گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 189|ئىنكاس: 1

تەلۋىچۈك رىۋايىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
79
                                                                تەلۋىچۈك رىۋايىتى
ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە باي بازىرى ئىچىدە ئاغزىغا كەلگەنلىكى گەپنى دەيدىغان،ئالدىغا كەلگەنلىكى نەرسىنى يەيدىغان،خىيالىغا كەلگەنلىكى ئىشنى قىلىدىغان بىر تەلۋە يىگىت بار ئىكەن. بۇ يىگىت بىر كۈنى بىر يامۇل ئەمەلدارنىڭ بازار ئايلىنىپ چىققان چىرايلىق تەتىيىگە چاقچاق قىلىپ چېقىلىپ قويۇپتۇ. بۇ تەتەي دەرھال ئېرىگە ئەرز ئېيتىپ ھېلىقى تەلۋە يىگىت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپتۇ.
غەزىپى كەلگەن يامۇل ئەمەلدارى نەچچە ئون قوراللىق چىرىكنى ھېلىقى تەلۋە يىگتنى تۇتۇشقا يامۇلدىن چىقارتىپتۇ. تەلۋە يىگىت ئۆزىنى تۇتۇشقا چىققان چىرىكلەرنى كۆرۈپ بازارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى دەريا ئېقىنىغا قاراپ قېچىپتۇ. چىرىكلەر ئارقىدىن قوغلاپ ئوق ئېتىپتۇ. ئوق تەگمەپتۇ. چىرىكلەر بىر تەرەپتىن ئوق ئېتىپ،بىر تەرەپتىن قوغلاپ يىگختنى ئېقىنغا قىستاپ كېلىپتۇ.
يىگىت ئىگىز ياردىن ئۆزىنى ئېتىپتۇ. «پولتۇڭ»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يىگىت سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. چىرىكلەر سۇغا بىرقانچە پاي ئوق ئېتىپ بېقىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا يىگىت سۇدىن بېشىنى چىقىرىپتۇ. چىرىكلەر دەرھال يىگىتكە قارىتىپ ئوق ئۈزۈپتۇ. ئەتىراپتا بۇ ئىشنى كۆرۈپ تۇرغان بازار ئاھالىسى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىپ:
—بېشىڭنى سۇدىن چىقارما تەلۋە،چۆك!!!—دەپ توۋلاپ چۇقان سېلىشىپتۇ. يىگىت بېشىنى سۇغا چۆكۈرۈپتۇ-يۇ،بىراق بىردەمدىن كېيىن يەنە چىقىرىپتۇ. چىرىكلەر يەنە ئوق ئۈزۈپتۇ. ئالامان يەنە توۋلاپتۇ:
—تەلۋە،چۆك!!! سۇغا چۆك،تەلۋە!!!ھوي تەلۋە،چۆك!!!....
يىگىت يەنە سۇ تەكتىگە چۆكۈپتۇ.
«مۈشۈككە ئويۇن،چاشقانغا قىيىن»دېگەندەك ئالاماننىڭ«تەلۋە،چۆك»دەپ توۋلىشى بىلەن   يىگىتنىڭ ھېلى سۇغا چۆكۈپ،ھېلى بېشىنى چىقىرىشى چىرىكلەرگە بىر قىزىق ئەرمەك بولۇپتۇ. ئۇلار يىگىت سۇغا چۆكسە قاراپ تۇرۇپ،بېشىنى چىقارسا ئوق ئۈزۈپتۇ…
يىگىت ئاخىرى ھالسىزلىنىپ دەريا ئېقىنىغا غەرق بولۇپ كېتىپتۇ. يەرلىك كىشىلەر بۇ دەريا ئېقىنىدىن ئۆتكەندە ھېلىقى يىگىتنى ئەسلەپ:«تەلۋە،چۆك دەپ توۋلىغاننى ئاڭلىماي،ئوق يەپ ئۆلۈپ كەتتى…»دېيىشىدىكەن. چېرىكلەرمۇ يەردىن ئۆتكەندە«تەلۋە…چۆك…»دېگەن سۆزلەرنى قىلىشىپ ئۆزلىرى جېنىغا زامىن بولغان ھېلىقى يىگىتنى يادىغا ئېلىپ كۈلىشىدىكەن.
ئاي،يىللار ئۆتۈپتۇ. تەلۋە يىگىتنىڭ ئىسىم شەرىپى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇ. بىراق«تەلۋە»،«چۆك»دېگەن ئىككى سۆز ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە كشىلەر دائىم دەريا ئېقىنىدىن ئۆتكەندە ئېغىزغا ئالىدىغان سۆز تېمىسى بولۇپ قاپتۇ.
كېيىنچە بۇ ۋەقەمۇ ئۇنتۇلۇپتۇ. «تەلۋە،چۆك»—يىگىت چۆكۈپ كەتكەن دەريا ئېقىنىنىڭ نامى بولۇپ قاپتۇ. ھازىرقى «تەلۋىچۈك دەرياسى»دېگەن نام ئەنە شۇنداق كېلىپ چىققان ئىكەن.


ۋاقتى: 2014-6-20 23:52:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى «تەلۋىچۈك دەرياسى»دېگەن نام ئەنە شۇنداق كېلىپ چىققان دىگەن بۇ بىر ھېكايىغۇ ، ئىلمى ئاساسى بارمۇ ؟ بۇ باي تارىغىدا ئوتۇرۇغا قۇيۇلغانمۇ ..... ؟ بەلكىم شۇنداق بۇلۇشىمۇ مۇمكىن ، ئەڭ ياخشىسى باي يەر ناملىرى دىگەن كىتاپتىن ئېنىقىنى بىلۋالاي  جىما .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 11:25 , Processed in 0.276061 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش