گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1275|ئىنكاس: 5

توي كۈنى ئەۋرەتلەر چۇقۇم ئېچىلىشى كېرەكمۇ ؟؟؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
257
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
بۇ تېما 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 30كۈنى يېزىلغان. ئاپتورى مەردان ئەختەم-بىجىرىم.
كۈندە دېگۈدەك شەھەرلەردىكى بولىۋاتقان تويلارغا قارىساق ناھايتى ھەشەمەت ۋە داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئىسراپچىلىقنى گۈزەل ئىسلاملا ئەمەس پۈتۈن ئىنسان چەكلەيدۇ. ئەمما يەنىلا شەيتان كەينىگە كىرىپ ھەرخىل نىيەتلەر بىلەن ئاران قالساممۇ ئېسىل قىلىمەن دەپ كاتتا قىلىمىز. مەن ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ تويلىرىنى كۆردىم. ئەڭ چوڭ بايقىغىنىم بولسا قويغان نازۇ نېمەت بولىدى. خۇيزۇلار ئىنتايىن ئاز قويۇپ باشقا سەي ۋە تاماقلارنى قويسا ،ئۇيغۇرلارنىڭ قويغان نازۇ نېمەت ۋە مېۋە-چېۋىلىرىلا ئۈستەلنى توشقۇزۋېتىدىكەن. بۇنى يەپ تويۇپ قالاي دېگەن قورساققا ئارقىدىنلا ئەكېلىنگەن سوغۇق سەي ، تاماق ۋە ئىسسىق سەي ... لەر نۇرغۇنلىرى ئاساسەن ئىسراپ بولۇپ خارلىنىدىكەن. بۇ باشقىلار ئالدىدا ئاران مۇشۇنچىلىك قىپتۇيەي دېيىلىپ قالماسلىق ئۈچۈنكەن ئاساسەن. نېمىشقا ئاللاھ رىزاسى نى ئويلاشمايمىز . ...  تېلۋىزىيە ۋە تورلاردا بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن ياخشى تېمىلار بار شۇڭا بىز بۈگۈن بۇنى كۆپ دىمەيلى!
ئەمدىكى نەق گەپكە كەلسە توي كۈنى ياسانغان نازۇك كېلىنچەكنىڭ  شۇنچە پۇل خەجلەپ يالىڭاچلىنىپ قالغىنىغا ھەيرانمەن. ئىسلام يۈزىسىدىن ئەمەس مىللىي پاكىز ئەنئەنىمىز بويىچە ئېلىپ ئېيتساقمۇ بۇ قانداق ياسىنىش؟!
ئەڭ ئاۋال ئەركەكلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:
ئەي ئەركەكلەر سىلەر نېمىشقا ئۆزۈڭلارغىلا تەۋە بولغان ،باشقىلار كۆرسە بولمايدىغان بۇ كۆكرەكلەرنى نېمىشقا توي كۈنى بارچە كىشىلەر ئالدىدا ئېچىپ بېرىسىلەر!؟ بۇ سىلەرنى پەخىرلەندۈرەمدۇ؟
يەنە ئاشۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا مۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:
سىلەر ئاران تەستە  بېقىپ چوڭ قىلغان ئەتىۋارلىق قىزىڭلارنىڭ ئەمدى ئۆمۈرلۈك بەخت كۈنى بولغان كۈنىدە سىلەر شۇ قىزلىرىڭلارنىڭ ھايا قىلماستىن ئاتىسى بولغان كىشىنىڭ ئالدىدا ئاچىماق يەرلىرىنى ۋە دۆمبىلىرىنى كۆرسىتىپ ئولتۇرۇشلىرىدىن سىلەر  نومۇس قىلمامسىلەر؟ ئېرىڭىزگىلا تەۋە يەرنى باشقا ئەرلەر بار يەردە ئېچىپ ئولتۇرماڭ يەنى ئۇنداق كىيىم بۇيرۇتماي مىللىي كىيىم دىن تىكىلگەن ،ئوچۇق قالمايدىغان ،بەك نېپىس ئەمەس كىيىمنى كىيىڭ ،بولمىسا بىزگە بالا بېقىپ تويىنى قىلغاننىڭ ساۋابى ئەمەس گۇناھى بولىدۇ دېيەلمەمسىلەر؟...
ئەنە شۇ گۈزەل كېلىنچەككە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:
سىز نېمىشقا سۆيگەن ئادىمىڭىزلا كۆرۈشكە تېگىشلىك ،ئىسلامدا ئەۋرەت ھېسابلىنىدىغان يەرلىرىڭىزنى زادى نېمىشقا ئېچىۋېتىپ ئاندىن يەنە تۈگىلىپ ئولتۇرىسىز؟ سىز ئۇيغۇر تۇرۇپ نېمىشقا ھېچ بىر چاكىنا ئەمەس گۈزەل مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كەيمەستىن شەكلى كۆركەم بولمىغان ئاشۇ ياۋروپانىڭ ،خىرىستىئانلارنىڭ كىيىملىرىنى كېيىسىز؟ .  باشقا چاغلاردىغۇ كېيەلمىدىڭىز شۇ مىللىي كېيىمنى ، ئەمدى شۇ  توي كۆنىمۇ كېيەلمىسىڭىز سىز قانداق ئۇيغۇر؟
مانا مۇشۇنداق سورىغۇم كېلىدۇ . زادى ئويلىنىپ باقايلى تورداشلار. مەيلى توي قىلىپ بولغان ياكى قىلماقچى بولغانلىرىڭىلار بولۇڭلار گېپىمنى چىڭ بىر ئويلىنىپ تەپسىلىي قارار چىقىرىپ بېقىڭلار.
سىلەر شۇ توي كۈنى تويى بولىۋاتقان قىزنىڭ ئوچۇق يەرلىرىگە قاراپ سەت گەپلەرنى قىلىۋاتقان بىر تەرەپتىكى مەلۇم بىر نەچچىسىنى سەزمەيسىلەر.  يەنە بىر نەچچىسىنىڭ قىزنىڭ بەدىنىنى باھالاۋاتقىنىنى سەزمەيسىلەر . ... ياكى سەزسەڭلارمۇ بۇ سىلەر ئۈچۈن مەيدەڭلارنى كېرىپ مەن نوچى دېيىشكە پېتىندۇرالامدۇ؟
بىز نېمىشقا پاكىز، چوڭ سۈپەت، ئىلىمىي، باشقىلار ئالدىدىمۇ ئېغىزىدا ياخشى گەپنى قالدۇرالىغۇدەك توي قىلمايمىز. شۇنچە پۇلغا چىدىغان كىشى بىر مەخسۇس مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئوچۇق قالمايدىغان توي كىيىمى بۇيرۇتۇشقا چىقىنالمىدۇقمۇ؟كېلىننىڭ كۆكرەك، دۆمبىلىرى شۇنچىلىك ئوچۇق كىينگەنلەرنى كۆرىمىز. توي كۈنىمۇ بولسا ئىسلامغا ۋە ئەنئەنىگە يېقىن بولايلى.
بىز ئۇيغۇرلاردىن قانداقلىكى ئادەمدىن سەن مۇسۇلمانمۇ دېسە ھېچكىم ياق دېمەيدۇ ،مەيلى ئۇ ھاراقكەش بولسۇن، پائىشۋاز بولسۇن، ياكى... .  شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنىغۇ ئۇنتۇپلا كېتىپ ، ھەتتا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا شەرەپسىزلەرچە ياۋروپانىڭ يەھۇدىيلىرىغا ئەگىشەمدۇق جېنىم قېرىنداشلىرىم! ئۇنداق قىلساق كىم ئۇيغۇرنى تونۇيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ نېمە خاسلىقى قالىدۇ . توي كۈنى قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھتىن بەخىتلىك ئۆتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز . شۇ دۇئانى ئىجابەت قىلغۇچى ئاللاھ رازى بولغۇدەك توي قىلساق بولار ئىدى.
دۆلەتمۇ ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىنى ھېچ بىر توسقىنى يوققۇ؟ ئويلىنىپ كۆرەيلى!...
   مەزكۇر  ماقالە   ،  بىجىرىم  تورىدىن ئېلىندى
ۋاقتى: 2014-5-25 12:39:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى تېما ئىكەن بۇ ؛قىلەم ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت !
مۈمكىن بولسا مۇشۇ تېمىنى ئويغۇرلىرىمىز كۆپىرەك كۈرىدىغان بارلىق ئويغۇرچە تور بەتلەرگە يوللىساق دەيمەن . قېنى قيسىڭلار يوللاشىنى بىلسىلەر . ھەر قانداق ئىنسان بۇ قىسقىغىنغا ھاياتىدا ساۋاپلىق ئىشنى قىلىپ ياشىشى كىرەك . مۇشۇ تېمىنى يوللاپ بارلىق تور بەتلەرگە چىقارغىنىڭىزنىڭ ئۈزى بىر ياخشى ساۋاپ .
ۋاقتى: 2014-5-25 13:11:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىمكەن جۇمۇ
ۋاقتى: 2014-5-25 13:42:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختەرجان بۇ ئىللەتنى تۈزتىش مۇمكىن ئەمەس.
ۋاقتى: 2014-6-10 13:23:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايرام-ئوغلى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 13:42
مۇختەرجان بۇ ئىللەتنى تۈزتىش مۇمكىن ئەمەس.

مۇشۇنداق دىگىلى تۇرساق ئەلۋەتتە تۈزەتكىلى بولمايدۇ،بۇنىڭدا سىز،مەن،ئۇ،ۋە باشقىلار ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز،تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
مەن مۇشۇ تېمىنى بىزگە يۇرۇتۇپ بەرگەن تېما ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن:رەھمەت سىزگە!!
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 13:33 , Processed in 0.205016 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش