گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 107|ئىنكاس: 0

كومپىيوتېرنى قانداق سېتىۋېلىش ۋە كومپىيوتېر بىلىملىرى، (ھەسەنجان )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
96
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، يۇرتداشلار ؟ ئەسلى مەن بۇ تېمىنى خېلى بۇرۇنلا يېزىشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ۋاقىت شارائىت تۈپەيلى مانا بۈگۈن يېزىشقا پۇرسەت بولدى،
       ھازىر نۇرغۇن كىشلىرىمىز كومپىيوتېر ئىشلىتىۋاتىدۇ ياكى شۇنى ۋاستە قىلىپ پايدىلىنىۋاتىدۇ،لېكىن ھازىر كومىپىيوتېر تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، ھەتتا تېلىفۇنمۇ شۇنداق.  سىلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ مېنىڭ سودا قىلىش ۋاستەممۇ ئەمەس دېيەلمەيمەن، توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىشمۇ بىر خىل بىلىم ئىكەنلىكىنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر ئەلۋەتتە. مانا ھازىر مەنمۇ كومىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇلانى  يېزىۋاتىمەن .
       تۆۋەندە مەن سىلەرگە مۇشۇ كومىيوتېر ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىپ قوياي.
نۇرغۇن ئادەم كومپىيوتېرغا ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا بازارغا بېرىپ كومىيوتېر سېتىۋالىدۇ، لېكىن يەنە كۆپ ساندىكى ئادەملەر زادى قانداق كومىيوتېر ئۆزۈمگە ماس كېلىدۇ؟ زادى قانداق كومىيوتېر سېتىۋېلىشىم كېرەك؟ دەپ ئويلىمايلا قايسىسى ئەرزان بولسا ، ياكى قايسىسى چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى ئېلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار شۇنچە كۆپ يۈز بېرىدۇ.
   ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇنداق ئەھۋال سەل كۆپرەك، كومىپىيوتېرنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا ئالىدىغانمۇ كۆپ.

           بىر كومىيوتېر تۈزۈلىشى:  مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ    CPU  
                                          ئىچكى ساقلىغۇچ        
                                          قاتتىق دېسكا              
                                          سۇرئەت كۆرسىتىش كارتىسى
                                         ئېكران
                                         كونۇپكا تاختىسى
                                         مائۇس
                                        .............................    قاتارلىق بەكمۇ تەپسىلى توختالمىدىم.



    كومپىيوتېر ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز كېرەك. يەنى ئائىلىدە ئادەتتىكى ئىشلاردا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەكتەپ ئوقۇشقا، ياكى خىزمەت ئىشخانىلاردا، ئويۇن  كۆڭۈل ئېچىش پىروگممىلىرى ئۈچۈن دېمەكچى.
     ئەگەر سىز ئادەتتىكى ئائىلىدە ئشلەتمەكچى بولسىڭىز ئويۇن ئوينىمىسڭىز ، ياكى چوڭلار ئىشلىتىپ قالسا   ، تورغا چىقىپ ئادەتتىكى نەرسىلەرنى قىلىدىغانغا، كومپىيوتېر تۆۋەن سەپلىمىلىك بولسىمۇ بولىدۇ، ئېھتىياجدىن يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ،مودا ياكى يۈزنى دەپ بەك  كاتتىسىنى ئېلىشنىڭمۇ زۆرۆرىيىتى يوق.
     بۇنىڭدا كومپىيوتېردا بولۇشقا تېگىشلىك سەپلىمە:  
          2 G  ئىچكى ساقلىغۇچ   500 G  قاتتىق دېسكا  ( ھازىرقى زاۋۇتتىن ئەڭ تۆۋەن چىققىنى)
          كۆرسىتىش كارتىسى (显卡) مۇستەقىل بولمىسىمۇ بولىدۇ،  ئېكران سەل چوڭراق بولسا شۇنچە ياخشى، چوڭ بولسا كۆزگە نىسبەتەن ياخشى .   

  2. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋە ئادەتتكى ئويۇن ئوينايدىغانلار بولسا سەپلىمىسى بىر قەدەر مۇۋاپىقنى تاللىمىسا ، كېيىنكى مەشغۇلاتلىرى ئۈچۈن كومىپيوتېرنىڭ سۈرئېتى ئاستا بولۇپ قالىدۇ. كوپىلگەن ئوقۇغۇچىلار كومپىيوتېر بازىرغا كىرىپ ، كومپىيوتېر ساتقۇچىلارنىڭ قايمۇقتۇرىشى بىلەن ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان كومپىيوتېرنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئاقىۋەتتە ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمىغاندا ، قايتۇرغىلى ياكى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئېپ كەلسە ئۇلار قايتۇرۇپ ياكى ئالماشتۇرغىلى ئۇنىمايدۇ، چۇنكى ئۆز ۋاقىتىدا تالۇن ئالمىغان ياكى ، ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ،  شۇڭا كومىپيوتېر ئېپ بولۇپ شۇ سىناق ۋاقىت ئىچىدە سىناپ بولۇش ، ئەگەر مەسىلە بولسا دەل ۋاقتىدا ئېپ كېلىشى ھەم تالۇننى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا شۇ دۇكاننىڭ نومۇرى ياكى ساتقۇچىنىڭ نومۇرىنى ساقلىۋېلىشى كېرەك.

         بۇنىڭدا يېتەرلىك سەپلىمە بولسا :
             4 G  ئىچكى ساقلىغۇچ   500 G  قاتتىق دېسكا  ( ھازىرقى زاۋۇتتىن ئەڭ تۆۋەن چىققىنى)
          كۆرسىتىش كارتىسى (显卡) مۇستەقىل 2G  ياكى  1G  بولسا مۇۋاپىق،  ئېكراننى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ.

       ئادەتتە نورمال بىر كومپىيوتېر سېتىش دۇكىنىدىن ئالغان كومىيوتېر نىڭ  7 كۈن ئىچىدە قايتۇرۇش 15 كۈندە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەر قايسى  زاپچاسلارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن: بىر كومىيوتېر ئومۇمى قىسمى 2 يىل چىقىدۇ ، (ئاساسى تاختا، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ CPU ، ئىچكى سىغىم ، قاتتىق دېسكا، توك قاچىلغۇچ....)    ئوپتىك دېسكا ھەر قاندىقىنىڭ 1 يىل،
باتارىيە 1 يىل دېگەندەك.....  
    كومىيوتېر ساتقۇچىلار بەزىدە ئاشۇرۋېتىدۇ ، لېكىن ئەمەلىي ئىشىلتىشىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق.

   ھازىر كومىيوتېر بازىردا كۆپ بولغان ماركىلار :
                  (日本 东芝  toshiba )  ياپونىيە توشىبا
                    (日本  索尼 SONY )  ياپونىيە   سونى  
                   ( 美国  苹果  apple ) ئامېرىكا   ئالما  
                     (美国 惠普   HP  )   ئامېرىكا   خۇيپۇ
                   (韩国 三星  Samsung) كورىيە سامسوڭ
                     (  美国 戴尔 Dell )  ئامېرىكا  دېل
                    (   台湾 宏碁 Acer ) تەيۋەن  ئەسېر   
                   (  台湾 华硕  Asus )  تەيۋەن  ئاسۇس
                     (中国 联想 lenevo ) جوڭگو  لىيەنشياڭ
                     .......................................................
          ھەر قايسى ماركىلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار، ئالما بولسا پۈتۈن كىشلەرنى سېتىۋېلىنى ئويلايدىغان ماركا، لېكىن قىممەتلىكى ئۈچۈن باشقا ماركىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ،
         sony  بولسا  ياپۇنىيەنىڭ چوڭ كارخانىسى  بولۇپ 2014 -يىل 4 -ئاي ئەتراپىدا خاتىرە كومىيوتېر ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى ، يەنە يېقىندا توكيودىكى بىر باش شىتاپ بىناسىنى سېتىۋەتتى ، ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىدىكى ئىككى بىناسىنى سېتىۋەتكەن ئىدى، لېكىن ھازىر ئۇلار باشقا ئاپپارات تېلىفۇن ساھەسىدە يەنىلا باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ،  كومپىيوتېر ساھەسىدە ياپونىيدە توشىبانىلا ئىشلەپچىقىرۋاتىدۇ.
      toshiba  توشىبا بولسا  ياپونىيەنىڭ غوللۇق ماركىسى ، مەيلى ئائىلە ئېلكتېر سايمانلىرى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ، كومپىيوتېر ، ئىشخانا بويۇملىرى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    ھازىرغىچە مەسھۇلاتلىرىدىن : كومپىيوتېر ، تېلىۋېزور، پېرنتېر ، (打印机 复印机 ) ، تېلىفۇن ، جوڭگو بازىردا تاپماق بەكلا تەس،  توڭلاتقۇ ، كىرئالغۇ، توكلۇق قازان، ۋە ھەر خىل زاپاس  ساقلاش بويۇملىرى قاتتىق دېسكا، (内存卡) ساقلاش كارتىسى ، لېفىتمۇ توشىبانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەسھۇلاتىنىڭ بىرى ، ھازىرقى شىياڭگاڭدىكى يېڭى سالغان ئېگىز بىنادا ئىشلىتىلۋاتىدۇ،
              توشىبا 1875-يىلى بارلىققا كەلگەن ماركا  بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە .، توشىبا توغرىسىدا مۇندقمۇ بىر يۈز بەرگەن راست ئىشمۇ(توشىبا ۋەقەسى) بار، ئەينى ۋاقىتتكى روسىيە ئامېركا ئۇرۇش ۋاقتىدا ، ئامېرىكا روسىيەنىڭ ردادر ياكى ، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ھەر قاچان كۆزىتىپ ھەم دەل ۋاقىتتا نىشانىنى بەلگىلەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ، روسىيە مۇشۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلغان ، ئەينى ۋاقىتتا توشىبا شىركىتىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش  ئارقىلىق ، ئامېركىنىڭ روسىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى راداردا كۆزىتىپ تۇرىدىغان ھالەتتىن تاپالمايدىغان ھالەتتكە ئەكەلگەن ، بۇ تېخنىكىنىڭ ئىسىمىنى بىلمەيدىكەنمەن . بۇنىڭ خەنزۇچە بايان قىلىنىشى تۆۋەندىكىچە:   
         
                                                                                                                    1983年早春的一个深夜,由苏联海运公司开到日本的万吨货轮“老共产党员”号,从日芝浦码头出港,运走了数十箱“五轴联动的数控机床”的部件。按照日本人的说法,苏联人购买这些数控机床的用途,除了使潜艇的推进性能改善之外,还能使当时正在建造中的新型航空母舰的推进器得到改进。这就是轰动一时的“东芝公司违反巴统输出事件”。这次事件的后果是严重的:美国海军第一次丧失对苏联海军舰艇的水声探测优势,直 到今天,美国海军仍没有绝对把握去发现新型的俄罗斯潜艇。         
       توشىبا  دۇنيا بويىچە خاتىرە كومپىيوتېرنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەپچىقارغان ، . 1985-يىلى.  قاتتىق دېسكا ئىشلەپچىرىشمىۇ ئالدىنقى قاتاردا  باشقا ھەر قانداق ماركىدىكى كومىيوتېر بولسۇن 70% تىن ئارتۇق كومىيوتېردا  توشىبانىڭ   قاتتىق دېسكىسى بار،  ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېرىڭىزنىڭكىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ،  ھەتتا ئالما كومپىيوتېردىمۇ توشىبانىڭ مەلۇم قىسمى چىقىدۇ بۇ ئېنىق! 
    تەيۋەننىڭ Acer  ۋە Asus بۇ ئىككى ماركىسى ھەققىدە ، دەسلەپتە قۇرۇلغان Acer گوروھىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ يەتتە كىشىنىڭ  بىرى شى چوڭ تاڭ  6 يىلدىن كېيىن Asus  ماركىسىنى بارلىققا كەلتۇرگەن،
مەخسۇس PC ساھەسىدە يەنىلا Acer ئالدىقى ئورۇندا تۇرىدۇ.    

  Dell   ئامېرىكىنىڭ بولۇپ . دېل كومپىيوتېر ئاساسەن توكى توۋەن خورالمىلىق قىلىپ لايھەلەنگەن ، ئەمما سۈرئەت سەل ئاستا چىقىدۇ،  بۇ شىركەت 1984 -يىلى قۇرۇلغان.  
  
    hp خۇيپۇ   1933-يىلى ئامېرىكا سىتەنفورد ئونۋېرسىتىنڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان، 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى خۇيپۇ كومىيوتېرنىڭ باتارىيە قىسمىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ ئاسان ئوت ئېلىش خەۋىپى بار دەپ نۇرغۇن كومپىيوتېرلارنى قايتا تەكشۇرۇپ بېكىتكەندىن تارتىپ نۇرغۇن زىيانغا ئۇچىرغان.  
    lenevo  لىيەنشىاڭ  ئەڭ بۇرۇن توشىبانىڭ جوڭگودىكى باش ۋاكالەتچىسى بولۇپ، جوڭگو بازىرنىڭ
80 % قىسمىنى ئىگەللەپ زور پايدىغا ئېرىشكەن ، كېيىن IBM نى سېتىۋالغاندىن كېيىن ، ئەسلى ئۇنىڭدا بار بولغان تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ، ھازىرقى lenevo ماركىسىنى بارلىققا كەلگەن ، لېكىن  ھازىر جوڭگودا شۇنچە  كۆپ لىيەنشياڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بار بولغان بىلەن  كومپيوتېر ئىشلەپچىقىرالايدىغان زاۋۇتى يوق، ئاساسەن باشقا زاۋۇتقا ھاۋالە قىلىپ ياسىتىدۇ، پەقەتلا سىرىتقى قېپىنى ياسىيالايدۇ،  لېكىن جوڭگو ھۆكۈمىتى شۇنچە قوللايدۇ،  ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارە ئورگانلار چوقۇم مۇشۇنى ئالىدۇ ، چۇنكى بۇ  جوڭگونىڭ ماركىسى . ئەمما سۈپەت جەھەتتە ئەڭ كەينىدە تۇرىدۇ.


      كومپىيوتېر بولغانلىقى ئۈچۈن تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ مەنىۋىيلىككە ئىگە بولدى . لېكىن سىزگە ھەمراھ ياخشى كومپىيوتېر بولسا تېخمۇ گۈزەل  بولىدۇ.  ھەم قولاي بولىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە دېمەكچى ياپونىيە توشىبا كومىپىيوتېرى سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ماس كېلىدۇ.  
     ئۆزۈم  مەكتەپنى  يېڭى پۈتتۈردۈم ھازىر مۇشۇ توشىبانىڭ شىنجاڭدىكى باش شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن،  ھازىرقى ئىش ئورنۇم توشىبا كومپىيوتېرلىرىنى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرسىگە  توپ سېتىشقا مەسئۇل ،   ئىلگىرى دۇكاندا تۇرۇپ پارچە ساتقان ئىدىم. شۇڭا مېنىڭ مىللىتىمىزگە پايدىسى بولۇپ قالار دەپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن بۇ تېمىنى . توپ باھادا بىر كومىيوتېر ئېپ قالسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ،   پارچە سېتىش بىلەن توپ باھادا پەرقى خېلى كۆپ ، شۇڭا سىلەرگىمۇ بولسا ، مەنمۇ شىركەتتىكى ۋەزىپەمنى توشقۇزسام دېمەكچى.... ئۆزۈڭلارنىڭ ئىختىيارى بويىچە قانداق ماركىدىكى كومپوتېر ئالساڭلار زاۋۇت باھاسىدا ئېلىپ بەرسەم بولىدۇ.
يۇرتداشلىرىم قانداق كومىيوتېر لازىم  بولسا مەن  بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ!  
   
                     بىز يەنە ئالمىنىڭ مەسھۇلاتلىرىنىمۇ توپ تارقىتىمىز ! 

                                               ئىسمىم ھەسەنجان.تېلىفۇن نومۇرۇم 13201342804  18299728991  چ چ ئۈندىدار  173175013  
                                                                                   ئۆزۈم باي ناھىيە مىچىغ يېزا 11-كەنىت 1-گۇرۇپتىن.
                                                               شىركەت ئادېرىسى : بەي خۇا سۈن كومىيوتېر بازىرى يۇمشاق دېتال بىنا 4-قەۋەت D4I
                                                                   تاۋارىم تورىدىكى دۇكان ئادېرىسى : http://hasanjan.tawarim.com/
مەنبەسى : ئۆزۇم



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 12:40 , Processed in 0.241988 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش