گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 10

مەن سەھرالىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
394
مەن سەھرالىق
(نەسىر)
قۇربان مولنىياز
مەن سەھرالىق،كىندىك قېنىم سەھراغا تۆكۈلۈپ ،سەھرادا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقانمەن ،سەھرانىڭ كەڭ مېھىرلىك قۇچىقىدا تۇپا ھىدىنى پۇراپ ،زاغرا نېنىنى يەپ چوڭ بولغانمەن.
‹‹ئادەمنىڭ ھاياتىدا بىر بالىلىق دەۋرى،بىر ئۇقۇغۇچىلىق دەۋرى ئۇنتۇلمايدۇ ››دېسە مەن بۇنىڭغا تۇلۇق ئىشىنمەن ،چۈنكى مېنىڭ ھاياتىمدىمۇ ئۇنتۇلمىغان ،ئۇنتالمايدىغان
بالىلىق،ئۇقۇغۇچىلىق دەۋرىم بولغان ،بولغاندىمۇ دەل ئانا سەھرانىڭ مەن مەڭگۈ ئۇنتالمايدىغان ئىللىق قۇچاقلىردابولغان،شۇڭا مەن باشقىلارنىڭ ‹‹سەھرالىق ››دېيىشلىرىدىن پەخىرلىك ھېس قىلىمەن .كۆز ئالدىمدا سەھرانىڭ ئاشۇ مېھىرلىك ،سېخىي،كەڭرى قۇچىقى ھەر ۋاقىت نامايەن بۇلۇپ تۇىدۇ.
   سەھرا ،سەن ئانا يۇرتۇمسەن،ئانا تۇپرىقىمسەن !مەيلى نەلەردە بۇلاي ،قەيەرلەرگە باراي ،خوشاللىقىمسەن ،سېغىنچىمسەن ،ئىپتىخارىمسەن!ھاياتىمدىكى بارلىق قايغۇ –ھەسرىتىم،شادلىقىم سەن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.تۇپا پۇرقىراپ تۇرغان يوللار ،سالا-سالا ئېتىز قىرلار ،توپ-توپ چارۋا –ماللار،باغباراڭلىق ھۆيلىلار ،قاتار-قاتار ئورمانلار ،كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر،كەڭرى سايلىقلار،ئاق كۆڭۈل دېھقانلار،ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلەر،قەلىبلەردىكى گۈزەللىكلەر....ئىش قىلىپ ،ھەممىنى سىغدۇرغان باغرىڭ گويا بىر تىلسىم ،گويا بىر مۇئەللىم ،گويا بىر داستان،گويا بىر ئالەم !
سەھرا ،سەن ئانا يۇرتۇمسەن،ئەجدادىمنىڭ ئانا يۇرتىسەن ،ئەجدادلىرىم سەندىن سۈيۈنگەن ،ئەۋلادلىرىم ساڭا ساڭا كۆيۈنگەي!
سەھرا ،مېھرىڭ ھەر ۋاقىت مېنى ساڭا باغلاپ تۇىدۇ،مۇھەببىتىم ھەر ۋاقىت بۇلدۇقلاپ تۇرىدۇ.قارىغىنە ،پەخرىم - بوۋاممۇ سېنىڭ باغرىڭدا،تۆۋەرۈكۈم داداممۇ سېنىڭ باغرىڭدا ،مەنمۇ باغرىڭدا ،ئوغلۇممۇ باغرىڭدا !قارىغىنە ،ھەممە سېنىڭ باغرىڭدا....
ئاپتور:باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسدە
تېلېفۇن:13779743107


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5 تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
ئاتامان + 5 + 5 ياخشى يېزىپسىز

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-6-14 13:05:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قۇربانجان ، مەنمۇ سەھرالىق . كىچىكىمدىن سەھرادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانمەن . يازغان بۇ تېمىڭىزدا مەن ئويلىغان بارلىق كۈرۈنۈشلەر ئەكىس ئېتىپتۇ . بارلىق سەھرالىقلارغا ماس كىلدىغان ياخشى نەسىر ئىكەن .


ۋاقتى: 2014-6-14 13:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا سەھرا كۈيلەنگەن تېمىلارنىڭ ماڭا بېرىدىغان تەسىرى بىر خىل پەيزى


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-14 19:26:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىر ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ››نىڭ  2014-يىل4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ‹‹چولپان››ئەدەبىيات بېتىدە ئېلان قىلىنغان،تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا رەھمەد.


ۋاقتى: 2014-6-15 05:07:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غىرىپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-15 05:38  

توغرا شۇ گۇزەل سەھرالىرىمىزغا كۇز تەگمىسۇن ، مەنمۇ بىر سەھرالىق بۇلۇش سۇپۇتۇم بىلەن بۇ يازمىنى تولىمۇ ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم ، بەك ياخشى چىقىپتۇ ئاپىرىن، شۇ سەھرالىرمىز مىللى مەدىنيەتنىڭ ئانا بۇشۇكى ، قۇرماس بۇلىقى ، چەكسىز ئېتىز -قىر ، خۇشبۇي باغ -ۋاران ، زۇمرەت كۆل، ئېرىق -ئۆستەڭ،  سەنئەتلىك پڭشايۋانلىق ھويلا -ئارام ، سادا، ئاق كۇڭۇل دىېھقدنلار ، يەنە........
ئېيتىپ تۇگىتەلمەيمىز، تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىز ، ئىشقىلىپ شۇ سەھرالىرمىزغا كۇز تەگمىسۇن ، تەبىلىكى يوقىمىسۇن،  رەتكە سېلىش ، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ، سۈنئىلىك قاپلاپ تەبىلىكنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىدىن قورقىمەن،


ۋاقتى: 2014-6-15 05:17:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا شۇ گۇزەل سەھرالىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن،  مەنمۇ بىر سەھرالىق بۇلۇش سۇپۇتۇم بىلەن بۇيازمىنى تولىمۇ ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم ، بەك ياىشى چىقىپتۇ ئاپىرىن، سۇ سەھرالىرمىز مەدىنيەتنىڭ بۇشۇكى ، قۇرماس بۇلۇقى ، باغ -ۋاران ،ئېتىز-قىر، ھويلا -ئارام ، ئەل-ئاۋام ، ھەممىسى شۇنداق سۇيۇملۇك ،شۇنچە قەدىرلىك ،شۇنچە تەبى ، شۇنچە غۇبارسىز، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ، رەتكە سېلىش ،تۇزەش بورانلىرىنىڭ تەبى خاسلىقنى ئۇچۇرۇپ سۇنىلىكنى تارىتىشىدىن قورقىمەن ، ئامان بول ئېھ - گۇزەل ئانا سەھرايىم ، ساڭا كۆز تەگمىسۇن ،


ۋاقتى: 2014-6-15 16:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي قۇربانجان بىزمۇ سەھرالىق جۇما ،


ۋاقتى: 2014-6-16 00:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربانجان ئاكا،مەنمۇ ئەشۇ سەھرادا چوڭ بولغان ،مەنمۇ سەھرانى ياخشى كۆرىمەن.بۈگۈن دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ چوڭ بولغان يېزامغا بېرىپ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىپ،قانغىچە ئويناپ گۈزەل مەنزىرلەرنى ئۈندىدارغا يوللاپ سەھرايىمنى مەدىھلىگەن ئىدىم.ئەمدىلىكتە بولسا سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى كۈرۈپ شۇنداق خوشال بولدۇم.رەھمەت سىزگە،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 22:28:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىمگە بەرگەن ياخشى باھايىڭلارغا،گۈزەل تىلەكلىرىڭلارغا رەھمەد.سەھرالىق بۇلۇش سۈپتۈم بىلەن سەھرانى ئىجادىيىتىمنىڭ  باش تېمىسى قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىمنى ئۇقۇرمەنلەرگە تەغدىم قىلىشقا تىرشىمەن.


ۋاقتى: 2014-6-18 00:54:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
k.sahra يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 22:28
بۇ ئەسىرىمگە بەرگەن ياخشى باھايىڭلارغا،گۈزەل تىلەكلى ...

ئارزۇ-ئۈمۇدلىرى ئەمەلگە ئاشسۇن ئىنشائاللاھ . ئۇلۇغۋار غايە ، بۇيۇك مەقسەت مۇداھلىرى ، مۇستەھكەم ،ئىرادىلىرى بولسىلا مۇشۇنداق نادىر يازمىلىرىنىڭ ئۇزلۇپ قالماسلىقىغا ئىشىنىمەن، ئاپرىن ئاكا ئاللاھ مەقسەتلىرگە يەتكۇزسۇن ،


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 10:38 , Processed in 0.214171 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش