تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 4

ئالتۇنغا تېگەمدۇ ، ئەرگىمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
254
ھازىر كۆپ قىسىم توي - تۆكۈنلەردە ئەخلاق ، ئىنساپ ۋە ئىتقاتنى ئاساس قىلىپ قۇدىلىشىدىغان ئىككى تەرەپ ھۆرمەت ئاساسىدا
ئۆز - ئارا يۇل قۇيشۇپ توي قىلىشىپ يىقىن تۇققانلار مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە .
بىراق ئاز بىر قىسىم كىشلەردە يىگىت تەرەپ قىزنىڭ ئۆيىگە تۇيلۇق ئاپارسا ئاتا - ئانىلىرىمىز -- بۇ پۇل ئاز بولۇپ قاپتۇ .
ئۆتكەن ھەپتە يۇقارقى مەھەلىدىكى ھاجىخىنملار قىزىمىزنى سۇراپ ئىككى توقماق پۇل ئەكەپتىكەن . ئۇنمىغان ئىدۇق .
سىلەرمۇ ئويلۇشۇپ قايتا كىلىشەسىلەر ؟ دەپ قارشى تەرەپنى ئوڭايسىز ھالەتتە يۇلغا سىلىپ قۇيدىغان ئەھۋاللامۇ ئۇچراتىدۇ .
ھەتتا ئۆز-ئارا تىلپۇن ئۇرۇپ - بىر يىرىم بولسۇن دىسە ؛ كام بولا ؟ تەستە باققان قىزىمنى ، ئازراق قىتىشسىلا . ئىككى مىڭ قۇشاي ماقۇل دىسە ، تۇققان بولىدىغان تۇرۇپ پۇل تالىشىپ يۈرسەك سەت تۇرا دىسە ؛-- ياق تولۇق بولسا داسىتقان ئەكىلىشكەيلا . بولمىسا يىپىق قازان يىپىق پىتى قالسۇن دەپ تىلپۇننى قۇيۋىتىشكەن مال
سودىلىرى كۆپ يۈز بىرىۋاتىدۇ . ئەقەللىسى نىكاھ دىگەن ئىككى ناتۇنۇش ئائىلنى مەڭگۈلۈك يىقىن تۇققانلارغا ئايلاندۇردىغان
خاسىيەتلىك ئىش .  بىراق ھازىر كىشلىرىمىز تاۋار ئىگىلىكى شارائىتىدا ھەممە نىمىنى جۈملىدىن مۇشۇ مۇقەددەس نىكاھنىمۇ
سودىغا يەنى پۇل تىپىشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرغىلى تۇردى .
توي -تۈكۈن باشلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدە قىز تەرەپكە قىز كۆرۈش ئۈچۈن بىر ئىككى تال ئالتۇن ئۈزۈك ئىلىپ بارىدىغان قائىدە
بار . قىز تەرەپ قۇشۇلغاندىن كىيىن توي كۈنى يىگىت تەرەپ يەنە ئىككى تال ئەتراپىدا ئالتۇن ئۈزۈك قىز تەرەپكە بىرىدىغان
قائىدە باركەن . بىراق ئۈزۈكنىڭ مىقدارى قانچە تال ئىلىپ كىلىدۇ بۇ قىز تەرەپكە بىرىلىدىغان سوۋغا بولغانلىقى ئۈچۈن  يىگىت تەرەپنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش ئەلۋەتتە .
بىراق تويدىن بۇرۇن ياكى تويدا قىز تەرەپ ؛--ئۈزۈك ئاز بوپ قاپتۇ . بىز ئۈچ تال دىسەك ئىككىنى ئىلىپ كەپتۇ . بىر مىسقالدىن ئىككى تال دىسەك ئەكەلگەن ئۈزۈكى بىر مىسقالغا توشمايدىكەن . ئەجەپ كۆزى كىچىك خەقكەن .
بۇنداق كىشلەر بىلەن قۇدىلاشسا ئادەمنىڭ يۈزى تۆكۈلمەمدۇ ؟ ئالتۇن ئۈزۈكنى تولۇق ئىلىپ كەلسە توينى ئۆز يۇلىدا قىلايلى
بولمىسا مەن قىزىمنى باقالماي تويىنى قىلاي دىمىدىم دەپ جىدەل چىقىرىپ توي ۋاختى بىكتىلىپ بولغان تويلارمۇ
شۇ سەۋەپلىك بۇزۇلۇپ كىتىدىغان ياكى ياكى قارشى تەرەپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازار يەپ توي باشلانماي تۇرۇپلا ئىختىلاپ
پەيدا بولۇپ تۇيى بولماقچى بولىۋاتقان قىز - يىگىتلەرنى خىجىللىق دۇنياسىغا باشلايدىغان ناچار ، مىللىتىمىزگە يات قىلمىشلار
پەيدا بولماقتا . ؟  
بىز مال ياكى ئۇلاق بولمىساق . كام بولار دىيشىپ سودا
قىلىپ كىتىدىغان .  ئۆمۈرلۈك ئىشتا قارشى تەرەپنىڭ ئەخلاقى ، ئىتقادى پەزىلىتىنى ئاساسى ئۇرۇنغا قۇيساق توغرا بولاتتى.
بەزى ئاتا - ئانىلار تويلۇق پۇلنى قانچە قىممەت سالساق قىزىمىزنىڭ قىممىتى چوڭ بولىدۇ . كۆپ پۇل بىلەن تۇي قىلغاندىكىن ئاسانلا قۇيۋىتەلمەيدۇ ، چۈنكى يەنە تۇي قىلسا شۇنچە كۆپ پۇل كىتىشنى ئويلاپ ئۆي
تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ دەيدىكەن .
قايسى كۈنى ئىككى قىز مەلۇم سۇرۇندا ؛-- ماڭا ئىككى تۈمەن تويلۇق بەرگەن ، دىسە يەنە بىرسى ؛ - سەن مەندىن ئۈچ مىڭ
يۈەن ئەرزانكەنسەن دەپ كۈلۈشۈپ كەتتى .
   ئادەمنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچەش توغرىمۇ ؟ بىر يىرىم تۈمەن ، ئىككى تۈمەن بىر قىزنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەيدىغان
باھا بولسا ھازىر ياخشى سەمرىگەن كالا ياكى ئىنەكنىڭ باھاسىمۇ ئىككى تۈمەندىن ئىشىپ كىتىدىكەنغۇ ؟
  شۇڭا قىزلار مىنىڭ تۇيلۇقۇم مانچە بولغان . مەن قىممەت سەن ئەرزان دىمىگەن بولساق ، چۈنكى ئۇنچىلىك پۇلغا ھازىر
كالا ياكى سىيىرنىمۇ بەرمەيدىغان بولدى . شۇڭا قىممىتىمىزنى پۇل بىلەن ئۆلچىمىسەك .
   مانا مۇشۇنداق سودا ياكى ئالتۇن تالىشىپ قىزلىرىنى بەخىتسىزلىككە ئىتتىرۋاتقان ئاتا -ئانىلارغا شۇنى دىگۈم كەلدى .

مىنىڭ دەيدىغىنىم ؛  بىز قىزلار ئالتۇنغا تىگەمدۇق ؟ ئەرگىمۇ ؟

مەنبە ؛ بىر مىسقال مۇنبىرى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 06:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، مەن بۇ  يازمىنى ئۆزۈم يازمىغان بولساممۇ ، تورداشلارنىڭ ھۇزۇىغا سۇندۇم ،
ۋاقتى: 2014-5-25 12:48:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى كۈچۈپ باي تورىغا چىقارغان تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت ! تېما ئىگىسىنىڭ مۇشۇ تېمىنى بارلىق ئويغۇر قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ كۈرۈشىگە ئاسانلىق بۇلۇشى ئۈچۈن بارلىق ئويغۇرچە تور بىكەتلەرگە يوللاپ قۇيۇشنى ئۈمىت قىلىمەن .
ھەي قىزلار ، سىلەر مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك ئانىلىرى ، شۇڭا سىلەر ئالتۇنغىلا تىگىشنى ئويلاشساڭلار سىلەردە ۋە بىزدە ئۈمىت قالمايدۇ . سىلەر ئالتۇندەك ئەرلەرگە تەگسەڭلار سىلەر ۋە بىزلەردە ئۈمىت-ئىشەنچ بار بۇلدۇ .
ۋاقتى: 2014-5-25 13:45:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جەميىتىمىزدە بۇ ئىشلار ئەۋجگە چىقماقتا.
ۋاقتى: 2014-5-31 09:26:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېمىكەن ، مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ھەممەيلەن چوقۇم ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك، ھەقىقىي بەخت ۋە خۇشاللىق پۇل-مال بىلەن كەلمەيدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-10 15:52 , Processed in 0.205131 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش