گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 5

ئارزۇ ئاساسىنى تەرەققىيات ئارقىلىق مۇستەھكەملەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ــ«جۇڭگو ئارزۇسى»نى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىش توغرىسىدا

ئارزۇ كۈچلەرنى قوزغىتىش، كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە رېئال مۇستەھكەم ئاساستىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئارۇزنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن رېئال كۈچلۈك ئاساسقا تېخىمۇ تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

  تەرەققىيات چىڭ قائىدە دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتىكى ماددىي مەدەنىيەت ئاساسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى ۋە تۈپ يولى، دەپ شەرھلەندى.

  ئۇلۇغ ئارزۇ رېئاللىقتىن كەلگەن. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىش جەريانى جۇڭگونىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىپ ئىلگىرىلەش جەريانى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ئو ت م غا ئائىت ئۈچ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئىلغار ياشلار دۇنياۋى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلدى. ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ ئايىغى چىقمايۋاتقان، خەلق تۇرمۇشى مۈشكۈل كۈنگە قالغان، ئىقتىساد كاساتلاشقان ئەھۋالدا، ئارزۇدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ يېڭى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بېيىشقىچە، ئارقىدىن يېڭى ئەسىردىكى قۇدرەت تېپىش، ئو ت م ئارزۇسى، دۇنياۋى كۆرگەزمە ئارزۇسىنىڭ روياپقا چىقىشىغىچە بولغان جەرياندا، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› بارغانسېرى كۈچەيدى.

  ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغاندىلا، ئارزۇنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دۆلەتنىڭ ماددىي قاتتىق ئەمەلىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىدا، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى قىلارلىق كىرىم قاتارلىق خەلققە يەتكۈزۈلگەن ھەقىقىي مەنپەئەتتە ئىپادىلەندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۆتۈرەڭگۈ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. بۇ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسى بولۇپ، بىزنى تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نىشانىغا قاراپ پۇختا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.

  شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىلگىرىلەش يولىمىزدا تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر، خىرىسقا دۇچ كېلىمىز. ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدا دۇنيا بويىچە 2 – ئورۇنغا چىققان بولساقمۇ، ئوتتۇرىچە سەۋىيەدە يەنىلا چوڭ پەرق بار؛ دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ‹‹يېڭى موتورى››غا ئايلانغان بولساقمۇ، مۇھىت بېسىمى، بايلىق مەنبەسىنىڭ بوغما ھالىتى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ؛ ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچ جانلانغان بولسىمۇ، تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى، ئاساسلىق زىددىيەت، خەلقئارادىكى ئورنىمىز ئۆزگەرمىدى، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› يەنىلا روياپقا چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

  مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن تەرەققىياتنى باشتىن – ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەرەققىيات ئارقىلىق ھەل قىلىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن مۇھىتنى ئاسراپ ‹‹گۈزەل جۇڭگو›› قۇرۇشقىچە، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىن خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقىچە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا باش – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەندىلا، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جەريانىدا، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق زور پاراخوتنى تېخىمۇ كەڭرى سۇ دائىرىسىگە باشلىيالايمىز.

  1902 – يىلى لياڭ چىچاۋ ‹‹يېڭى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى›› ناملىق كىتابىدا ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› توغرىسىدا توختىلىپ، كەلگۈسىگە ئىشەنچ، ئۈمىد بىلەن ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سانسىزلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىزدەنگەن ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلغان جۇڭگو خەلقى مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىلگىرى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتى: تەرەققىي قىلغاندىلا، قۇدرەت تاپقىلى بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، دۆلەتنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)


ۋاقتى: 2014-6-19 02:44:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق نادىر تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ مۇنبەر سەھىپىسىنى بىيىتىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن ، قوللىرغا دەرت كەلمىسۇن ،.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-21 21:20:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ياخشىمۇ سىزللەر ؟
ھەرقايسىڭلار قوللاپ بەرسەڭلار ئازدۇر - كوپتۇر  تىرشىپ قويمىز  ھېھ  ھېھ ھېھ  


ۋاقتى: 2014-6-22 01:38:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىزدە ئەلۋىتتە ،  ئەمدى بى ئۆرىمە قىلىپ قۇيايلىمىكىن دىسەك كۆلبىلىرىنىڭ ئىشىك ، پەنجىرلىرىنىڭ قايان قارايدىغانلىقىنى بىلمەيدكەنمىز ھىلىغىچە ، شۇڭا قۇرۇق بولسىمى ، مۇبەر ئارقىلىق دۇئايى سالام يوللاپ قوللاپ تۇردۇق ، بۇنۇڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالماي داۋاملىق تىرىشىپ تۇرسىلا ئۇ تامايلىرىمۇ ئەمەلگە ئىشىپ قالا مۇڭگۇزلىك قوچقارنىڭ بىرسىنىڭ بېشىنى كىسىپ ئىششىلىم مايان قارايدۇ دىگەندە،   ئۇنۇڭغىچە ئەرچىن ئاكاملا باشلىق قول ئىلىكىدى بارراق تۆھپىكارلىرىمىزمۇ قاراپ تۇرماس ئىقادىيەت ئۇستىدىكى ئىقتىسادى ياردەم بولسىمۇ قىلىپ تۇرىدۇ دەپ ئىشىنىمەن ، تىرىشقاچ تۇرسىلا، ئاتلىرى ھىرىپ قالمىسۇن ، قوللايدىغانلا ئاخىقى پەلىدە سىلنى ساقلاپ ھىرىپ كەتتى ھە قاچان كەلسە چاي تۇتىمىز دەپ ، داۋاملىق تىرىشسىلا


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-26 00:44:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوجۇن ئاللامەت قوللاپسىزغۇ  رەھمەت جىما  .


ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرزىيدۇ ھەممىمىز بىر كىمىدىكى، سەپەرداشلار ئەمەسمۇ، شۇڭا بىر بىرىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەپ تۇرمىساق، ئەلۋەتتە رىقابەت دەۋىرنىڭ ئارقىسىدا قالمايمىزمۇ، گەرچە يۇقارقى ئىنكاسىمنىڭ تازا دىگەندەك قۇۋىتى يوق  تۇز تەمى تىتىمغان چىقىپ قالغان بولسىمۇ، قوللاشقا قۇۋىتى يەتمىسمۇ ، يەرلىك دۇرا دەرمەكلەر بىلەن پىششىقداپ ، قۇۋەت ئۇچۇن سۇنغاچ تۇرمىز، دەپ كەتكىدەكمۇ ئەمەس ئەمدى شۇ قۇربىتىمىزنىڭ يىتىشچە شۇنچىلىكلرەك قولاپ تۇردۇق ئاللاھ خالىسا بىز يانلىردا داۋاملىق قوللاپ تۇرمىز، بوشامشمىغايلا .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 12:21 , Processed in 0.227332 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش