تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 2

تەشنالىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەشنالىق

ھىجراننىڭ چۆلىدە تەنھا بىر سەيياھ،
سېغىنىش ئوتىدا ئىڭرايدۇ  ھالسىز .
بەلكىم چۈشىدۇ  يا چۈشىدىن يىراق،
گاھ سېزەر بۇندا ئۇ يۈرگىنىنى جانسىز.

يېگانە  دۇنيارى  رەڭسىز  كارتېنا ،
تاپالماس خوشاللىق تۇمان  ئىچىدىن،
بەخشەندە  بولغاندەك  ئازاپلا  ئاڭا،
خۇش كۈلكە تېپىش تەس ھايات بېتىدىن.

قاقاس چۆل دەھشىتى قىيناپ ھەم ئۇنى،
كۆيدۈرۈپ تېنىنى چېكەر گۈل-چېچەك.
قىينالغان  ئول يۈرەك تىمتاسلىق ئىچرە،
ئېھتىمال  كۆڭلىگە  پۈككەندۇ  تىلەك …

تالاي رەت  ئويلىدى  ئانا باغرىنى ،
مىسكىنلىك يەم قىلىپ كەتكەندە ئۇنى،
بىر ئاچچىق خۇرسىنىش قىلىدۇ بىتچىت،
ئۆتمۈشكە   ئايلانغان  گۈزەل چۈشىنى .

چەكسىز بىر ئازاپقا قىلىدۇ مەھكۇم،
ئانسىنى ئەسلەتكەن ھەربىر سوغۇق تام.
يوقالغان  شاتلىقىنى ئىزدەپ دائىما ،
قەلبىدە شىۋىرلار «ئانا» دېگەن  نام.


چاڭقىغان ئاجىز روھ ئىزدەر شۇ ھىدنى،
ۋە لېكىن تاپالماس  شاماللاردىنمۇ ،
قۇياشمۇ  بېرەلمەس  ئانا تەپتىنى ،
تۆكۈلەر  تەشنالىق  مىسرالاردىنمۇ.

تەشنالىق باغرىدا تېڭىرقاپ دائىم.
قىلىدۇ نامىنى مىڭلارچە زىكىر.
يۈتسىمۇ ھەسرەتلەر ئاچكۆزلۈك بىلەن،
ئەمما ئۇ ياشايدۇ كۈلۈپ ھەم مەغرۇر.






ۋاقتى: 2014-6-2 22:03:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىېركەن


ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-10 15:39 , Processed in 0.261983 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش