر شارائىتىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىنى باي ئويمانلىقى، قېيىر ئويمانلىقى ۋە ئاقتاش ئويمانلىقى دەپ ئۈچكە ئايرىشقا بولىدۇ. ناھىيە جەنۇپ تەرەپتە توقسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرىپتە ئۇنسۇ ناھىيىسى بىلەن، شىمالدا مۇڭغۇلكۆرە، تېكەس ناھىلىرى بىلەن، شەرقىي شىمالدا خېقىڭ ناھىيىسى بىلەن، شەرىقتە كۇچا ناھىيىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ.ناھىيە مەركىزىنىڭ ئاقسۇ شەھرى بىلەن بولغان ئارلىقى 169كىلومىتىر، ئۈرۈمچى شەھرى بىلەن بولغان ئارلىقى 860 كىلومىتىر كىلىدۇ. يەر شەكىلى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا پەسلەپ بارىدۇ. تۆت ئەتراپىنى تەڭرى تاغ تىزمىسىنىڭ تارماق بۆلەكلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 3000 ــ 4000 مېتىرغىچە ئېگىز. ئەڭ ئېگىز چوققا قار لەيلىسى چوققىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 6627.3 مېتىر كېلىدۇ.باشقا چوقىلارنىڭ كۆپۈنچىسى دېڭىز يۈزىدىن 4500 مىتىر ئەتراپىدا ئېگىز بولۇپ، بۇ چوققىلارنى يىل بويى قار- مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ. جەنۇپ تەرەپتىكى ھىچقانداق گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاس تاغ، چولتاغ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرچە ئېگىزلىك 1192 ــ 2131 مىتىر كىلىدۇ. شىمالدىكى تەڭرى تاغ تىزمىلىرىدا ناھىيىگە تەۋە تاغلاردىن تەڭرى تېغى، قارلىق تاغ، كۆكتېكە تېغى، چۆلتاغ، قارا تاغ، ئاقتاش تېغى، جانقازناق تېغى، ئاقموللا تېغى، قارابەل تېغى، توقسۇبار تېغى، ئىگەرسۇندى تېغى، قاشقىسۇ تېغى، ئارا تاغ، ئقچوقا تېغى، قاتارلىق تاغلار بار. تەخمىنەن يۈز مىليون يىللار ئىلگىرى باي ناھىيە تەۋەسىلا ئەمەس شىنجاڭ ھەتتا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسيا تەۋەسى دىگۈدەك دېڭىز ئىدى. كېيىنچە يەر پوستىنىڭ تەدىرىجى كۆتۈرلىشى نەتىجىسىدە دېڭىز سۆيى ئاستا-ئاستا تارقىلىپ قۇرۇقلۇق بولۇپ شەكىللەنگەن. ئەنە شۇندىن بويان ناھىيىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ رايۇنى پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە دىگۈدەك تىپىك قۇرغاق رايۇن بولۇپ قالدى. ناھىيە تەۋەسى دېڭىز-ئوكيانغا يىراق بولغاچقا، ئىلگىركى نەم ھالەتتىن موتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق رايۇن ھاۋا كىلىماتىغا ئۆزگەرگەن بولۇپ، قىش-ئەتىياز پەسلى سوغوق ھەم ئۇزۇنراق، ياز-كۈز پەسىللىرى سالقىن ھەم قىسقىراق بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن.يېقىنقى يىللاردىن بويان ئاتمېسفۇرانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن بۇ خىل ھالەت ئۆزگىرىپ ياز پەسلى ئىسسىق ، قىش پەسىللىردە بەزى يىللىرى قاتتىق سوغۇق، بەزى يىللىرى ئادەتىكىچە بۇلىدىغان، بەزى يىللىرى ھۆل-يېغىن كۆپ بولسا، يەنە بەزى يىللىرى ئاي-ئايلاپ قار-يامغۇر ياغمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ناھىيە تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولغاچقا كېچە-كۈندۈزلۈك تېمپۇراتۇرا پەرقى چوڭ.
يەر كۆلىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاغلىق بولۇپ،ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ%70تىنى،چۆللۈك%19.2تىنى، تۈزلەڭلىك%10.8تىنى ئىگەللەيدۇ.
ناھىيىنىڭ سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول بولۇپ، ئاقتاش ئويمانلىقىنىڭ يەر ئاستى سۆيى بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ قار-مۇزلۇق چوققىلىرى پۈتۈن ناھىيىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى. ئاقتاش ئويمانلىقىنىڭ يەر ئاستى سۆيى ۋە تەڭرى تېغىدىكى قار-مۇز سۇلىرى باي ئويمانلىقىغا بەش تارام يەنى مۇزارت دەرياسى، قاپسىلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسى ، قاراسۇ دەرياسى، قىزىل دەرياسى ئارقىلىق ئېقىپ كېلىدۇ. بەش دەريادىكى ئومۇمىي سۇ بايلىقى 2 مىليارت 163 مىليون كۇپ مېتىر.